سوئال

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 15- باب

42شۇنىڭغا ئوخشاش، تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىنكى تېنىمىز ئۆلگەندىن كېيىنكى تېنىمىزگە ئوخشىمايدۇ. كۆمۈلگەن تېنىمىز چىرىپ كېتىدۇ، لېكىن تىرىلدۈرۈلگەن تېنىمىز بولسا مەڭگۈ چىرىمەيدۇ. 43تېنىمىز شەرەپسىز ھالدا ئاجىزلىقتا كۆمۈلىدۇ لېكىن، شان-شەرەپ ۋە قۇدرەتتە تىرىلدۈرۈلىدۇ. 44تېنىمىز جىسمانىي تەن ھالىتىدە كۆمۈلىدۇ. لېكىن، ئالاھىدە بىر تەن ھالىتىدە تىرىلدۈرۈلىدۇ. بۇ دۇنياغا خاس جىسمانىي تېنىمىز بولغىنىدەك، ئۇ دۇنياغا خاس ئالاھىدە تېنىمىزمۇ بار بولىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 15- باب

54چىرىيدىغان ۋە ئۆلىدىغان تېنىمىز چىرىمەيدىغان ۋە ئۆلمەيدىغان تەنگە ئايلانغاندا، مۇقەددەس يازمىلاردىكى ئالدىن ئېيتقان بۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ:

«ئۆلۈم يېڭىلىپ، يوق بولدى!»

55«ئەي ئۆلۈم، غەلىبەڭ يوق ئەمدى!

ئەي ئۆلۈم، نەشتىرىڭ يوق ئەمدى!»

56ئۆلۈمنىڭ نەشتىرى _ گۇناھتۇر. گۇناھنىڭ كۈچى بولسا بىزنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلمىغانلىقىمىزدىن پەيدا بولىدۇ. 57لېكىن، خۇداغا شۈكۈر! چۈنكى خۇدا رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزنى ئۆلۈم ۋە گۇناھ ئۈستىدىن غەلىبىگە ئېرىشتۈردى. [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 15- باب

24ئاندىن، قىيامەت كۈنى كېلىدۇ. شۇ چاغدا، ئەيسا مەسىھ يامان روھلاردىن ئىبارەت بولغان بارلىق ھۆكۈمرانلار، ھوقۇقدارلار ۋە كۈچلۈكلەرنى يوقىتىپ، پادىشاھلىقىنى ئاتىمىز خۇداغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. 25ئەيسا مەسىھ پۈتكۈل دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئايىغى ئاستىدا تىز پۈكتۈرگۈچە ھۆكۈم سۈرۈشى كېرەك. 26يوقىتىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى دۈشمەن ئۆلۈمدۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 7- باب

14_ تەقسىر، مەن بىلمەيمەن، بۇ ئۆزلىرىگە مەلۇمدۇر، _ دېدىم.

ئۇ ماڭا:

_ بۇلار دەھشەتلىك بالايىئاپەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلەردۇر. ئۇلار تونلىرىنى قوزىنىڭ قېنىدا يۇيۇپ، ئاپئاق قىلغان. 15شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا كېچە-كۈندۈز ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ. تەختتە ئولتۇرغۇچى خۇدا ئۇلارغا سايىۋەندۇر. 16ئۇلار ئەمدى ئاچ قالمايدۇ، ئۇسسىمايدۇ، ئۇلارغا نە ئاپتاپ، نە قاتتىق ئىسسىق ئۆتمەيدۇ. 17چۈنكى، ئۇلارنى تەختنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قوزا باقىدۇ ۋە ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلاقلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ. خۇدا ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى پۈتۈن ياشلارنى سۈرتىدۇ، _ دېدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 21- باب

3تەختتىن كۆتۈرۈلگەن جاراڭلىق بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «مانا، خۇدانىڭ ماكانى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىدۇر، خۇدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدۇ، ئۇلار خۇدانىڭ خەلقى بولىدۇ. خۇدا ئۆزىمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىدۇ، 4ئۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەربىر تامچە ياشلىرىنى ئېرتىدۇ. ئەمدى ئۆلۈم ئەسلا بولمايدۇ، نە ماتەم، نە يىغا-زار، نە قايغۇ-ئەلەم بولمايدۇ، چۈنكى بۇرۇنقى ئالەم ئۆتۈپ كەتتى.» [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر