« كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت »

4

ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىلىرى

1شۇنداق ئىكەن، سىلەر بىزنى پەقەت ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرى، دەپ قارىشىڭلار كېرەك. خۇدا بىزگە ئۆزىنىڭ بۇرۇن ئاشكارىلىمىغان ھەقىقەتلىرىنى سىلەرگە چۈشەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان.2بىرەر ۋەزىپىنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى ئىشەنچلىك بولۇشتۇر.3سىلەر ئېيتىڭلارچۇ، مەن ئىشەنچلىك خىزمەتكارمۇ؟ كىشىلەر ماڭا قانداق باھا بەرسە بېرىۋەرسۇن. ئىشقىلىپ، ئۇلارنىڭ باھاسى ماڭا نىسبەتەن ئەرزىمەس بىر ئىشتۇر. ھەتتا ئۆزۈممۇ ئۆزۈمگە باھا بەرمەيمەن.4مەن ئۆز خىزمىتىمدە خاتالىق يوق دەپ قارىساممۇ، لېكىن بۇ پىكرىم ئۆزۈمنى ئاقلىيالمايدۇ. خىزمىتىمنى باھالىغۇچى پەقەت رەببىمدۇر.5شۇنىڭ ئۈچۈن، رەببىمىز قايتىپ كەلمىگۈچە، باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە باھا بەرمەڭلار. چۈنكى، ئۇ قايتىپ كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يوشۇرۇنغان بارلىق ئىشلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىكى مەقسەتلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. ئۇ چاغدا، خۇدا ھەركىمنى ئۆزىگە تېگىشلىك ماختاشقا سازاۋەر قىلىدۇ.

6قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ مەنپەئىتىڭلار ئۈچۈن بۇ ئىشلارغا ئۆزۈمنى ۋە ئاپوللوسنى مىسال قىلدىم. مېنىڭ مەقسىتىم، سىلەرنىڭ «مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغانلارغا خىلاپلىق قىلماڭلار» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ، بىرىمىزنى يەنە بىرىمىزدىن ئۈستۈن باھالاپ ماختانماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر.7نېمىشقا سىلەر ئۆزۈڭلارنى باشقىلاردىن ئۈستۈن دەپ قارايسىلەر؟ ئەجەبا، سىلەردە بار بولغان بارلىق ئىلتىپاتلار خۇدا تەرىپىدىن بېرىلمىگەنمۇ؟ ئۇنداقتا، سىلەر نېمىشقا بۇ ئىلتىپاتلارغا خۇددى ئۆزۈڭلارغا تايىنىپ ئېرىشكەندەك ماختىنىسىلەر؟

8سىلەر ھازىر بىز موھتاج بولغان ھەممە ئىلتىپاتلارغا ئىگە بولدۇق، ئېتىقاد جەھەتتىكى بارلىق قابىلىيەتلەرگە ئېرىشتۇق، دەپ ئويلايدىكەنسىلەر-دە!؟ سىلەر ئۆزۈڭلارچە كۆرەڭلەپ، بىزنى كۆزگە ئىلماي، ئۆزۈڭلارلا پادىشاھتەك بولۇۋاپسىلەر-دە!؟ مەن ھەقىقەتەنمۇ سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ھۆكۈم سۈرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، راستتىنلا شۇنداق بولغان بولساڭلار، بىزمۇ سىلەر بىلەن بىللە ھۆكۈم سۈرگەن بولاتتۇق!9لېكىن مېنىڭچە، خۇدا بىز ئەلچىلەرنى ئەڭ تۆۋەن ئورۇنغا قويدى. چۈنكى، بىز خۇددى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، سازايى قىلىنغان مەھبۇسلاردەك، پۈتكۈل كائىنات، يەنى پەرىشتىلەر ۋە ئىنسانلار ئالدىدا تاماشىغا قالدۇق.10بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، كۆپچىلىك تەرىپىدىن نادانلار دەپ قارالدۇق، لېكىن سىلەر بولساڭلار ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارنى «ئەقىللىق» دەپ قاراۋاتىسىلەر. بىز ئاجىز دەپ قارالدۇق. لېكىن، سىلەر بولساڭلار ئۆزۈڭلارنى ئېتىقادىمىز «كۈچلۈك» دەپ ھېسابلاۋاتىسىلەر. سىلەر ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدۇڭلار، لېكىن بىز بولساق كەمسىتىلدۇق!11بىز تا ھازىرغىچە پات-پاتلا ئاچ-يالىڭاچ، ئۇرۇپ-سوقۇلۇش، سەرسانلىق-سەرگەردانلىقتا يۈرۈۋاتىمىز.12ئىككى بىلىكىمىزگە تايىنىپ، ئىشلەپ جان بېقىۋاتىمىز. بىزگە تىل-ئاھانەت قىلغانلارغا بەخت تىلەۋاتىمىز، زىيانكەشلىككە ئۇچرىساق، بەرداشلىق بېرىۋاتىمىز.13تۆھمەت قىلىنساق، مېھرىبانلارچە جاۋاب قايتۇرۇۋاتىمىز. بىز تا ھازىرغىچە دۇنيانىڭ ئەخلىتى، ئىنسانلارنىڭ سۈپۈرۈندىسى، دەپ قارىلىۋاتىمىز.

14بۇ سۆزلەرنى يېزىشتىكى مەقسىتىم، سىلەرنى خىجىل قىلىش ئەمەس، بەلكى سىلەرنى سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىم دەپ قاراپ، سىلەرگە تەلىم بېرىشتۇر.15ئەيسا مەسىھكە باغلانغان يېڭى ھاياتىڭلاردا سىلەرگە تەلىم بەرگۈچىلەر كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئاتاڭلار پەقەت مەن بىرلا. چۈنكى، سىلەر مەن يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغاندا، مەن سىلەرنىڭ ئېتىقاد جەھەتتىكى ئاتاڭلار بولدۇم.16شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرنىڭ مېنى ئۈلگە قىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن.17ئېتىقاد يولىدا ئۆز ئوغلۇمدەك قەدىرلىك ۋە ئىشەنچلىك بولغان تىموتىينى مۇشۇنداق قىلىشىڭلارغا ياردەم بەرسۇن دەپ، يېنىڭلارغا ئەۋەتىمەن. ئۇ سىلەرگە مېنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان يېڭى ھاياتىمنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىمنى ئەسلىتىدۇ. بۇ دەل مېنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى جامائەتچىلىككە ئۆگەتكەنلىرىم بىلەن بىردەك.

18ئاراڭلاردا بەزىلەر مېنى يېنىمىزغا كەلمەيدۇ دەپ ئويلاپ، تەكەببۇرلۇق قىلىۋاتىدۇ.19لېكىن، خۇدا بۇيرۇسا، يېقىندا چوقۇم يېنىڭلارغا بارىمەن. ئۇ چاغدا، بۇ ھاكاۋۇرلارنىڭ نېمىنى سۆزلەيدىغانلىقىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلاردا مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ زادى بار ياكى يوقلۇقىنى كۆرۈپ باقىمەن.20چۈنكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سۆز ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق ئايان بولىدۇ.21سىلەرگە تاياق ئېلىپ بارايمۇ ياكى مېھىر-مۇھەببەت ۋە مۇلايىملىقمۇ؟ قايسىسىنى خالايسىلەر؟

ئۈندىدار سالونىمىز

ئۇندىدار

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر