سوئال

«مېنىڭ 3 ياشقا كىرگەن ناھايىتى كەپسىز بىر ئوغلۇم بار. بەزىدە سەۋر تاقەتلىك بولۇش ماڭا بەك تەس كېلىدۇ. ئىنجىلدا سەۋر تاقەتلىك بولۇش توغرىسىدا قانداق ئايەتلەر بار؟»

ئىنجىل، «گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت» 5-باب

22ۋەھالەنكى، مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاشنىڭ بېرىدىغان مېۋىلىرى مېھىر-مۇھەببەت، خۇشال-خۇراملىق، تىنچ-ئامانلىق، سەۋر-تاقەت، مېھرىبانلىق، ياخشىلىق، سادىقلىق، 23مۇلايىملىق ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇلار ھېچقانداق قانۇنغا زىت ئەمەستۇر.

[داۋامى]

ئىنجىل، «ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت» 4-باب

2سىلەر ھەمىشە كەمتەر، مۇلايىم، سەۋرچان بولۇپ، مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بىلەن بىر-بىرىڭلارغا كەڭ قورساق بولۇڭلار.

[داۋامى]

تەۋرات، «پەند-نەسىھەتلەر» 14-باب

29ئەقىل-ئىدراكقا ئىگە ئېغىر-بېسىق كىشى،

ئاشكارىلار ئەخمەقلىقىنى چېچىلغاق كىشى.

[داۋامى]

ئىنجىل، «كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت» 13-باب

3گەرچە پۈتۈن مېلىمنى سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتسەممۇ، ھەتتا خۇدانىڭ خىزمىتىدە جېنىمنى قۇربان قىلىپ، تېنىمنىڭ ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشىگە رازى بولساممۇ، لېكىن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا، بۇ قىلغانلىرىمنىڭ ماڭا ھېچ پايدىسى يوقتۇر.

4مېھىر-مۇھەببەت سەۋرچان ۋە مېھرىباندۇر. مېھىر-مۇھەببەت ھەسەتخورلۇق قىلمايدۇ، ماختانچاقلىق ۋە تەكەببۇرلۇقمۇ قىلمايدۇ. 5مېھىر-مۇھەببەت ئەدەپسىزلىك قىلمايدۇ، شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەيدۇ، ئاسان ئاچچىقلانمايدۇ ۋە ئاداۋەت ساقلىمايدۇ. 6مېھىر-مۇھەببەت ناھەقچىلىكتىن خۇرسەن بولمايدۇ، ئەكسىچە ھەقىقەتتىن خۇشال بولىدۇ. 7مېھىر-مۇھەببەت ھەممىگە بەرداشلىق بېرىدۇ، ھەممىگە ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ، ھەممە ئىشتا ئۈمىدۋار ۋە چىداملىق بولىدۇ.

[داۋامى]

ئىنجىل، «سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت» 5-باب

14قېرىنداشلار، سىلەردىن ئۆتۈنىمىزكى، بىكار تەلەپلەرنى ئويغىتىڭلار، يۈرەكسىزلەرنى رىغبەتلەندۈرۈڭلار، ئاجىزلىقى بولغانلارغا يار-يۆلەك بولۇڭلار ۋە ھەممە ئادەمگە سەۋرچان بولۇڭلار.

[داۋامى]

بالا تەربىيىلەش ھەققىدە

تەۋرات، «پەند-نەسىھەتلەر» 22-باب

6تەربىيىلە بالاڭنى توغرا يولدا مېڭىشقا،

چوڭ بولغاندىمۇ شۇ يولدىن چىقماس ئۇ شۇندا.

[داۋامى]

ئىنجىل، «ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت» 12-باب

11قاتتىق تەربىيە بىلەن تۈزىتىلگەن ئادەم تۈزىتىش بېرىلگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خۇشال بولمايدۇ، كۆڭلى بۇزۇلىدۇ. بىراق، كېيىن ئۇ بۇنداق تۈزىتىش بىلەن تاۋلىنىپ، ئامانلىق ۋە ھەققانىيلىق يولىدا ماڭىدۇ.

[داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

yengi mezmun

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر