« مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر »

11

يەھيا پەيغەمبەرنىڭ سوئالى

1ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتىغا تاپىلاپ بولغاندىن كېيىن، جەلىلىيىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە تەلىم بېرىش ۋە خۇش خەۋەرنى جاكارلاش ئۈچۈن، ئۇ يەردىن ئايرىلدى.

2زىنداندىكى يەھيا پەيغەمبەر ئەيسا مەسىھنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلاپ، شاگىرتلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلار ئارقىلىق ھەزرىتى ئەيسادىن: 3«خۇدا بىزگە ئەۋەتمەكچى بولغان قۇتقۇزغۇچى سىزمۇ ياكى باشقا بىرسى كېلەمدۇ؟» دەپ سورىدى.

4ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر قايتىپ بېرىپ، ياراتقان مۆجىزىلىرىمنى ۋە ئېيتقان تەلىملىرىمنى يەھياغا يەتكۈزۈپ: 5«كورلارنىڭ كۆزى ئېچىلدى، توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ھەتتا ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلدى» دەپ ئېيتىڭلار. 6يەھياغا يەنە: «مەندىن گۇمانلانماي، ماڭا تەۋرەنمەي ئىشەنگەنلەر نېمىدېگەن بەختلىك!» دەپ قويۇڭلار، _ دېدى.

7يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى كەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە يەھيا توغرۇلۇق مۇنداق دېدى:

_ سىلەر بۇرۇن يەھيانى ئىزدەپ چۆلگە بارغىنىڭلاردا، زادى قانداق بىر ئادەمنى كۆرمەكچىدىڭلار؟ مەيدانى شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان قومۇشتەك تەۋرىنىپ تۇرىدىغان بىر ياخشىچاقنىمۇ؟ 8ياكى چىرايلىق كىيىنگەن بىر ئېسىلزادىنىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! بۇنداق كىيىملەرنى كىيىدىغانلار چۆلدىن ئەمەس، خان ئوردىسىدىن تېپىلىدۇ. 9ئەمەلىيەتتە، سىلەر بىر پەيغەمبەرنى كۆرگىلى چىقتىڭلار. ئەمدى بىلىپ قويۇڭلاركى، يەھيا پەيغەمبەردىنمۇ ئۈستۈندۇر. 10چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا:

«مانا، ئالدىڭدا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن.

ئۇ سېنىڭ يولۇڭنى ئالدىنئالا تەييارلايدۇ»

دەپ يېزىلغان ۋە بۇ يەردىكى «ئەلچىم» دەل يەھيا پەيغەمبەرنى كۆرسىتىدۇ. 11بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىنسانلار ئارىسىدا چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيادىنمۇ ئۇلۇغ كىشى ئوتتۇرىغا چىققىنى يوق، ئەمما ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس بىرسىمۇ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ بولىدۇ. 12چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا ئوتتۇرىغا چىققان كۈنلەردىن بېرى، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى زوراۋانلىققا ئۇچرىماقتا. زوراۋانلار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلماقتا. 13خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدا يەھيا پەيغەمبەرنىڭ زامانىغىچە بولغان بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىملىرىدە، شۇنداقلا تەۋراتتا ئالدىن بېشارەت بېرىلگەن. 14ئەگەر قوبۇل قىلالىساڭلار، مېنىڭ «قايتىپ كېلىشى مۇقەررەر بولغان ئىلياس پەيغەمبەر دەل يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئۆزىدۇر.» دېگەن سۆزۈمگە ئىشىنىڭلار.* 15بۇ سۆزلەرنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار!

16بۇ زاماننىڭ سىلەردەك كىشىلىرىنى زادى كىملەرگە ئوخشىتاي؟ ئۇلار خۇددى كوچىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، بىر-بىرىگە: 17«بىز سىلەرگە سۇناي چېلىپ بەرسەك، ئۇسسۇل ئوينىمىدىڭلار. ماتەم مۇزىكىسىنى چېلىپ بەرسەك، ھازىمۇ تۇتمىدىڭلار» دەپ رەنجىيدىغان تۇتۇرۇقسىز بالىلارغا ئوخشايدۇ.

18چۈنكى، يەھيا پەيغەمبەر كېلىپ روزا تۇتاتتى، شاراب ئىچمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار: «ئۇنىڭغا جىن تېگىپتۇ» دېيىشتى. 19ئىنسانئوغلى بولسا ھەم يەيدۇ ھەم ئىچىدۇ. بىراق، ئۇلار: «تازا بىر تويماس ھاراقكەش ئىكەن. ئۇ باجگىر ۋە باشقا گۇناھكارلارنىڭ دوستى» دېيىشىدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، ھېكمەت بەرگەن مېۋىسى بىلەن تونۇلىدۇ.

ھەزرىتى ئەيسانى رەت قىلغانلار

20ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن شەھەرلەردىكى توۋا قىلمىغانلارنى ئەيىبلەپ، مۇنداق دېدى:

21_ ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قورازىنلىقلار! ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بەيتسايدالىقلار! سىلەر ئۈچۈن ياراتقان مۆجىزىلىرىمنى تىر ۋە سىدون دېگەن ياتلار شەھەرلىرىدە ياراتقان بولسام، ئۇ يەرلەردىكى خەلق بۇرۇنلا مەيۈسلەنگەن ھالدا ماتاغا يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ، گۇناھلىرىغا توۋا قىلغان بولاتتى. 22بىلىپ قويۇڭلاركى، قىيامەت كۈنى خۇدانىڭ سىلەرگە بېرىدىغان جازاسى تىر ۋە سىدوندىكىلەرنىڭكىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ. 23ئەي كەپەرناھۇملۇقلار! ئاسمانغا چىقماقچىمىدىڭلار؟ ئەكسىچە، دوزاخقا تاشلىنىسىلەر. چۈنكى، ئاراڭلاردا ياراتقان مۆجىزىلىرىمنى سودومدا ياراتقان بولسام، ئۇ شەھەر بۈگۈنكى كۈنگىچە مەۋجۇت بولغان بولاتتى. 24شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، قىيامەت كۈنى خۇدانىڭ سىلەرگە بېرىدىغان جازاسى سودومدىكىلەرنىڭكىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ خۇشاللىقى

25شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاتا! سەن بۇ ھەقىقەتلەرنى ئۆزىنى ئەقىللىق، بىلىملىك چاغلايدىغان كىشىلەردىن يوشۇرۇپ، كىچىك بالىلاردەك سەبىي كىشىلەرگە ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن، ساڭا مەدھىيىلەر ئوقۇيمەن. 26شۇنداق ئاتا، سېنىڭ ئۆز خاھىشىڭ ئەنە شۇ ئىدى.

27ئاتام ھەممىنى ماڭا تەقدىم قىلدى. مېنى ئاتامدىن باشقا ھېچكىم ھەقىقىي تونۇمايدۇ. ئاتامنىمۇ مەن ۋە مەن ئۆزۈم ئاشكارىلاشنى خالايدىغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم ھەقىقىي تونۇمايدۇ.

28ئەي جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغانلار! مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي. 29مۇلايىم ۋە كەمتەرمەن. شۇڭا، مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمغا كىرىپ، مەندىن ئۆگىنىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، كۆڭلۈڭلار ئارام تاپىدۇ. 30مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمدا بولۇش ئاسان، تەلىپىم ئېغىر ئەمەس.



*14يەھۇدىيلار تەۋراتتىكى «قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ كېلىشتىن بۇرۇن ئىلياس پەيغەمبەر مەسىھنىڭ يولىنى تەييارلاش ئۈچۈن قايتىپ كېلىدۇ» دېگەن بېشارەتكە ئاساسەن ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتۈۋاتقانىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئىلياس پەيغەمبەردەك كۈچ-قۇدرەت بىلەن كەلگەن يەھيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئېيتقان.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى