سوئال

« زەبۇر » 150- مۇناجات

1ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا،

مەدھىيەلەڭلار خۇدانى مۇقەددەس جايىدا،

قۇدرىتى ئايان بولغان ئەرشئەلادا.

2مەدھىيەلەڭلار ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى،

مەدھىيەلەڭلار ئۇنىڭ ھەممىدىن ئۇلۇغلۇقىنى.

3مەدھىيەلەڭلار ئۇنى بۇرغا ساداسىدا،

مەدھىيەلەڭلار چېلىپ چىلتار، لىرا.

4مەدھىيەلەڭلار ئۇنى داپ چېلىپ، چۈشۈپ ئۇسسۇلغا،

مەدھىيەلەڭلار ئۇنى تەڭكەش قىلىپ نەي ۋە تارلىق سازغا.

5مەدھىيەلەڭلار ئۇنى جاللىلارنىڭ ياڭراق ساداسىدا،

مەدھىيەلەڭلار ئۇنى جاللىلارنىڭ جاراڭلىق ئاۋازىدا.

6مەدھىيەلىگەي پەرۋەردىگارنى جىمىكى تىنىقى بارلار،

پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار! [داۋامى]

« زەبۇر » 98- مۇناجات

1پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ ئېيتىڭلار يېڭى ناخشا،

چۈنكى ئاجايىپ مۆجىزىلەر ئىگىسىدۇر خۇدا،

مۇقەددەس بىلىكى، ئوڭ قولى زەپەر بەرگەندۇر ئۇنىڭغا.

2قىلدى خۇدا نامايان غەلىبىسىنى ھەممىگە،

ئادالىتىنى كۆرسەتتى جاھاندىكى ئەللەرگە. [داۋامى]

« زەبۇر » 96- مۇناجات

1يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ،

ئەي جاھان ئەھلى ياڭرىتىڭلار غەزەللەر ئۇنىڭغا ئاتاپ.

2ناخشاڭلاردا تەرىپلەڭلار خۇدانىڭ نامىنى،

بايان ئەيلەپ ھەر كۈنى ئۇنىڭ نىجاتلىقىنى. [داۋامى]

« زەبۇر » 33- مۇناجات

1ئەي ھەققانىيلار، پەرۋەردىگارنى كۈيلەڭلار شادلىقتا،

ئۇنى مەدھىيەلەش يارىشار دۇرۇس يولدا ماڭغانلارغا.

2لىرا چېلىپ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈڭلار پەرۋەردىگارغا،

كۈي چېلىڭلار ئون تارلىق چىلتاردا ئاتاپ ئۇنىڭغا.

3يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار بېغىشلاپ خۇداغا،

شادلىق بىلەن ياڭرىسۇن ئاۋازىڭلار،

چېكىڭلار تارىنى يەتكۈزۈپ ۋايىغا.

4چۈنكى، ھەقىقەتتۇر پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى،

ساداقەتلىكتۇر ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى. [داۋامى]

« زەبۇر » 147- مۇناجات

7پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىپ، قوشاق قېتىڭلار،

قوشاقلارنى ساز لىرادا تەڭكەش قىلىپ ئېيتىڭلار. [داۋامى]

« زەبۇر » 135- مۇناجات

3مەدھىيەلەڭلار پەرۋەردىگارنى،

چۈنكى شاپائەتلىكتۇر پەرۋەردىگار.

كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار ئۇنىڭ نامىنى،

چۈنكى ئۇنى كۈيلىمەك بىزنى شاد قىلار. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 15- باب

1شۇ چاغدا، مۇسا بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەپ، مۇنداق ناخشا ئېيتتى:

«پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن، چۈنكى ئۇ شانلىق غەلىبە قۇچتى،

جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلارنى دېڭىزغا غەرق قىلدى.

2پەرۋەردىگار مېنىڭ قۇدرىتىم، مېنىڭ ناخشام، ئۇ مېنى قۇتۇلدۇردى.

ئۇ مېنىڭ خۇدايىمدۇر، شۇڭا ماختايمەن ئۇنى،

ئۇ ئاتام ئىبادەت قىلغان خۇدادۇر، شۇڭا مەدھىيىلەيمەن ئۇنى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 5- باب

19سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا زەبۇر مۇناجاتلىرى، خۇدانى مەدھىيىلەيدىغان ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامىدىن كەلگەن ناخشىلار ياڭرىسۇن. قەلبىڭلاردا بۇ نەغمە سادالىرى ياڭرىغاندەك، چىن قەلبىڭلاردىن رەببىمىزنى مەدھىيىلەڭلار. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر