« ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى »

18

كورىنت شەھىرىدە

1بۇ ئىشلاردىن كېيىن، پاۋلۇس ئافىنا شەھىرىدىن كورىنت شەھىرىگە باردى. 2پاۋلۇس ئۇ يەردە پونتۇس ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان ئاكۋىلا ئىسىملىك بىر يەھۇدىي بىلەن ئۇنىڭ ئايالى پرىسكىلانى ئۇچراتتى. ئۇلار رىملىق كلاۋدىيۇس پادىشاھنىڭ پۈتۈن يەھۇدىيلارنىڭ رىم شەھىرىدىن چىقىپ كېتىشى توغرىسىدىكى بۇيرۇقى سەۋەبلىك يېقىندا ئىتالىيىدىن كەلگەنىدى. پاۋلۇس ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ، 3ئۇلارنىڭ يېنىدا قېلىپ ئىشلىدى. چۈنكى، بۇرۇندىن چېدىر ياساش بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان پاۋلۇس ئۇلار بىلەن كەسىپداش چىقىپ قالدى. 4يەھۇدىيلارنىڭ ھەربىر دەم ئېلىش كۈنىدە، پاۋلۇس ئىبادەتخانىغا بېرىپ، يەھۇدىيلار ۋە گرېكلار بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلارنى ئۆز تەلىمىنىڭ راست ئىكەنلىكىگە قايىل قىلىشقا تىرىشاتتى.

5سىلاس بىلەن تىموتىي ماكېدونىيىدىن كەلگەندىن كېيىن، پاۋلۇس بارلىق ۋاقتىنى خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈشكە سەرپ قىلىپ، يەھۇدىيلارغا ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردى. 6لېكىن، ئۇلار ئۇنىڭغا قارشى چىقتى ۋە ئۇنى ھاقارەتلىدى. بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس پېشىنى قېقىپ، ئۇلارغا:

_ ئەگەر سىلەر قۇتقۇزۇلمىساڭلار، مەن جاۋابكار ئەمەس، ئۆزۈڭلار جاۋابكار. بۈگۈندىن باشلاپ، مەن خۇش خەۋەرنى سىلەرگە ئەمەس، يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزىمەن، _ دېدى.

7بۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس ئۇلاردىن ئايرىلىپ، تىتىيۇس يۇستۇس ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تۇردى. ئۇ يەھۇدىي بولمىسىمۇ، يەھۇدىي دىنىنى ياقلايدىغان ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيى ئىبادەتخانىنىڭ يېنىدا ئىدى. 8ئىبادەتخانىنىڭ مەسئۇلى كرىسپۇس پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. يەنە نۇرغۇن يەھۇدىي ئەمەس كورىنتلىقلارمۇ پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىدى ۋە چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.

9بىر كېچە، پاۋلۇسقا بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈندى. بۇ ئالامەتتە رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ قورقما، سۈكۈت قىلماي سۆزلە. 10مەن سەن بىلەن بىللە. ساڭا ھېچكىم زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ. چۈنكى، بۇ شەھەردە نۇرغۇن كىشىلىرىم بار! _ دېدى.

11شۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس ئۇ يەردە بىر يېرىم يىل تۇرۇپ، ئۇ يەردىكى كىشىلەرگە خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزدى.

12غاللىيو يۇنان ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى بولغان ۋاقتىدا، يەھۇدىيلار بىرلىشىپ پاۋلۇسنى تۇتۇپ سوتقا ئاپىرىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن:

13_ بۇ ئادەم كىشىلەرنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا قۇتراتتى! _ دەپ شىكايەت قىلدى.

14پاۋلۇس سۆز باشلاي دەپ تۇرۇشىغا، ۋالىي غاللىيو ئۇلارغا:

_ ئەي يەھۇدىيلار! ئەگەر سىلەرنىڭ شىكايىتىڭلار بىر ناھەقلىق ياكى بىرەر ئېغىر جىنايەت توغرىسىدا بولسىدى، ئەلۋەتتە سەۋرچانلىق بىلەن سىلەرگە قۇلاق سېلىشىمغا توغرا كېلەتتى. 15بىراق، تالاش-تارتىشىڭلار دىنىي قانۇنۇڭلاردىكى بەزى ئىسىملار ۋە سۆزلەر توغرىسىدا ئىكەن، ئۇنى ئۆزۈڭلار ھەل قىلىڭلار. مەن بۇنداق كىچىك ئىشلارنى سوراق قىلمايمەن! _ دېدى.

16بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار سوتتىن ھەيدەپ چىقىرىلدى. 17خالايىق يەھۇدىي ئىبادەتخانىسىنىڭ مەسئۇلى سوستېنىسنى تارتىپ چىقىپ، سوراقخانىنىڭ ئالدىدا قاتتىق ئۇردى. بىراق، ۋالىي غاللىيو بۇ ئىشقا قىلچە پىسەنت قىلمىدى.

پاۋلۇسنىڭ ئانتاكيا شەھىرىگە قايتىپ كېلىشى

18پاۋلۇس كورىنت شەھىرىدە ئېتىقادچىلار بىلەن يەنە بىر مەزگىل تۇردى. كېيىن، ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، پرىسكىلا ۋە ئاكۋىلالار بىلەن كېمىگە ئولتۇرۇپ، سۈرىيە ئۆلكىسىگە كەتتى. يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، ئۇ دېڭىز بويىدىكى كېنھېرىيە شەھىرىدە چاچلىرىنى كەستۈرۈۋەتتى. چۈنكى، ئۇ خۇداغا بىر قەسەم قىلغانىدى. 19ئۇلار ئەفەس شەھىرىگە بارغاندىن كېيىن، پاۋلۇس پرىسكىلا ۋە ئاكۋىلا بىلەنمۇ خوشلاشتى. ئۇ كېتىشتىن بۇرۇن ئىبادەتخانىغا بېرىپ، يەھۇدىيلار بىلەن ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە سۆھبەتلەشتى. 20ئۇلار ئۇنى بىرنەچچە كۈن ئۇزۇنراق تۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى، لېكىن پاۋلۇس قوشۇلمىدى. 21پاۋلۇس ئۇ يەردىن ئايرىلىش ۋاقتىدا، ئۇلارغا:

_ خۇدا بۇيرۇسا، سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا يەنە كېلىمەن، _ دېدى، ئاندىن ئەفەستىن كېمە بىلەن يولغا چىقتى.

22پاۋلۇس قەيسەرىيە شەھىرىدە كېمىدىن چۈشۈپ، يېرۇسالېمغا باردى. ئۇ يەردىكى ئېتىقادچىلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئانتاكيا شەھىرىگە كەتتى. 23ئۇ ئانتاكيادا ئېتىقادچىلار بىلەن خېلى كۆپ ۋاقىت تۇرۇپ، يەنە يولغا چىقتى ۋە گالاتىيا ۋە فرىگىيە رايونلىرىنى ئارىلاپ، بارغانلا يېرىدە ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتتى.

ئاپوللوسنىڭ ئەفەس ۋە كورىنت شەھەرلىرىدە تەلىم بېرىشى

24بۇ ئارىدا، ئىسكەندەرىيە شەھىرىدە تۇغۇلغان ئاپوللوس ئىسىملىك بىر يەھۇدىي ئەفەس شەھىرىگە كەلدى. ئۇنىڭ سۆز قابىلىيىتى ئۈستۈن بولۇپ، مۇقەددەس يازمىلاردىن خېلى ساۋاتى بار ئىدى. 25رەببىمىزنىڭ يولى توغرۇلۇق مەلۇم دەرىجىدە تەلىم ئالغان ئاپوللوس رەببىمىز ئەيسا ھەققىدە قىزغىن سۆزلەپ تەلىم بېرەتتى. ئۇنىڭ تەلىمى توغرا بولسىمۇ تولۇق ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇ چۆمۈلدۈرۈلۈش توغرۇلۇق يەھيا پەيغەمبەرنىڭ سۇغا چۆمۈلدۈرۈشىدىنلا بىلەتتى. 26ئاپوللوس ئىبادەتخانىدا يۈرەكلىك سۆزلەشكە باشلىدى. ئاڭلاۋاتقانلاردىن پرىسكىلا بىلەن ئاكۋىلا ئۇنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا خۇدانىڭ يولىنى تېخىمۇ تولۇق چۈشەندۈردى. 27كېيىن ئاپوللوس يۇنان ئۆلكىسىگە بارماقچى بولغاندا، ئەفەسلىك ئېتىقادچىلار ئۇنىڭغا ياردەمدە بولۇپ، يۇناندىكى ئېتىقادچىلارغا خەت يېزىپ، ئۇلاردىن ئاپوللوسنى كۈتۈۋېلىشنى سورىدى. ئاپوللوس يۇنانغا بېرىپ، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغانلارغا چوڭ ياردەمدە بولدى. 28ئۇ جامائەت ئالدىدا يەھۇدىيلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ، ئۇلارغا كۈچلۈك رەددىيە بەردى ھەمدە مۇقەددەس يازمىلارنى ئاساس قىلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ بەردى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى