سوئال

« زەبۇر » 119- مۇناجات

89ئى پەرۋەردىگار، كالامىڭ مەڭگۈلۈكتۇر،

ئۇ ئەرشتە مۇكەممەل پۈتۈلگەندۇر. [داۋامى]

« زەبۇر » 119- مۇناجات

151ئى پەرۋەردىگار، يېقىنسەن ماڭا،

ئەمرلىرىڭنىڭ ھەممىسى توغرا.

152ئۇزۇندىن بېرى بىلدىمكى شۇنى،

پەرزلىرىڭنىڭ مەڭگۈلۈكىنى. [داۋامى]

« زەبۇر » 119- مۇناجات

160كالامىڭنىڭ ئاساسى ھەقىقەتتۇر،

ھۆكۈملىرىڭ ئادىل، مەڭگۈگە داۋام قىلۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 5- باب

17_ مېنى تەۋرات قانۇنىنى ياكى پەيغەمبەرلەرنىڭ يازغانلىرىنى بىكار قىلغىلى كەلدى، دەپ قالماڭلار. مەن ئۇلارنى بىكار قىلغىلى ئەمەس، بەلكى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى كەلدىم. 18بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاسمان-زېمىن مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئۇلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە، تەۋراتنىڭ بىر ھەرپى، ھەتتا بىرەر چېكىتىمۇ بىكار قىلىنمايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 24- باب

35ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم يوقالماي، مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بولىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 16- باب

17ھالبۇكى بۇ، تەۋرات قانۇنى ئىناۋەتسىز دېگەنلىك ئەمەس. ئەكسىچە، ئاسمان-زېمىن يوقالسىمۇ، تەۋرات قانۇنىنىڭ بىر چېكىتىمۇ بىكار قىلىنمايدۇ، _ دېدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت » 3- باب

16پۈتۈن مۇقەددەس يازمىلار خۇدانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئۇ، ھەقىقەت توغرىسىدا تەلىم بېرىش، خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ بېرىش، سەۋەنلىكلەرنى تۈزىتىش ۋە كىشىلەرنى ھەققانىيلىققا يېتەكلەشكە پايدىلىقتۇر. 17ئۇ، خۇداغا مەنسۇپ بولغان كىشىلەرنى تولۇق قوراللاندۇرۇپ، ئۇلارنى ھەرقانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تەييار تۇرغۇزالايدۇ. [داۋامى]

تەۋرات، « يوشۇۋا » 1- باب

7سەن ئىنتايىن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول! خىزمەتكارىم مۇسا ساڭا ئۆگەتكەن پۈتكۈل تەۋرات قانۇنىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭدىن تېيىپ كەتمىسەڭلا، نەگىلا بارىدىكەنسەن ھەممە ئىشلىرىڭ يۈرۈشۈپ ماڭىدۇ. 8تەۋرات قانۇنى ئاغزىڭدىن چۈشمىسۇن، كېچە-كۈندۈز تەۋرات قانۇنى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئۇنىڭدا يېزىلغانلارغا ئەمەل قىلغىن. شۇنداق قىلساڭ، بارلىق ئىشلىرىڭ يۈرۈشۈپ، ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 1- باب

24خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك:

«پۈتكۈل ئىنسان گۈل-گىياھقا ئوخشايدۇ،

ئۇلارنىڭ شان-شەرىپى غازاڭ بولىدىغان چېچەككە ئوخشايدۇ.

گىياھلار قۇرۇپ، گۈللەر سولىشىپ ئۆلىدۇ،

25بىراق، رەببىمىزنىڭ سۆزى مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدۇ!»

بىز سىلەرگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر دەل رەببىمىزنىڭ سۆزىدۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت » 1- باب

20شۇنى ئەڭ مۇھىم دەپ بىلىڭلاركى، مۇقەددەس يازمىلاردىكى ۋەھىيلەرنى پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرى ئويلاپ چىققان ئەمەس. 21چۈنكى، ھەرقانداق ۋەھىي ئىنسانلارنىڭ ئىرادىسىدىن كەلمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزلىرى بولۇپ، مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرلەندۈرۈشى بىلەن يەتكۈزۈلگەن. [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 22- باب

18مەنكى يۇھاننا بۇ كىتابتىكى بېشارەتلىك سۆزلەرنى ئاڭلىغانلارنى جىددىي ئاگاھلاندۇرىمەنكى: كىمدەكىم بۇ سۆزلەرگە بىر نەرسە قوشسا، خۇدا ئۇنىڭغا بۇ كىتابتا يېزىلغان بالايىئاپەتلەرنى كەلتۈرىدۇ. 19كىمدەكىم بۇ بېشارەتلىك كىتابتىكى بىرەر سۆزنى چىقىرىۋەتسە، خۇدامۇ ئۇنى بۇ كىتابتا يېزىلغان ھاياتلىق دەرىخىدىن ۋە مۇقەددەس شەھەردىن بېرىلىدىغان نېسىۋىسىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر