« ۋەھىيلەر »

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

ئەينى ۋاقىتتا، رىم ھۆكۈمرانلىرىنىڭ زورلۇق-زومبۇلۇقى ئاستىدا ئېتىقادچىلار ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقى ئۈچۈن، شىددەتلىك زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، ھەتتا بەزى ئېتىقادچىلار ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. بۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپى بولغان يۇھاننامۇ خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، پاتموس ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، يۇھانناغا خۇدادىن ۋەھىيلەر كېلىپ، يۇھاننا خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ئۇلارنى يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەۇچىلىكىگە (ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۈگۈنكى تۈركىيىدە) يېزىپ قالدۇرغان.

بۇ كىتابتىكى خاتىرىلەنگەن ۋەھىيلەر كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى، بولۇپمۇ خۇدانىڭ جازاسىنى (ئىنسانلار دۇچ كېلىدىغان ھەر خىل بالايىئاپەتلەرنى ۋە جاپا-مۇشەققەتلەرنى) كۆرسىتىدۇ. بۇ ۋەھىيلەرنىڭ سىمۋوللۇق تىلدا ئىپادىلەنگەن كۆپ قىسىملىرى بەلكىم ئەينى چاغدىكى ئېتىقادچىلارغا چۈشىنىشلىك بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈنكى كىتابخانلارغا سىر بولۇپ قالغان. ئەمما كىتابنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى ئىنتايىن ئېنىق بولۇپ، خۇدانىڭ رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق شەيتاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن ئاخىرى غەلىبە قىلىپ، ئۆزىنىڭ سادىق خەلقىگە يېڭى ئاسمان، يېڭى زېمىن ئاتا قىلىشىدىن ئىبارەتتۇر.

تېزىس:

  1. مۇقەددىمە (1-باب 1-ئايەتتىن 8-ئايەتكىچە)
  2. دەسلەپكى ئالامەتلەر (1-باب 9-ئايەتتىن 20-ئايەتكىچە)
  3. ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە يېزىلغان يەتتە پارچە خەت (2-، 3-بابلار)
  4. يەتتە مۆھۈر بىلەن پېچەتلەنگەن ئورام يازما (4-باب 1-ئايەتتىن 8-باب 1-ئايەتكىچە)
  5. يەتتە كاناي (8-باب 2-ئايەتتىن 11-بابنىڭ ئاخىرىغىچە)
  6. يەتتە باشلىق ئەجدىھا ۋە ئىككى دىۋە (12-، 13-بابلار)
  7. كۆرۈنگەن باشقا ئالامەتلەر (14-، 15-بابلار)
  8. يەتتە چىنە (16-باب)
  9. بابىل، ساختا پەيغەمبەر، دىۋە ۋە ئىبلىسنىڭ تارتقان جازاسى (17-باب 1-ئايەتتىن 20-باب 10-ئايەتكىچە)
  10. ئاخىرقى ھۆكۈم (20-باب 11-ئايەتتىن 15-ئايەتكىچە)
  11. يېڭى ئاسمان، يېڭى زېمىن (21-باب 1-ئايەتتىن 22-باب 5-ئايەتكىچە)
  12. خاتىمە (22-باب 6-ئايەتتىن 21-ئايەتكىچە)

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر