« مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر »

12

دەم ئېلىش كۈنى ھەققىدىكى مەسىلە

1شۇ كۈنلەردىكى بىر دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا بۇغدايلىقتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. قورسىقى ئېچىپ كەتكەن شاگىرتلىرى باشاقلارنى ئۈزۈۋېلىپ، يېيىشكە باشلىدى. 2بۇنى كۆرگەن پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيساغا:

_ قاراڭ، شاگىرتلىرىڭىز دەم ئېلىش كۈنى چەكلەنگەن ئىشنى* قىلىۋاتىدۇ، _ دېيىشتى.

3ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ پادىشاھ داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئاچ قالغاندا قانداق قىلغانلىقىنى مۇقەددەس يازمىلاردىن ئوقۇمىغانمۇ؟ 4ئۇ ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جايغا كىرىپ، خۇداغا ئاتالغان نانلارنى روھانىيدىن سوراپ، ھەمراھلىرى بىلەن بىللە يېگەن. ھالبۇكى، بۇ نانلارنى روھانىيلاردىن باشقا ھەرقانداق كىشىنىڭ يېيىشى تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ئىدى. 5شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغان روھانىيلار دەم ئېلىش كۈنلىرى ئىشلىمەسلىك ئەمرىنى بۇزسىمۇ، تەۋراتتا ئۇلار گۇناھكار دەپ يېزىلمىغان. سىلەر بۇنى ئوقۇپ باقمىغانمۇ؟ 6بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ يەردە ئىبادەتخانىدىنمۇ ئۇلۇغى بار. 7ئەگەر سىلەر خۇدانىڭ: «مەن قۇربانلىق قىلىشىڭلارنى ئەمەس، رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشىڭلارنى ئىستەيمەن» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىنى بىلسەڭلارىدى، بىگۇناھ كىشىلەرنى گۇناھكار، دەپ قارىمايتتىڭلار. 8مەن ئىنسانئوغلى دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇرمەن.

قولى قۇرۇپ كەتكەن بىمارنىڭ ساقايتىلىشى

9ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى. 10ئىبادەتخانىدا بىر قولى قۇرۇپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. بەزى پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا باھانە تېپىش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن:

_ دەم ئېلىش كۈنى كېسەل ساقايتىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

11ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ بىرەرىڭلارنىڭ قويى ئورىغا چۈشۈپ كەتسە، دەم ئېلىش كۈنى دېمەي، ئۇنى دەرھال تارتىپ چىقىرىۋالمامسىلەر؟ 12ئادەم قويدىن كۆپ قىممەتلىكتە! دېمەك، دەم ئېلىش كۈنى ياخشىلىق قىلىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇن. 13ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى كېسەلگە:

_ قولۇڭنى ئۇزات، _ دېدى. ئۇ ئادەم قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كېلىپ، يەنە بىر قولىغا ئوخشاش ھالەتكە قايتتى. 14بۇنىڭ بىلەن، پەرىسىيلەر تاشقىرىغا چىقىپ، ھەزرىتى ئەيسانى قانداق جايلىۋېتىش ھەققىدە مەسلىھەت قىلىشتى.

خۇدا تاللىغان خىزمەتكار

15بۇنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىمارلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى 16ۋە ئۇلارغا ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى باشقىلارغا ئاشكارىلىماسلىقنى تاپىلىدى. 17بۇنىڭ بىلەن، يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇقتۇرۇلغان مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى:

18«مانا مېنىڭ تاللىغان خىزمەتكارىم،

دىلىم سۆيگەن يېقىنىم،

ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن!

روھىمنى ئاتا قىلىمەن ئۇنىڭغا؛

ئۇ ئادالەتنى جاكارلايدۇ پۈتكۈل خەلقلەرگە.

19ئۇ تالاش-تارتىش قىلماس، چۇقانمۇ كۆتۈرمەس.

كوچىلاردىمۇ ھېچكىم ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىماس.

20ئېزىلگەن قومۇشنى سۇندۇرماس،

ئۆچەي دەپ قالغان چىراغنىمۇ ئۆچۈرمەس،

تاكى ئادالەت زەپەر قۇچقۇچە،

21پۈتكۈل خەلقلەر ئۇنىڭ نامىغا ئۈمىد باغلار.»

ھەزرىتى ئەيسا شەيتاندىن كۈچلۈكتۇر

22شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا جىن چاپلىشىۋالغان كور ۋە گاچا بىرى ئېلىپ كېلىندى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى ساقايتىپ، سۆزلىيەلەيدىغان ۋە كۆرەلەيدىغان قىلدى. 23خالايىق ھەيران بولۇشۇپ:

_ ئەجەبا، بۇ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىمىدۇ؟ _ دېيىشتى.

24بۇ سۆزنى ئاڭلىغان پەرىسىيلەر:

_ ئۇ جىنلارنى ئۇلارنىڭ باشلىقى بولغان شەيتانغا تايىنىپ ھەيدەيدىكەن، _ دېيىشتى.

25ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ ئەگەر بىر دۆلەتتىكىلەر ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ سوقۇشسا، ئۇ دۆلەت زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ. ھەرقانداق شەھەر ياكى ئائىلىدىكىلەر ئۆزئارا جېدەل-ماجىرا قىلىشسا، ئۇلارمۇ ۋەيران بولۇشتىن ساقلىنالمايدۇ. 26ئەگەر شەيتان ئۆز باشقۇرۇشىدا بولغان جىنلارنى ھەيدىسە، ئۆز-ئۆزىگە قارشى چىققان بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى قانداقمۇ پۇت تىرەپ تۇرالىسۇن؟ 27ئەگەر مەن جىنلارنى ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولغان شەيتانغا تايىنىپ ھەيدىسەم، سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىڭلار جىنلارنى ھەيدەشتە كىمگە تاياندى؟! ئېيتقانلىرىڭلارنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىڭلار دەلىللەپ بېرىدۇ. 28ئەمەلىيەتتە، مەن خۇدانىڭ روھىغا تايىنىپ جىنلارنى ھەيدىۋەتتىم. بۇ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئاراڭلاردا نامايان بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

29بىر كىشى كۈچتۈڭگۈر بىرسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ مېلىنى قانداق بۇلاپ كېتەلىسۇن؟ پەقەت شۇ كۈچتۈڭگۈر ئادەمنى باغلىيالىغانلارلا ئۇنىڭ ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلالايدۇ.

30مەن بىلەن بىر يولدا ماڭمىغانلار ماڭا قارشى تۇرغۇچىلاردۇر. ماڭا يىغىۋېلىشقا ياردەم بەرمىگەنلەر توزۇتۇۋەتكۈچىلەردۇر. 31شۇنىڭ ئۈچۈن بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىنسانلارنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ۋە قىلغان كۇپۇرلۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۈشكە بولىدۇ. لېكىن، مۇقەددەس روھقا قىلىنغان كۇپۇرلۇق كەچۈرۈلمەيدۇ. 32ئىنسانئوغلىغا قارشى سۆز قىلغانلار كەچۈرۈمگە ئېرىشەلەيدۇ؛ لېكىن مۇقەددەس روھقا قارشى گەپ قىلغانلار بۇ دۇنيادىمۇ، ئۇ دۇنيادىمۇ كەچۈرۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ.

ئادەمنى ئەمەلىيىتىدىن تونۇش

33_ سىلەر دەرەخنى مېۋىسىدىن پەرق ئېتىشىڭلار كېرەك. مېۋە دەرىخى ياخشى بولسا، بېرىدىغان مېۋىسىمۇ ياخشى بولىدۇ. مېۋە دەرىخى يامان بولسا، بېرىدىغان مېۋىسىمۇ يامان بولىدۇ. چۈنكى، ھەرقانداق دەرەخ مېۋىسىدىن بىلىنىدۇ.

34ئەي زەھەرلىك يىلانلار! سىلەر يامان تۇرساڭلار، ئاغزىڭلاردىن قانداقمۇ ياخشى گەپ چىقسۇن؟ چۈنكى، كۆڭۈلدە نېمە بولسا، ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ. 35ياخشى ئادەم قەلبىدىكى ياخشىلىقىدىن ياخشىلىق چىقىرىدۇ. يامان ئادەم قەلبىدىكى يامانلىقىدىن يامانلىق چىقىرىدۇ. 36بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر قىلغان ھەربىر ئېغىز قۇرۇق گېپىڭلار ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ھېساب بېرىسىلەر. 37ئۆز سۆزلىرىڭلار بىلەن يا ئاقلىنىسىلەر، يا گۇناھكار بولۇپ چىقىسىلەر.

كارامەت كۆرسىتىش تەلىپى

38شۇ چاغدا، بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ ئۇستاز، قۇدرىتىڭىزنىڭ خۇدادىن كەلگەنلىكىنى كارامەت بىلەن كۆرسەتكەيسىز، _ دېدى. 39ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:

_ ئوسال ۋە ۋاپاسىز كىشىلەر كارامەت كۆرسەت، دەپلا تۇرىدۇ. بىراق، سىلەرگە يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ كارامىتىدىن باشقا كۆرسىتىلىدىغان ئىككىنچى كارامەت يوق. 40يۇنۇس پەيغەمبەر يوغان بىر بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز قانداق تۇرغان بولسا، ئىنسانئوغلىمۇ يەرنىڭ باغرىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز شۇنداق تۇرىدۇ.* 41قىيامەت كۈنى نىنەۋى شەھىرىدىكى خەلقمۇ قوپۇپ، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاپ، يامان يولدىن قايتقان. بىراق، بۇ يەردە يۇنۇس پەيغەمبەردىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى سىلەرنى يامان يولدىن قايتىشقا چاقىرسا، قۇلاق سالمىدىڭلار. 42قىيامەت كۈنى ئەرەبىستاندىكى شەبا پادىشاھلىقىنىڭ ئايال پادىشاھىمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئاقىلانە سۆزلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ كەلگەن. مانا، ھازىر بۇ يەردە پادىشاھ سۇلايماندىنمۇ ئۇلۇغى بار.

جىننىڭ قايتىپ كېلىشى

43_ جىن بىرەر ئادەمنىڭ تېنىدىن ھەيدىۋېتىلگەندىن كېيىن، قۇرغاق دالالارنى ئارىلاپ چىقىپ، تۇرىدىغان جاي ئىزدەيدۇ، بىراق تاپالمايدۇ 44ۋە: «ئىلگىرىكى ئۆيۈمگە قايتاي» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن، جىن ئۇ ئادەمنىڭ تېنىگە قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ دىلىنىڭ يەنىلا بوش، شۇنداقلا پاكىز تازىلىنىپ رەتلەنگەن ئۆيدەك بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ-دە، 45ئۆزىدىنمۇ بەتتەر يەتتە جىننى باشلاپ كىرىپ بىللە تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى ئادەمنىڭ كېيىنكى ھالى بۇرۇنقىدىنمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ. بۇ زاماننىڭ رەزىل ئادەملىرىنىڭ ھالىمۇ مانا شۇنداق بولىدۇ.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئانىسى ۋە ئىنىلىرى

46ھەزرىتى ئەيسا خەلققە داۋاملىق سۆزلەۋاتقاندا، ئانىسى بىلەن ئىنىلىرى كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەكچى بولۇپ تاشقىرىدا تۇرۇشتى. 47بىرەيلەن ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ئانىڭىز ۋە ئىنىلىرىڭىز سىز بىلەن سۆزلىشىمىز دەپ سىرتتا تۇرىدۇ، _ دېدى.

48_ كىم مېنىڭ ئانام، كىم مېنىڭ ئىنىلىرىم؟ _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇ كىشىگە. 49ئاندىن، ئۇ قولى بىلەن شاگىرتلىرىنى كۆرسىتىپ:

_ مانا ئانام، مانا ئىنىلىرىم! 50چۈنكى، كىم ئەرشتىكى ئاتامنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلسا، شۇ مېنىڭ ئاكا-ئىنىم، ئاچا-سىڭلىم ۋە ئانامدۇر، _ دېدى.



*2يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە دەم ئېلىش كۈنى خامان تېپىش قائىدىگە خىلاپ ئىدى. پەرىسىيلەر شاگىرتلارنىڭ دانلارنى يېيىش ئۈچۈن ئاقلىشىنى خامان تەپكەنلىك دەپ قارىغان. ئەمەلىيەتتە، مەنئى قىلىنغىنى باشاقلارنى ئۈزۈۋېلىپ، يېيىش ئەمەس، بەلكى زىرائەتلەرگە ئورغاق سېلىشتۇر.

*40بۇ ئايەتتە ھەزرىتى ئەيسا يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ يوغان بىر بېلىقنىڭ ئىچىدە ئۈچ كۈن تۇرۇپ ساق چىققانلىقىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭمۇ ئۆلۈپ، ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى