سوئال

« زەبۇر » 69- مۇناجات

13شۇنداقتىمۇ دۇئا قىلىمەن توختىماي ساڭا،

مەڭگۈلۈك مۇھەببەت بولغاچ سەندە،

خالىغان ۋاقتىڭدا، ئىشەنچلىك نىجاتلىقىڭنى

دۇئالىرىمغا جاۋاب قىلىپ، بەرگىن ماڭا. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 21- باب

22ئىشەنچىڭلار بولسا، دۇئا بىلەن تىلىگەن ھەرقانداق نەرسىگە ئېرىشىسىلەر. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 6- باب

5_ دۇئا قىلغان ۋاقتىڭلاردا، باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ئىبادەتخانا ياكى تۆت كوچا ئاغزىدا تۇرۇۋېلىپ دۇئا قىلىدىغان ساختىپەزلەردەك دۇئا قىلماڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇلار شۇنداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىدىن باشقا ھېچقانداق ئىنئامغا ئېرىشەلمەيدۇ.

6دۇئا قىلغان ۋاقتىڭلاردا، ئۆيگە كىرىپ، ئىشىكنى يېپىپ، ئەرشتىكى كۆرۈنمەس ئاتاڭلارغا دۇئا قىلىڭلار. سەزدۈرمەستىن قىلىنغان بارلىق ئىشلارنى بىلىپ تۇرغۇچى ئەرشتىكى ئاتاڭلار جەزمەن سىلەرگە ئىنئام بېرىدۇ.

7دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندا، بۇتپەرەسلەردەك قۇرۇق گەپلەرنى تەكرارلاۋەرمەڭلار. ئۇلار گەپنى تەكرارلاۋەرسەك خۇدا تەلىپىمىزنى ئىجابەت قىلىدۇ، دەپ ئويلىسا كېرەك. 8سىلەر ئۇلارنى دورىماڭلار. چۈنكى، ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ ئېھتىياجىڭلارنى سىلەر تەلەپ قىلىشتىن ئاۋۋاللا بىلىدۇ. 9شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇنداق دۇئا قىلىڭلار:

«ئى ئەرشتىكى ئاتىمىز،

سېنىڭ نامىڭ ئۇلۇغلانغاي.

10پادىشاھلىقىڭ يەر يۈزىدە نامايان بولغاي.

ئىرادەڭ ئەرشتىكىدەك يەر يۈزىدىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاي.

11كۈندىلىك يېمەكلىكىمىزنى بەرگەيسەن.

12بىزگە گۇناھ قىلغانلارنى كەچۈرگىنىمىزدەك،

سەنمۇ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن.

13بىزنى ئازدۇرۇلۇشلاردىن ساقلاپ قالغايسەن.

بىزنى يامانلىقتىن يىراق قىلغايسەن. » [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 26- باب

41ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سەگەك تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار. كۆڭۈل خالايدۇ، لېكىن تەن ئاجىزدۇر، _ دېدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 11- باب

22ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

_ خۇداغا ئىشىنىڭلار. 23بىلىپ قويۇڭلاركى، كىم بۇ تاغقا: «قوزغال، دېڭىزغا تاشلان!» دېسە ۋە كۆڭلىدە گۇمانلانماي، ئېيتقانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئىشەنچ قىلسا، ئۇنىڭ تەلىپى ئىجابەت بولىدۇ.

24شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە ئېيتىمەنكى، دۇئا بىلەن تىلىگەن ھەرقانداق نەرسىگە ئېرىشتىم، دەپ ئىشىنىڭلار. شۇندا، تەلىپىڭلار ئىجابەت بولىدۇ.

25ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ دۇئا قىلغىنىڭلاردا، بىرەرسىگە قورساق كۆپۈكۈڭلار بارلىقى يادىڭلارغا كەلسە، ئۇنى كەچۈرۈڭلار. شۇ چاغدا، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 11- باب

9شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەر دۇئا قىلىپ تىلەڭلار، خۇدا تىلىگىنىڭلارنى بېرىدۇ. ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر. ئىشىكنى قېقىڭلار، ئېچىلىدۇ. 10چۈنكى، تىلىگەنلەر چوقۇم ئېرىشىدۇ، ئىزدىگەنلەر چوقۇم تاپىدۇ، ئىشىكنى قاققانلارغا ئىشىك چوقۇم ئېچىلىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 18- باب

1ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا بوشاشماستىن، ھەمىشە دۇئا قىلىپ تۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا يەنە بىر تەمسىل سۆزلەپ بەردى:

2_ مەلۇم شەھەردە بىر قازى بار ئىكەن. ئۇ خۇدادىنمۇ قورقمايدىكەن، ئادەملەرنىمۇ ھۆرمەت قىلمايدىكەن. 3شۇ شەھەردىكى بىر تۇل ئايال ھەمىشە ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «بىرسى ماڭا ئۇۋال قىلدى، سىز ئادىل ھۆكۈم چىقىرىپ، ماڭا ئاتىدارچىلىق قىلسىڭىز» دەپ تەلەپ قىپتۇ. 4لېكىن، قازى بۇ ئىشنى بەك كەينىگە سۆرەۋېتىپتۇ، بىراق كېيىن ئىچىدە «مەن خۇدادىن قورقمايمەن، ئادەملەرنىمۇ ھۆرمەت قىلمايمەن، 5لېكىن، بۇ تۇل ئايال دائىم ئىشىكىم ئالدىدىن كەتمەي مېنى زېرىكتۈرۈۋەتتى. ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھال-دەردىنى ئاڭلاپ، دەردىگە يەتكىنىم تۈزۈك ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپتۇ.

6رەببىمىز ئەيسا تەمسىلنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:

_ بۇ ئادالەتسىز قازىنىڭ سۆزلىرىدىن ساۋاق ئېلىڭلار. 7بىر ئادالەتسىز قازى شۇنداق قىلغان يەردە، خۇدا ئۆزىدىن كېچە-كۈندۈز ياردەم تىلىگەن بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يەتمەسمۇ؟ ئۇلارغا قىلىدىغان شاپائىتىنى كېچىكتۈرەرمۇ؟ 8ياق! ئەكسىچە، خۇدا جەزمەن تېزدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىدۇ. دەرۋەقە، ئىنسانئوغلى ئاسماندىن قايتىپ كەلگەندە، يەر يۈزىدىن ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلارنى تاپالارمۇ؟ [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 12- باب

12ئۈمىد ئىچىدە شاد-خۇرام ياشاڭلار، قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىڭلار. ھەر ۋاقىت دۇئادا بولۇڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 4- باب

6ھېچ نەرسىدىن غەم قىلماڭلار. ئەكسىچە، ھەرقانداق تەلىپىڭلار بولسا دۇئا-تىلاۋەت ئارقىلىق خۇدادىن تىلەڭلار ۋە شۈكۈر ئېيتىڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 4- باب

2دۇئا قىلىشنى توختاتماڭلار. دۇئا قىلغاندا، پۈتۈن دىققىتىڭلار بىلەن دۇئا قىلىڭلار ۋە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 5- باب

17ھەمىشە دۇئا قىلىڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 2- باب

8شۇڭا، مەن شۇنى ئۈمىد قىلىمەنكى، ئېتىقادچى ئەرلەر مەيلى قەيەردە بولسۇن، ھەر قېتىم دۇئاغا جەم بولغاندا باشقىلارغا غەزەپلەنمەي، دەتالاش قىلماي، توغرا ئەمەللىك قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسۇن. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 3- باب

11يامانلىقنى تاشلاپ، ياخشى ئىشلارنى قىلسۇن،

ھەممەيلەن بىلەن ئىناق ياشاشقا تىرىشسۇن.

12چۈنكى، پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەققانىيلاردىدۇر،

قۇلاقلىرى ئۇلارنىڭ دۇئاسىدىدۇر.

لېكىن، رەببىمىزنىڭ نەپرىتى يامانلىق قىلغۇچىلاردىدۇر.» [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر