سوئال

«مەن بىر نەچچە يىل بۇرۇن ھەزرىتى ئەيسانىڭ يولىغا كىرگەنتىم. مەن دائىم ئۆزەمنى روھىي جەڭ قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن. يەنى خۇدا ماڭا بىر ئىشنى ئېيتىۋاتقاندەك، لېكىن جەمئيەت بىلەن شەيتان مېنى باشقا تەرەپكە تارتىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن. بۇ توغرۇلۇق ئىنجىل نېمە دەيدۇ؟ مەن قانداق قىلسام بۇ جەڭدىن غەلبە قازىنالايمەن؟»

ئىنجىل، «كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت» 10-باب

3بۇ دۇنيادا ياشىساقمۇ، بۇ دۇنيانىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرى بويىچە ياشايدىغانلاردەك جەڭ قىلمايمىز. 4چۈنكى، جەڭ قوراللىرىمىز بۇ دۇنياغا خاس قوراللار ئەمەس، بەلكى شەيتاننىڭ مۇستەھكەم قەلئەلىرىنى گۇمران قىلىدىغان، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە ئىگە بولغان قوراللاردۇر. 5بىز بۇ قوراللار بىلەن بىمەنە سەپسەتىلەرنى ۋە خۇدانى تونۇشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەر خىل كۆرەڭ كۆزقاراشلارنى بىتچىت قىلىمىز ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنى ئەيسا مەسىھكە بېقىندۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى قايىل قىلىمىز.

[داۋامى]

ئىنجىل، «رىملىقلارغا يېزىلغان خەت» 8-باب

31ئۇنداقتا، بىز بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ خۇدا بىز تەرەپتە تۇرغانىكەن، كىممۇ بىزگە قارشى چىقالىسۇن؟ 32ئۆز ئوغلىنىمۇ ئايىماي، ئۇنى ھەممىمىز ئۈچۈن قۇربان بولۇشقا ئەۋەتكەن خۇدا بارلىقىنى بىزگە ئاتا قىلماي قالامدۇ؟ 33كىممۇ خۇدانىڭ تاللىغان بەندىلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلالىسۇن؟ ھېچكىم! چۈنكى، بىز خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان. 34كىم بىزنى گۇناھقا مەھكۇم قىلالايدۇ؟ ھېچكىم! چۈنكى، ئەيسا مەسىھ بىز گۇناھكارلار ئۈچۈن ئۆلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ تىرىلدۈرۈلۈپ، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ھوقۇق تۇتۇپ، بىز ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلماقتا. 35ھېچكىم بىزنى ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ! ھەرقانداق قىيىن ئەھۋال، جاپا-مۇشەققەت، زىيان-زەخمەت، ئاچ-يالىڭاچلىق ۋە خېيىمخەتەر، ھەتتا قىلىچمۇ بىزنى ئۇنىڭدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ! 36خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك:

«سېنى دەپ كۈن بويى ئۆلۈم گىردابىدا تۇرۇۋاتىمىز

سويۇلىدىغان قويلار ئورنىدا قارىلىۋاتىمىز.»

37لېكىن، بىزنى سۆيىدىغان خۇدانىڭ كۈچى بىلەن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈستىدىن پۈتۈنلەي غەلىبە قىلىمىز. 38شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ئۆلۈم ياكى ھاياتلىق بولسۇن، پەرىشتىلەر ياكى جىن-شەيتانلار بولسۇن، ھازىرقى ياكى كەلگۈسىدىكى ھەرقانداق ئىشلار بولسۇن، ياكى روھلار دۇنياسىدىكى ھەرقانداق كۈچلەر بولسۇن، 39ياكى پۈتكۈل كائىناتتا يارىتىلغان باشقا ھەرقانداق بىر شەيئى بولسۇن، مەيلى بىز ئېگىز ئاسماندا ياكى چوڭقۇر ھاڭنىڭ تېگىدە بولايلى، بىزنى خۇدانىڭ رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئاتا قىلغان مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ.

[داۋامى]

ئىنجىل، «ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت» 6-باب

10ئاخىردا، مەن سىلەرنىڭ رەببىمىزگە ۋە ئۇنىڭ زور قۇدرىتىگە تايىنىپ، كۈچلۈك بولۇشۇڭلارنى تىلەيمەن.11شەيتاننىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، خۇدا ئاتا قىلغان قوغدىنىش قوراللىرى بىلەن قوراللىنىڭلار.12چۈنكى، بىز ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى يامان روھىي كۈچلەر دۇنياسىدىكى ھۆكۈمرانلارغا، ھوقۇقدارلارغا، بۇ قاراڭغۇ دۇنيانىڭ كۆرۈنمەس كۈچلىرىگە ۋە باشقا رەزىل روھىي كۈچلەرگە قارشى جەڭ قىلىۋاتىمىز.13مۈشكۈل كۈنلەردە دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالىشىڭلار ھەمدە جەڭدىن كېيىنمۇ قەددىڭلارنى رۇسلاپ تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئاتا قىلغان قوغدىنىش قوراللىرى بىلەن تولۇق قوراللىنىڭلار.14بۇ جەڭدە پۇت تىرەپ تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن، بېلىڭلارغا ھەقىقەت كەمىرىنى، كۆكسۈڭلارغا ھەققانىيلىق ساۋۇتىنى تاقاڭلار.15خۇدانىڭ ئىنسانلارنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇرۇش توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر چورۇقىنى كىيىپ، تەييار تۇرۇڭلار.16مانا بۇلارغا قوشۇپ، شەيتاننىڭ بارلىق ئوت تۇتاشتۇرۇلغان ئوقلىرىنى توسۇپ قالالايدىغان ئېتىقاد قالقىنىنى قولۇڭلارغا ئېلىڭلار.17خۇدا ئاتا قىلغان قۇتقۇزۇلۇش دۇبۇلغىسىنى كىيىڭلار ۋە مۇقەددەس روھ قىلىچى، يەنى خۇدانىڭ سۆزىنى مەھكەم تۇتۇڭلار.18ھەمىشە مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، ئىلتىماسىڭلارنى ئېيتىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىڭلار. شۇنداقلا، سەگەك تۇرۇپ، بارلىق ئېتىقادچىلار ئۈچۈن داۋاملىق دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار.

[داۋامى]

ئىنجىل، «كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت» 4-باب

16شۇڭا، جاسارىتىمىزنى يوقاتمايمىز. تېنىمىز بارغانسېرى خاراب بولسىمۇ، روھىمىز كۈندىن-كۈنگە يېڭىلانماقتا. 17بىز ئۇچراۋاتقان بۇ ۋاقىتلىق ۋە ئەرزىمەس ئازاب-ئوقۇبەتلەر بىزگە تەڭداشسىز ۋە مەڭگۈلۈك شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ. 18شۇڭا، كۆزىمىز كۆرۈنىدىغاندا ئەمەس، بەلكى كۆرۈنمەيدىغاندىدۇر. چۈنكى، كۆرۈنىدىغىنى ئۆتكۈنچىدۇر، كۆرۈنمەيدىغىنى بولسا مەڭگۈلۈكتۇر.

[داۋامى]

ئىنجىل، «پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت» 5-باب

7بارلىق غەم-قايغۇلىرىڭلارنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار. چۈنكى، ئۇ سىلەرگە غەمخورلۇق قىلىدۇ.

8ئۆزۈڭلارنى ھوشيار ۋە سەگەك تۇتۇڭلار. چۈنكى، دۈشمىنىڭلار بولغان شەيتان خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن شىردەك ئاراڭلاردىكى ئېتىقادچىلارنى يۇتماقچى بولۇپ، قاتراپ يۈرىدۇ.9سىلەر مۇستەھكەم ئېتىقادىڭلار بىلەن شەيتانغا تاقابىل تۇرۇڭلار. چۈنكى ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلىرىڭلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتىدۇ.10پۈتكۈل مېھىر-شەپقەتنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك شان-شەرىپىگە چاقىرغان. سىلەر ۋاقىتلىق ئازاب-ئوقۇبەت چەككىنىڭلاردىن كېيىن، خۇدا سىلەرنى دەس تۇرغۇزۇپ، سىلەرنى چىداملىق قىلىپ، ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەم ۋە تەۋرەنمەس قىلىدۇ.11بارلىق كۈچ-قۇدرەت خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!

[داۋامى]

ئىنجىل، «ياقۇپ يازغان خەت» 1-باب

2قېرىنداشلار، ھەر خىل سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۇنى زور خۇشاللىق، دەپ بىلىڭلار.3چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، بۇنداق سىناقلار ئارقىلىق ئېتىقادىڭلار سىنىلىپ، چىداملىق بولىسىلەر.

[داۋامى]

ئىنجىل، «كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت» 6-باب

14ئېتىقادسىزلار بىلەن بىر بويۇنتۇرۇققا كىرمەڭلار. چۈنكى، ھەققانىيلىق بىلەن ھەققانىيسىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداقمۇ ئورتاقلىق بولسۇن!؟ يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق قانداقمۇ چىقىشالىسۇن!؟15مەسىھ بىلەن شەيتان قانداقمۇ كېلىشەلىسۇن!؟ ئېتىقادچىلار بىلەن ئېتىقادسىزلارنىڭ نېمە ئورتاقلىقى بولسۇن!؟16خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى بىلەن بۇتلار ئارىسىدا قانداقمۇ بىرلىك بولسۇن!؟ بىز مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى. خۇددى خۇدانىڭ ئېيتقىنىدەك:

«خەلقىم ئىچىدە تۇرىمەن،

ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈرىمەن.

ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن،

ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.»

17شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئېتىقادسىزلاردىن ئايرىلىپ نېرى تۇرۇڭلار.

ناپاك ئىشلارغا يېقىن يولىماڭلار،

شۇندا، مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن.»

«ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار يەنە:

18‹سىلەرگە ئاتا بولىمەن.

سىلەرمۇ مېنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىم بولىسىلەر.› دەيدۇ.»

[داۋامى]

ئىنجىل، «رىملىقلارغا يېزىلغان خەت» 7-باب

15ئۆزۈمنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىمنى بىلمەيمەن. چۈنكى، ئۆزۈم نىيەت قىلغان ئىشلارنى قىلمايمەن، ئەكسىچە نەپرەتلىنىدىغان ئىشلارنى قىلىمەن.16ئەگەر مەن يامان ئىشلارنى قىلىشنى خالىماي تۇرۇپ، يەنىلا ئۇلارنى قىلغان بولسام، ئۇ چاغدا ۋىجدانىم تەۋرات قانۇنىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولىدۇ.17شۇڭا، بۇ ئىشلارنى قىلدۇرۇۋاتقىنى مەن ئەمەس، بەلكى ئىچىمدە ياشاۋاتقان گۇناھ.18ئىچىمدە، يەنى گۇناھكار تەبىئىتىمدە ياخشىلىقنىڭ يوقلۇقىنى بىلىمەن. چۈنكى، ياخشىلىق قىلىش نىيىتىم بار بولسىمۇ، ئىقتىدارىم يوق.19شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزۈم نىيەت قىلغان ياخشى ئىشلارنى قىلماي، ئەكسىچە نىيەت قىلمىغان يامان ئىشلارنى قىلىمەن.20ئۆزۈم نىيەت قىلمىغان ئىشنى قىلسام، بۇنى قىلدۇرۇۋاتقىنى مەن ئەمەس، بەلكى ئىچىمدە ياشاۋاتقان گۇناھتۇر.

21بۇنىڭدىن ئۆزۈمدىكى شۇ قانۇنىيەتنى چۈشەندىمكى، ياخشى ئىشلارنى قىلماقچى بولساممۇ، يامانلىق ماڭا ھامان ھەمراھ بولۇپ تۇرغاچقا، مەن يەنىلا يامان ئىشلارنى قىلىمەن.22خۇدانىڭ قانۇنىدىن ئىچ-ئىچىمدىن سۆيۈنىمەن.23بىراق، تېنىمدە باشقا بىر قانۇنىيەتنى سېزىمەن. بۇ قانۇنىيەت قەلبىمدىن قايىل بولغان قانۇن بىلەن جەڭ قىلىپ، تەن ئەزالىرىمنى گۇناھ سادىر قىلدۇرغانلىقتىن، مېنى گۇناھقا ئەسىر قىلىدۇ.24مەن نېمىدېگەن بىچارە ئادەممەن-ھە! گۇناھنىڭ ئەسىرى بولغان ۋە ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان بۇ تېنىمدىن كىممۇ مېنى قۇتقۇزار؟!25خۇداغا شۈكۈر، خۇدا مېنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قۇتقۇزىدۇ!

مېنىڭ ئەھۋالىم مانا مۇنداق: قەلبىم بىلەن خۇدانىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىشنى خالايمەن، لېكىن ئەمەلىيىتىمدە گۇناھكار تەبىئىتىم سەۋەبىدىن گۇناھنىڭ قۇلى بولىمەن.

[داۋامى]

ئىنجىل، «رىملىقلارغا يېزىلغان خەت» 8-باب

12شۇنىڭ ئۈچۈن، قېرىنداشلىرىم، گۇناھكار تەبىئىتىمىزگە بويسۇنۇپ ياشاشقا ئەمەس، مۇقەددەس روھقا بويسۇنۇشقا قەرزدارمىز. 13چۈنكى، گۇناھكار تەبىئىتىڭلارغا بويسۇنۇپ ياشىساڭلار، مەڭگۈلۈك ھالاك بولىسىلەر. لېكىن، مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، گۇناھكار تەبىئىتىڭلار ئارزۇ قىلغان گۇناھتىن قول ئۈزسەڭلار، مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىسىلەر. 14خۇدانىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشىغانلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇر. 15ئەمدى سىلەر قوبۇل قىلغان مۇقەددەس روھ سىلەرنى قۇل قىلىپ، قۇل خوجايىنىدىن قورققاندەك قورقۇنچقا سالمايدۇ. ئەكسىچە، سىلەر بۇ مۇقەددەس روھ ئارقىلىق خۇدانىڭ ئەتىۋارلاپ بېقىۋالغان پەرزەنتلىرى بولۇپ، خۇدانى «ئى سۆيۈملۈك ئاتا!» دەپ چاقىرالايدىغان بولدۇڭلار. 16بۇ مۇقەددەس روھ قەلب روھىمىز بىلەن بىللە بىزنىڭ خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. 17خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنمىز، ئۇنىڭ ۋەدە قىلغان ھەقىقىي بايلىقىغا مىراسخورمىز، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە مىراسخورلۇق قىلىمىز. كەلگۈسىدە ئەيسا مەسىھ بىلەن بىرلىكتە خۇدانىڭ شان-شەرىپىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن، بىزمۇ ھازىر ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش، ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىۋاتىمىز.

[داۋامى]

ئۈندىدار سالونىمىز

ئۇندىدار

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

yengi mezmun

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر