سوئال

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 10- باب

32كۆپچىلىك ئالدىدا مېنى ئېتىراپ قىلغانلارنى مەنمۇ ئەرشتىكى ئاتامنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلىمەن. 33بىراق، كۆپچىلىك ئالدىدا مېنى رەت قىلغانلارنى مەنمۇ ئەرشتىكى ئاتام ئالدىدا رەت قىلىمەن. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 9- باب

23ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە يەنە مۇنداق دېدى:

_ كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ھەر كۈنى ماڭا ئەگەشسۇن. 24چۈنكى، ئۆزى ئۈچۈنلا ياشايدىغانلار ئەكسىچە ھاياتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. بىراق، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، مېنىڭ ئۈچۈن ياشايدىغانلار ھاياتىنى ساقلىيالايدۇ. 25بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ ھاياتىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! 26ئەگەر كىمدەكىم مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلى بولغان مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ، ئاتامنىڭ ۋە مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە قايتىپ كەلگىنىمدە، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىمەن. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 14- باب

6ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم خۇدائاتامنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 3- باب

16چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىر كىشى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئۇنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىپ بەردى. 17خۇدا ئوغلىنى دۇنيادىكى ئىنسانلارنى سوراققا تارتىشقا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتتى. 18ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلار سوراققا تارتىلمايدۇ. ئېتىقاد قىلمىغانلار بولسا ئاللىبۇرۇن سوراققا تارتىلغان بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار خۇدانىڭ يەككە-يېگانە ئوغلىغا ئېتىقاد قىلمىغانىدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى » 4- باب

12پەقەت ھەزرىتى ئەيسالا بىزنى قۇتقۇزالايدۇ. چۈنكى، پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ھەزرىتى ئەيسادىن باشقا، خۇدا تەيىنلىگەن ھېچقانداق قۇتقۇزغۇچى يوقتۇر! [داۋامى]

ئىنجىل، « ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى » 26- باب

27ئاندىن، پاۋلۇس ئاگرىپا خانغا قاراپ، مۇنداق دېدى:

_ ئى خان، ئۆزلىرى پەيغەمبەرلەرنىڭ قۇتقۇزغۇچى ھەققىدە ئېيتقانلىرىغا ئىشىنەمدىلا؟ ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى بىلىمەن!

28ئاگرىپا خان پاۋلۇسقا:

_ سەن مېنى مۇشۇنچىلىك قىسقىغىنا ۋاقىتتا ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشقا قايىل قىلالايمەن، دەپ ئويلاۋاتامسەن؟ _ دېدى.

29پاۋلۇس:

_ مەيلى بالدۇر ياكى كېيىن بولسۇن، ئۆزلىرىنىڭ ۋە بۈگۈن مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ماڭا ئوخشاش ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن. پەقەتلا ماڭا ئوخشاش، زەنجىردە بولۇشۇڭلارنى خالىمايمەن! _ دېدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 4- باب

16لېكىن، ئاراڭلاردىن بىرى ئەيسا مەسىھكە ئەگەشكۈچى دەپ ئاتالغانلىقى سەۋەبىدىن ئازاب-ئوقۇبەت چەكسە، ئۇ بۇنىڭدىن نومۇس قىلمىسۇن. ئەكسىچە، شۇ نام بىلەن ئاتالغانلىقى ئۈچۈن خۇدانى مەدھىيىلىسۇن. 17چۈنكى، سوراق ۋاقتى باشلاندى. بۇ سوراق ئالدى بىلەن خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى، يەنى ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى سىناشتىن باشلىنىدۇ. ئەگەر بۇ بىز ئېتىقادچىلار ئۈچۈن قىيىن بولسا، ئۇ ھالدا خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟ [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر