سوئال

«مەن توي قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن. مەن ئىچكى جەھەتتىكى گۈزەللىكنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن. لېكىن سەت بىر قىز بىلەن توي قىلغۇم يوق. مۇقەددەس كىتاب بۇ توغرۇلۇق نېمە دەيدۇ؟»

تەۋرات، «پەند-نەسىھەتلەر» 31-باب

30ئالدامچىدۇر جەلپكارلىق، بىر كۆپۈكتۇر ھۆسن-جامال،

ماختاشقا ئېرىشەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان ئايال.

[داۋامى]

تەۋرات، «پەند-نەسىھەتلەر» 18-باب

22ياخشى خوتۇن ئالغان كىشى ياخشىلىق تاپقان بولار،

ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەرھەمىتىگە ئىگە بولار.

[داۋامى]

تەۋرات، «پەند-نەسىھەتلەر» 19-باب

13ھاماقەت ئوغۇل ئاتىسى ئۈچۈن بالادۇر،

خوتۇننىڭ جېدەللىرى تورۇستىن تامچىلىغان يامغۇردەكتۇر.

14مىراستۇر ئۆي ۋە مال-مۈلۈك ئاتا-بوۋىدىن،

ئەقىل-ئىدراكلىق خوتۇن پەرۋەردىگاردىن.

[داۋامى]

تەۋرات، «پەند-نەسىھەتلەر» 31-باب

10كىم ئالالايدۇ پەزىلەتلىك ئايالنى؟

ئارتۇقتۇر گۆھەردىنمۇ ئۇنىڭ قەدىر-قىممىتى.

11بۇنداق ئايالغا دىلىدىن ئىشەنچ قىلار ئېرى،

كەم بولماس ئېرىنىڭ ھېچ نەرسىسى.

12ئېرىغا ياخشىلىق قىلار ئۇ ئۆمۈر بويى،

ئۇچراتماس زىيانغا ئۇنى.

[داۋامى]

ئىنجىل، «كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت» 3-باب

18ئەي ئاياللار، رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئەرلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار.19ئەي ئەرلەر، ئاياللىرىڭلارنى سۆيۈڭلار، ئۇلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلماڭلار.

[داۋامى]

ئىنجىل، «تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت» 2-باب

8شۇڭا، مەن شۇنى ئۈمىد قىلىمەنكى، ئېتىقادچى ئەرلەر مەيلى قەيەردە بولسۇن، ھەر قېتىم دۇئاغا جەم بولغاندا باشقىلارغا غەزەپلەنمەي، دەتالاش قىلماي، توغرا ئەمەللىك قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسۇن.9ئاياللار چاكىنا كىيىنمەي، مۇۋاپىق ۋە ئەخلاقلىق كىيىنىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئالاھىدە ياسىۋالغان چاچلىرى، ئالتۇن-كۈمۈش، ئۈنچە-مەرۋايىت ۋە ئېسىل كىيىم-كېچەكلەر بىلەن ئەمەس،10بەلكى ياخشى ئەمەلىيىتى بىلەن پەردازلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ، خۇدا يولىدا ماڭىمەن دەيدىغان ئاياللارغا يارىشىدۇ.

[داۋامى]

ئىنجىل، «پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت» 3-باب

3گۈزەللىكىڭلار سىرتقى كۆرۈنۈشتىكى ئالاھىدە ياسىۋالغان چاچلىرىڭلار، تاقىغان ئالتۇن زىبۇزىننەتلىرىڭلار ۋە ئېسىل كىيىملىرىڭلاردىن ئىبارەت ئەمەس، 4بەلكى قەلبىڭلاردىكى ئۆچمەس گۈزەللىك، يەنى مۇلايىملىق ۋە تەمكىنلىكىڭلاردىن ئىبارەت بولسۇن چۈنكى، بۇنداق گۈزەللىك خۇدانىڭ ئالدىدا ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر.

[داۋامى]

ئىنجىل، «ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت» 13-باب

4ھەممە ئادەم نىكاھقا ھۆرمەت قىلسۇن. ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە سادىق بولسۇن. چۈنكى، خۇدا نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغانلار ۋە جورىسىغا سادىق بولمىغانلاردىن ھېساب ئالىدۇ.

[داۋامى]

تەۋرات، «پەند-نەسىھەتلەر» 6-باب

23چۈنكى بۇيرۇق بولسا چىراغدۇر،

تەلىم بولسا نۇردۇر،

تەربىيىنىڭ ئۆزى ھايات يولىدۇر.

24ئۇلار ساقلار سېنى بۇزۇق خوتۇندىن،

زىناخور خوتۇننىڭ شېرىن سۆزلىرىدىن.

25بېرىلىپ كەتمە ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە،

ئەسىر بولۇپ كەتمە قاش-كۆز ئوينىتىشىغا.

26نان ھەققى يېتەر پاھىشە ئايالغا،

ئۆزگىنىڭ خوتۇنى ئەزىز جېنىڭنى ئالار قارىغا.

[داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

yengi mezmun

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر