سوئال

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 3- باب

16ھەزرىتى ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلۈپ سۇدىن چىقىشىغا، ئاسمان يېرىلدى. ئۇ خۇدانىڭ روھىنىڭ كەپتەر ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. 17ئاندىن، ئەرشتىن خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 4- باب

1ئۇنىڭدىن كېيىن، مۇقەددەس روھ ھەزرىتى ئەيسانى شەيتاننىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، چۆل-باياۋانغا ئېلىپ باردى. 2ھەزرىتى ئەيسا قىرىق كېچە-كۈندۈز تاماق يېمەي روزا تۇتۇپ، قورسىقى تازا ئاچقانىدى. 3ئۇنى سىنىماقچى بولغان شەيتان ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ ئەگەر سەن راستتىنلا خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ تاشلارنى نانغا ئايلاندۇرۇپ يە! _ دېدى.

4ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن:

_ تەۋراتتا: «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەربىر سۆز بىلەنمۇ ياشايدۇ» دەپ يېزىلغان، _ دېدى.

5ئاندىن، شەيتان ھەزرىتى ئەيسانى مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى ۋە ئۇنى مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا چىقىرىپ:

6_ خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، پەسكە سەكرەپ باققىنا! چۈنكى زەبۇردا: «خۇدا پەرىشتىلىرىگە سەن توغرۇلۇق ئەمر قىلغان. پۇتۇڭنىڭ تاشلارغا ئۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا تۇتۇۋالىدۇ» دەپ يېزىلغان ئەمەسمۇ؟ _ دېدى.

7_ تەۋراتتا: «رەببىڭلار خۇدانى سىناپ بېقىشقا بولمايدۇ!» دەپمۇ يېزىلغان، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 14- باب

30لېكىن، قاتتىق چىقىۋاتقان بوراننى كۆرۈپ قورقتى ۋە سۇغا چۆكۈشكە باشلىغاندا:

_ رەببىم، مېنى قۇتقۇزۇۋالغايسىز! _ دەپ ۋارقىرىدى.

31ھەزرىتى ئەيسا دەرھال قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى تۇتۇۋالدى ۋە ئۇنىڭغا:

_ ئەي ئىشەنچى ئاجىز، نېمىشقا گۇمان قىلدىڭ؟ _ دېدى.

32ئۇلار كېمىگە چىققاندا، شامال توختىدى. 33شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيساغا سەجدە قىلىپ:

_ سىز ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسىز، _ دېيىشتى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 3- باب

11قاچانلا بولمىسۇن، جىن چاپلىشىۋالغانلار ھەزرىتى ئەيسانى كۆرسە، ئۇنىڭ ئايىغىغا باش قويۇپ: «سەن خۇدانىڭ ئوغلىسەن!» دەپ ۋارقىرىشاتتى. 12لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىماسلىقنى قاتتىق جېكىلەيتتى. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 1- باب

26-27ئېلىزابېت ھامىلىدار بولۇپ ئالتە ئاي بولغاندا، خۇدا پەرىشتە جەبرائىلنى جەلىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسىرە دېگەن شەھەرگە، مەريەم ئىسىملىك بىر قىزنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. مەريەم بىلەن داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان يۈسۈپنىڭ چېيى ئىچكۈزۈلگەنىدى.

28جەبرائىل مەريەمنىڭ ئالدىغا بېرىپ:

_ سالام ساڭا، ئەي خۇدانىڭ شەپقىتىگە مۇيەسسەر بولغان قىز. رەببىم ساڭا ياردۇر! _ دېدى.

29بۇنىڭدىن بەك تەمتىرەپ كەتكەن مەريەم بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى نېمىدۇ، دەپ ئويلىدى. 30جەبرائىل ئۇنىڭغا:

_ ئەي مەريەم، قورقمىغىن. سەن خۇدانىڭ شەپقىتىگە ئېرىشتىڭ. 31ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن، ئىسمىنى ئەيسا [مەنىسى «پەرۋەردىگار قۇتقۇزىدۇ»] قويغىن. 32ئۇ ئۇلۇغ بولىدۇ، ئۇلۇغ خۇدا ئۇنى ئوغلۇم، دەپ ئاتايدۇ. پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنى ئەجدادى پادىشاھ داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزىدۇ. 33ئۇ ياقۇپنىڭ جەمەتى بولغان ئىسرائىللارنىڭ مەڭگۈ پادىشاھى بولىدۇ، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى چەكسىزدۇر، _ دېدى.

34_ مەن تېخى قىز تۇرسام، بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ _ دەپ سورىدى مەريەم پەرىشتىدىن.

35_ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ. ئۇلۇغ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ساڭا سايە بولۇپ يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا، سەندىن تۇغۇلىدىغان مۇقەددەس پەرزەنت خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 9- باب

35تۇيۇقسىز بۇلۇتتىن خۇدانىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ:

_ بۇ مېنىڭ ئوغلۇم، مېنىڭ تاللىغىنىم. ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار! _ دېدى.

36ئاۋاز توختىغاندىن كېيىن، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزى يالغۇز قالغانلىقىنى كۆردى. شاگىرتلار بۇ ئىشنى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ھېچكىمگە تىنمىدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 10- باب

24خەقلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ:

_ بىزنى يەنە قاچانغىچە گۇماندا قالدۇرىسەن؟ ئەگەر قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ بولساڭ، بىزگە ئوچۇقىنى ئېيت، _ دېيىشتى.

25ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ مەن سىلەرگە ئېيتقان، لېكىن ماڭا ئېتىقاد قىلمىدىڭلار. ئاتامنىڭ نامى بىلەن قىلغان ئىشلىرىم مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. 26بىراق، سىلەر ئېتىقاد قىلمىدىڭلار، چۈنكى مېنىڭ قويلىرىمدىن ئەمەسسىلەر. 27مېنىڭ قويلىرىم گېپىمنى ئاڭلايدۇ. مەن ئۇلارنى تونۇيمەن. ئۇلار ماڭا ئەگىشىدۇ. 28ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىمەن. ئۇلار ئەسلا ھالاك بولمايدۇ. ئۇلارنى ھېچكىم قولۇمدىن تارتىۋالالمايدۇ. 29ئۇلارنى ماڭا تەقدىم قىلغان ئاتام ھەممىدىن ئۈستۈندۇر. ئۇلارنى ئاتامنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىشقا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ. 30ئاتام ئىككىمىز ئەسلىدە بىرمىز.

31بۇنىڭ بىلەن، يەھۇدىيلار يەنە ئۇنى چالما-كېسەك قىلىش ئۈچۈن، يەردىن تاش ئېلىشتى.

32_ ئاتام ماڭا بۇيرۇغان نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى ئالدىڭلاردا كۆرسەتتىم. بۇ ئىشلارنىڭ قايسىسى ئۈچۈن مېنى چالما-كېسەك قىلماقچىسىلەر؟ _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.

33_ سېنى ياخشى ئىشلىرىڭ ئۈچۈن ئەمەس، كۇپۇرلۇق قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن چالما-كېسەك قىلىمىز. چۈنكى، سەن ئادەم تۇرۇقلۇق، ئۆزۈڭنى خۇدا قىلىپ كۆرسەتتىڭ! _ دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى خالايىق.

34ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ بۇرۇنقى زاماندىكى يەھۇدىي يېتەكچىلەرگە: «سىلەر ئىلاھلار» دېگىنى يېزىلغان ئەمەسمۇ؟ 35مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ-دە! خۇدا ئۆزىنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەنلەرنى: «ئىلاھلار» دەپ ئاتىغانغۇ! 36ئەمدى ماڭا كەلسەك، ئاتام مېنى تاللاپ پانىي دۇنياغا ئەۋەتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن «خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېسەم، مېنى «كۇپۇرلۇق قىلدىڭ!» دەيسىلەر؟ 37ئەگەر ئاتام بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلمىسام، ماڭا ئېتىقاد قىلماڭلار. 38لېكىن قىلسام، سۆزلىرىمگە ئىشەنمىگەن ھالەتتىمۇ، قىلغانلىرىمنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەقلىقىگە ئىشىنىڭلار. بۇنىڭ بىلەن، ئاتامنىڭ مەندە ئىكەنلىكىنى، مېنىڭمۇ ئاتامدا ئىكەنلىكىمنى ھەق دەپ بىلىپ يېتىسىلەر.

39بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يەنە ئۇنى تۇتماقچى بولدى، بىراق ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى ئۇلاردىن قاچۇرۇپ قۇتۇلدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 20- باب

29ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ مېنى كۆرگەنلىكىڭ ئۈچۈن ئىشەندىڭمۇ؟ كۆرمەي تۇرۇپ ئىشەنگەنلەر نەقەدەر بەختلىك-ھە! _ دېدى.

30ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنىڭ ئالدىدا، بۇ كىتابتا يېزىلمىغان باشقا نۇرغۇن مۆجىزىلەرنىمۇ كۆرسەتتى. 31بۇ خاتىرىلەر سىلەرنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە ئىشەنسۇن ھەم بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا باغلىنىپ ھاياتلىققا ئېرىشسۇن، دەپ يېزىلدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 1- باب

1ئەلچى بولۇشقا چاقىرىلىپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى تارقىتىشقا تاللانغان، ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن سالام!

2بۇ خۇش خەۋەرنى خۇدا ئەلمىساقتا ئۆز پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق مۇقەددەس يازمىلاردا ۋەدە قىلغانىدى. 3بۇ خۇش خەۋەر خۇدانىڭ ئۆز ئوغلى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىدۇر. جىسمانىي جەھەتتىن، ئەيسا مەسىھ داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادىدىن تۇغۇلغان. 4لېكىن روھىي جەھەتتىن، ئۇنىڭ خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكى ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلۈشى ئارقىلىق زور قۇدرەت بىلەن ئىسپاتلانغان. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر