« يۇھاننا يازغان ئۈچىنچى خەت »

1

1قەدىرلىك گايۇسقا، مەنكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىسىدىن سالام! مەن چىن كۆڭلۈمدىن سېنى سۆيىمەن. 2قەدىرلىك دوستۇم، قەلبىڭ ساغلام بولغاندەك، ھەممە ئىشلىرىڭنىڭ ئوڭۇشلۇق ۋە تېنىڭنىڭ سالامەت بولۇشىغا تىلەكداشمەن. 3بەزى قېرىنداشلار كېلىپ، سېنىڭ خۇدانىڭ ھەقىقىتىدە چىڭ تۇرغانلىقىڭنى، يەنى ھەقىقەت يولىدا داۋاملىق مېڭىۋاتقانلىقىڭنى ئېيتقاندا، مەن بەك خۇرسەن بولدۇم. 4مەن ئۈچۈن، پەرزەنتلىرىمنىڭ ھەقىقەت يولىدا مېڭىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاشتىنمۇ چوڭ خۇشاللىق يوقتۇر.

خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولىدىغانلارغا ياردەم بېرىش

5قەدىرلىك دوستۇم، ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا كەلگەن قېرىنداشلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا ساڭا ناتونۇش بولسىمۇ، سەن ئۇلارغا ياردەم بېرىپ كەلدىڭ. بۇ سېنىڭ خۇداغا بولغان ساداقەتمەنلىكىڭنى كۆرسىتىدۇ. 6ئۇلار بۇ يەردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئالدىدا سېنىڭ بۇ مېھىر-مۇھەببىتىڭگە گۇۋاھلىق بەردى. ئۇلارنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق كۈتۈۋېلىپ، خۇدانى خۇرسەن قىلغان ھالدا ئۇلارنىڭ سەپىرىگە ياردەم بەرسەڭ، ياخشى قىلغان بولىسەن. 7چۈنكى، ئۇلار بۇ سەپەردە ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ ھەرقانداق ياردىمىنى قوبۇل قىلماي، ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمىتىدە يولغا چىقتى. 8شۇڭا، بىز بۇنداق ئىخلاسمەن كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ھەقىقەت يولىدا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىمىز كېرەك.

9بۇ توغرۇلۇق جامائەتچىلىككە بىر پارچە خەت يازغانىدىم. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىنى چوڭ تۇتۇۋالغان، جامائەتچىلىككە باشلىق بولۇش تەمەسىدە بولغان دىئوتىرىپ بىزنىڭ سۆزىمىزگە كىرمىدى. 10شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن بارغاندا، ئۇنىڭ قىلغان ئەسكىلىكلىرىنى يۈزىگە سالىمەن. ئۇ بىزگە رەزىل سۆزلەر بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ. ھەتتا بۇ قېرىنداشلىرىمىزنى قوبۇل قىلماقچى بولغان كىشىلەرنى توسۇپ، ئۇلارنى جامائەتچىلىكتىن قوغلاپ چىقىرىۋاتىدۇ.

11قەدىرلىك دوستۇم، يامانلىقتىن ئەمەس، ياخشىلىقتىن ئۈلگە ئال. ياخشىلىق قىلغان كىشى خۇداغا مەنسۇپتۇر. يامانلىق قىلغان كىشى خۇدانى تونۇپ يەتمىگەندۇر.

12دېمىترگە كەلسەك، ھەممەيلەن ئۇنى ياخشى ئادەم، دەپ ماختىماقتا. بۇنى ئۇنىڭ ھەقىقەت يولىدا قانداق ماڭغانلىقىدىنمۇ بىلگىلى بولىدۇ. بىزمۇ ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمىز. گۇۋاھلىقىمىزنىڭ راستلىقىنى سەنمۇ بىلىسەن.

ئاخىرقى سۆز

13ساڭا دەيدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى. لېكىن، قەلەم بىلەن سىياھنى ئىشلەتكەندىن كۆرە، 14سەن بىلەن پات ئارىدا دىدار كۆرۈشۈشنى ئەۋزەل بىلدىم. شۇ چاغدا سۆزلىشەرمىز. 15ئامانلىق ساڭا يار بولسۇن! دوستلىرىڭدىن ساڭا سالام. سەنمۇ ئۇ يەردىكى دوستلىرىمىزنىڭ ھەممىسىگە مەندىن سالام ئېيتقايسەن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى