« فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت »

4

پەند-نەسىھەتلەر

1ئەي سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، مەن سىلەرنى سۆيىمەن، سىلەرنى كۆرۈشكە شۇ قەدەر تەشنامەن! سىلەر مېنىڭ خۇشاللىقىم ھەم پەخرىمسىلەر. رەببىمىزگە بولغان ئېتىقادىڭلاردا قىلچە تەۋرەنمەڭلار. 2ئېۋودىيا ۋە سىنتىخە خانىم، سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن چىقىشىپ ئۆتۈڭلار. 3ئەي سادىق ھەمكارىم، سەندىن شۇنى تەلەپ قىلىمەنكى، بۇ ئىشتا سەنمۇ بۇ ئىككى خانىمغا ياردەم قىل. چۈنكى، ئۇلار مەن ۋە كلېمېنت بىلەن، شۇنداقلا نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەن باشقا خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە خۇش خەۋەرنى تارقىتىش يولىدا قان-تەر سىڭدۈرگەن.

4رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ھەمىشە شاد-خۇرام بولۇڭلار. يەنە تەكرارلايمەنكى، شاد-خۇرام بولۇڭلار! 5خۇش پېئىللىقىڭلار پۈتكۈل ئىنسانغا ئايان بولسۇن. ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە ئاز قالدى. 6ھېچ نەرسىدىن غەم قىلماڭلار. ئەكسىچە، ھەرقانداق تەلىپىڭلار بولسا دۇئا-تىلاۋەت ئارقىلىق خۇدادىن تىلەڭلار ۋە شۈكۈر ئېيتىڭلار. 7شۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان تىنچلىقى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارنى ۋە ئوي-پىكرىڭلارنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق تىنچلاندۇرىدۇ.

8قېرىنداشلىرىم، سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا شۇنى ئېيتىمەنكى، ھەقىقىي، ماختاشقا ئەرزىيدىغان، ئادىل، پاك، گۈزەل، شەرەپلىك، ئەخلاق-پەزىلەتلىك ۋە مەدھىيىلەشكە سازاۋەر ھەرقانداق ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇڭلار. 9مەندىن ئۆگەنگەن، قوبۇل قىلغان، ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىرىڭلارنى ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلاردا كۆرسىتىڭلار. شۇنداق بولغاندا، خاتىرجەملىك بېرىدىغان خۇدا سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ.

پاۋلۇسنىڭ تەشەككۈرى

10ماڭا يەنە بىر قېتىم غەمخورلۇق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم ۋە رەببىمىزگە شۈكۈر ئېيتتىم. ھەقىقەتەنمۇ سىلەر ماڭا ئەزەلدىن غەمخورلۇق قىلىپ كەلدىڭلار، لېكىن ئۇنى ئىپادىلىشىڭلارغا پەقەت پۇرسەت بولماي كەلدى. 11بۇنى بىرەر ئېھتىياجىم تۈپەيلىدىن ئېيتىۋاتقىنىم يوق، چۈنكى مەن ھەرقانداق ئەھۋالدا بارىغا قانائەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم. 12مەن مەيلى نامراتلىق ياكى باياشاتلىق بولسۇن، مەيلى توقچىلىق ياكى ئاچارچىلىق بولسۇن، مەيلى مولچىلىق ياكى غۇربەتچىلىك بولسۇن، ھەرقاچان، ھەرقانداق ئەھۋالدا قانائەت قىلىشنى بىلىۋالدىم. 13مەن ماڭا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلغۇچى رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە تايىنىپ، خۇدا مەندىن تەلەپ قىلغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن. 14شۇنداقتىمۇ، سىلەر قىيىنچىلىقلىرىمغا ياردەم بېرىپ ياخشى قىلدىڭلار.

15ئەي فىلىپىلىكلەر، سىلەرگە مەلۇمكى، مەن سىلەرگە بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشنى باشلىغان ۋە ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن ئايرىلغان چاغلىرىمدا، سىلەردىن باشقا ھېچقانداق ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ماڭا ياردەم بەرمىدى. 16سالونىكا شەھىرىدىكى ۋاقتىمدىمۇ، سىلەر ماڭا بىرنەچچە قېتىم ياردەم بېرىپ، ئېھتىياجىمدىن چىقتىڭلار. 17مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم، سىلەردىن بىرەر سوۋغات تەلەپ قىلىش ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن ياردىمىڭلار ئۈچۈن خۇدانىڭ سىلەرگە زور بەخت قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىشتۇر. 18مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن بارلىق سوۋغىتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم. بۇ مېنىڭ ئېھتىياجىمدىن ئېشىپ كەتتى، ئەلۋەتتە. ئېپافرودىت ئارقىلىق ئەۋەتكەن سوۋغىتىڭلارنى ئېلىپ، ھەممە نەرسەم تېخىمۇ تولۇقلىنىپ كەتتى. بۇ سوۋغاتلار خۇددى خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىقتەك، خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. 19شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ماڭا غەمخورلۇق قىلغان خۇدا ئۆزىنىڭ مول بايلىقى بىلەن سىلەرنىڭمۇ ھەممە ئېھتىياجىڭلارنى قاندۇرىدۇ. 20بارلىق شان-شەرەپ ئەبەدىلئەبەد خۇدائاتىمىزغا مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!

ئاخىرقى سالام

21ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان بارلىق مۇقەددەس خەلققە سالام. مەن بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلاردىنمۇ سىلەرگە سالام. 22بۇ يەردىكى مۇقەددەس خەلقتىن، بولۇپمۇ رىم ئىمپېراتورىنىڭ ئوردىسىدىكى خىزمەتكار قېرىنداشلاردىن سىلەرگە سالام.

23رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي!

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى