« مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر »

25

ئون قىز قولداش توغرىسىدىكى تەمسىل

1_ ئۇ ۋاقىتتا، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى خۇددى قوللىرىغا چىراغ ئېلىپ تويى بولغان يىگىتنىڭ ئالدىغا چىققان ئون قىز قولداشقا ئوخشايدۇ. 2بۇ قىزلارنىڭ بەشى ئەقىلسىز، بەشى بولسا ئەقىللىق ئىكەن. 3ئەقىلسىز قىزلار چىراغلىرىنى ئالغان بولسىمۇ، يېنىغا ياغ ئېلىۋالماپتۇ. 4ئەقىللىق قىزلار بولسا چىراغلىرى بىلەن بىللە، قاچىلاردا ياغمۇ ئاپتۇ. 5يىگىت ۋاقچە كەلگەچكە، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇيقۇ بېسىپ ئۇخلاپ قاپتۇ.

6يېرىم كېچىدە: «يىگىت كەلدى، ئالدىغا چىقىڭلار!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. 7بۇنىڭ بىلەن، قىزلارنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ چىراغلىرىنى پەرلەپتۇ. 8ئەقىلسىز قىزلار ئەقىللىقلەرگە: «چىراغلىرىمىز ئۆچۈپ قالاي دېدى، يېغىڭلاردىن بېرىڭلارچۇ» دەپتۇ. 9ئەقىللىق قىزلار: «ياق! بىزگىمۇ ھەم سىلەرگىمۇ يەتمەسلىكى مۇمكىن. ئەڭ ياخشىسى، دۇكانغا بېرىپ ياغ سېتىۋېلىڭلار!» دەپتۇ. 10لېكىن، ئۇلار ياغ سېتىۋالغىلى كېتىۋاتقاندا، يىگىت كېلىپ قاپتۇ، تەييارلىقى بار قىزلار ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە توي زىياپىتىگە كىرىپتۇ. ئىشىك تاقىلىپتۇ.

11كېيىن، ھېلىقى قىزلار قايتىپ كېلىپ: «تەقسىر، تەقسىر! ئىشىكنى ئېچىۋېتىڭ!» دەپتۇ. 12بىراق، يىگىت: «بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن سىلەرنى تونۇمايمەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

13ھەزرىتى ئەيسا يەنە مۇنداق دېدى:

_ شۇنىڭ ئۈچۈن، سەگەك بولۇڭلار، چۈنكى ئىنسانئوغلى قايتىپ كېلىدىغان ۋاقىت-سائەتنى بىلمەيسىلەر.

ئۈچ چاكار توغرىسىدىكى تەمسىل

14_ ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى سەپەرگە چىقماقچى بولغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. ئۇ چاكارلىرىنى چاقىرىپ بايلىقىنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپتۇ. 15ئۇ ئادەم ھەربىر چاكارنىڭ ئوقەت قىلىش قابىلىيىتىگە قاراپ، بىرىگە بەش مىڭ، بىرىگە ئىككى مىڭ، بىرىگە مىڭ كۈمۈش تەڭگە بېرىپ، يولغا چىقىپتۇ. 16بەش مىڭ تەڭگە ئالغان چاكار دەرھال بېرىپ ئوقەت قىلىپ، يەنە بەش مىڭ تەڭگە پايدا ئاپتۇ. 17ئىككى مىڭ تەڭگە ئالغىنىمۇ يەنە ئىككى مىڭ تەڭگە پايدا ئاپتۇ. 18مىڭ تەڭگە ئالغىنى بولسا بېرىپ يەرنى كولاپ، خوجايىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان پۇلنى كۆمۈپ ساقلاپ قويۇپتۇ.

19ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ چاكارلارنىڭ خوجايىنى قايتىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن ھېسابلىشىشقا باشلاپتۇ. 20بەش مىڭ تەڭگە ئالغان چاكار يەنە بەش مىڭ تەڭگە قوشۇپ ئېلىپ كېلىپ: «خوجايىن، سىز ماڭا بەش مىڭ تەڭگە تاپشۇرغانىدىڭىز. قاراڭ، يەنە بەش مىڭ تەڭگە پايدا ئالدىم» دەپتۇ. 21خوجايىن ئۇنىڭغا: «ناھايىتى ياخشى! سەن ياخشى ۋە ئىشەنچلىك چاكار ئىكەنسەن! مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىك ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىققانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنى چوڭ ئىشلارغا قويىمەن. كەل، خوجايىنىڭنىڭ خۇشاللىقىغا جور بول!» دەپتۇ. 22ئىككى مىڭ تەڭگە ئالغان چاكارمۇ كېلىپ: «خوجايىن، سىز ماڭا ئىككى مىڭ تەڭگە تاپشۇرغانىدىڭىز. قاراڭ، يەنە ئىككى مىڭ تەڭگە پايدا ئالدىم» دەپتۇ. 23خوجايىن ئۇنىڭغا: «ناھايىتى ياخشى! سەن ياخشى ۋە ئىشەنچلىك چاكار ئىكەنسەن! مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىك ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىققانلىقىڭ ئۈچۈن، مەن سېنى چوڭ ئىشلارغا قويىمەن. كەل، خوجايىنىڭنىڭ خۇشاللىقىغا جور بول!» دەپتۇ.

24ئاندىن، مىڭ تەڭگە ئالغان چاكار كېلىپ: «خوجايىن، سىزنىڭ قاتتىق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەتتىم، چۈنكى ئۆزىڭىز تېرىمىسىڭىزمۇ، ئۇنىڭ ھوسۇلىنى كۈتىسىز؛ ئۇرۇق سالمىسىڭىزمۇ، خامان ئالىسىز. 25شۇڭا، قورقۇپ، سىز بەرگەن تەڭگىنى يەرگە كۆمۈپ ساقلاپ قويغانىدىم. مانا پۇلىڭىز» دەپتۇ. 26خوجايىن ئۇنىڭغا: «ئەي، يامان ۋە ھۇرۇن چاكار! سەن مېنى تېرىمىغان يەردىن ئورۇۋالىدىغان، ئۇرۇق سالمىغان يەردىن خامان ئالىدىغان ئادەم، دەپ تۇرۇپ، 27نېمىشقا پۇلۇمنى جازانىخورلارغا ئامانەت قويمىدىڭ. شۇنداق قىلساڭ، مەن قايتىپ كەلگەندە پۇلۇمنى ئۆسۈمى بىلەن ئالمامتىم؟ 28خوپ، ئۇنىڭ قولىدىكى مىڭ تەڭگىنى ئېلىپ، ئون مىڭ تەڭگە بار چاكارغا بېرىڭلار! 29چۈنكى، بېرىلگەننى تولۇق ئىشلەتكەنلەرگە تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ-دە، بۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىكى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. لېكىن، بېرىلگەننى ئىشلەتمىگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلارنىڭ بارىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ. 30بۇ يارامسىز چاكارنى سىرتقا، قاراڭغۇلۇققا قوغلىۋېتىڭلار، ئۇ يەردە ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلاتسۇن» دەپتۇ.

ئاخىرەتتىكى سوراق

31_ ئىنسانئوغلى ئۆز شان-شەرىپى ئىچىدە پۈتۈن پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە كەلگىنىدە، پادىشاھ بولۇپ شەرەپ تەختىدە ئولتۇرىدۇ. 32-33پۈتكۈل خەلقلەر ئۇنىڭ ئالدىدا توپلىنىدۇ. ئۇ ئۇلارنى قويلارنى ئوڭ يېنىغا، ئۆچكىلەرنى سول يېنىغا ئايرىغان قويچىدەك ئايرىيدۇ. 34ئۇ ئوڭ يېنىدىكى كىشىلەرگە: «ئەي ئاتام تەرىپىدىن بەختلىك قىلىنغانلار، كېلىڭلار! دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان مىراس _ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ئىگە بولۇڭلار! 35چۈنكى، ئاچ قالغىنىمدا سىلەر ماڭا يېمەكلىك بەردىڭلار، ئۇسسۇز قالغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەردىڭلار، مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز قوينۇڭلارغا ئالدىڭلار، 36يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيىندۈردۈڭلار، كېسەل بولۇپ قالغىنىمدا كېلىپ ھالىمدىن خەۋەر ئالدىڭلار، زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلاپ تۇردۇڭلار» دەيدۇ.

37ئۇ چاغدا، ھەققانىي ئادەملەر ئۇنىڭغا: «ئى رەببىم، بىز سىزنى قاچان ئاچ كۆرۈپ تويدۇردۇق ياكى ئۇسسۇز كۆرۈپ سۇ بەردۇق؟ 38سىزنى قاچان مۇساپىر كۆرۈپ قوينىمىزغا ئالدۇق ياكى يالىڭاچ كۆرۈپ كىيىندۈردۇق؟ 39سىزنى قاچان كېسەل ياكى زىنداندا كۆرۈپ يوقلاپ تۇردۇق؟» دەپ سورايدۇ. 40بىراق، پادىشاھ ئۇلارغا: «بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەڭ ئەرزىمەس قېرىنداشلىرىمدىن بولغان بۇلارنىڭ بىرەرسىگە قىلغىنىڭلار دەل ماڭا قىلغىنىڭلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

41ئاندىن سول يېنىدىكىلەرگە: «ئەي لەنىتىلەر، كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار! شەيتان بىلەن ئۇنىڭ غالچىلىرىغا ھازىرلانغان مەڭگۈ ئۆچمەس دوزاخ ئوتىغا كىرىڭلار! 42چۈنكى، ئاچ قالغىنىمدا ماڭا يېمەكلىك بەرمىدىڭلار، ئۇسسىغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەرمىدىڭلار، 43مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز قوينۇڭلارغا ئالمىدىڭلار، يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيىندۈرمىدىڭلار، كېسەل بولغىنىمدا ۋە زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلىمىدىڭلار» دەيدۇ.

44ئۇ چاغدا، ئۇلار: «ئى رەببىم، سىزنى قاچان ئاچ، ئۇسسۇز، مۇساپىر، يالىڭاچ، كېسەل ياكى زىنداندا كۆرۈپ تۇرۇپ خىزمىتىڭىزدە بولمىدۇق؟» دەيدۇ. 45بىراق، پادىشاھ ئۇلارغا: «بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەڭ ئەرزىمەس قېرىنداشلىرىمدىن بولغان بۇلارنىڭ بىرەرسىگە قىلمىغاننى ماڭىمۇ قىلمىغان بولدۇڭلار» دەپ جاۋاب قايتۇرىدۇ. 46بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار مەڭگۈلۈك جازاغا ئۇچرايدۇ. ھەققانىي ئادەملەر بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى