سوئال

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 20- باب

22يامانلىق قايتۇرىمەن دېمە يامانلىققا،

پەرۋەردىگارنى كۈت، ئۇ ياردەم بېرەر ساڭا. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 5- باب

43_ سىلەر «قوشناڭنى سۆي، دۈشمىنىڭگە نەپرەتلەن» دېگەن تەلىمنى ئاڭلىغان. 44لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەرگە دۈشمەنلىك قىلغانلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، زىيانكەشلىك قىلغانلارغا دۇئا قىلىڭلار. 45شۇنداق قىلغاندا، ئەرشتىكى ئاتاڭلار خۇدانىڭ ھەقىقىي پەرزەنتلىرىدىن بولالايسىلەر. چۈنكى، خۇدا قۇياش نۇرىنى ياخشىلارغىمۇ، يامانلارغىمۇ چۈشۈرىدۇ. يامغۇرنىمۇ ئادالەتلىكلەرگىمۇ، ئادالەتسىزلەرگىمۇ ياغدۇرىدۇ. 46ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنى ياخشى كۆرگەنلەرگىلا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، بۇنىڭ قانداقمۇ ئىنئامغا ئېرىشكۈچىلىكى بولسۇن؟ ھەتتا ئىنساپسىز باجگىرلارمۇ شۇنداق قىلىۋاتمامدۇ؟ 47ئەگەر سىلەر دوستلىرىڭلار بىلەنلا سالام-سەھەت قىلىشساڭلار، بۇنىڭ باشقىلاردىن نېمە پەرقى؟ ھەتتا بۇتپەرەسلەرمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ! 48شۇڭا، ئەرشتىكى ئاتاڭلار مۇكەممەل بولغىنىدەك، سىلەرمۇ شۇنداق بولۇڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 6- باب

27_ قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار! سىلەرگە دۈشمەنلىك قىلغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. ئۆچمەنلىك قىلغانلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. 28سىلەرنى قارغىغانلارغا بەخت تىلەڭلار. سىلەرگە يامان مۇئامىلىدە بولغانلارغىمۇ دۇئا قىلىڭلار. 29بىرسى سىلەرنىڭ ئوڭ يۈزۈڭلارغا ئۇرسا، سول يۈزۈڭلارنىمۇ تۇتۇپ بېرىڭلار. بىرسى سىلەرنىڭ چاپىنىڭلارنى ئېلىپ كەتسە، كۆڭلىكىڭلارنىمۇ سېلىپ بېرىڭلار. 30بىرسى سىلەردىن بىرنېمە تىلىسە، تىلىگىنىنى بېرىڭلار. بىرسى سىلەرنىڭ بىرەر نەرسەڭلارنى ئېلىپ كەتسە، ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىشنى سورىماڭلار. 31باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى كۈتسەڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار.

32ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنى ياخشى كۆرگەنلەرگىلا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، بۇنىڭ ماختانغۇدەك نەرى بار؟ گۇناھكارلارمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرگەنلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدىغۇ. 33ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ياخشىلىق قىلغانلارغىلا ياخشىلىق قىلساڭلار، بۇنىڭ ماختانغۇدەك نەرى بار؟ ھەتتا گۇناھكارلارمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ! 34ئەگەر سىلەر قەرزنى قايتۇرالايدىغانلارغىلا بەرسەڭلار، بۇنىڭ ماختانغۇدەك نەرى بار؟ گۇناھكارلارمۇ ئەينەن قايتۇرۇش شەرتى بىلەن باشقا گۇناھكارلارغا قەرز بېرىدىغۇ! 35ياق! سىلەر دۈشمىنىڭلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. باشقىلارغا قايتۇرۇۋېلىشنى ئويلىمايلا پۇل قەرز بېرىڭلار. شۇ چاغدا، ئەرشتە مول ئىنئامغا ئېرىشىسىلەر ۋە ئۇلۇغ خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغانلىقىڭلارغا گۇۋاھلىق بەرگەن بولىسىلەر. چۈنكى، خۇدا ياخشىلىقنى بىلمەيدىغانلارغا ۋە يامانلارغىمۇ شەپقەت قىلىدۇ. 36ئەرشتىكى ئاتاڭلار مېھرىبان بولغىنىدەك، سىلەرمۇ مېھرىبان بولۇڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 12- باب

19قەدىرلىك دوستلار، ئىنتىقام ئالماڭلار، بۇنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى، ئىنتىقام ئالغۇچى مەندۇرمەن، ئۇنى مەن چوقۇم قىلىمەن.» 20مۇقەددەس يازمىلاردا يەنە مۇنداق يېزىلغان: «دۈشمىنىڭ ئاچ بولسا، ئۇنى تويدۇر، ئۇسسىغان بولسا، قاندۇر. بۇنداق قىلىش بىلەن ئۇنىڭ يۈزىنى چىمىلدىتىپ، ئۇنى خىجالەتچىلىكتە قالدۇرىسەن.» سىلەرمۇ ئىنتىقام ئېلىشنىڭ ئورنىغا شۇنداق قىلىڭلار. 21دېمەك، يامانلىق ئالدىدا تىز پۈكمەڭلار، يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن يېڭىڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 5- باب

14قېرىنداشلار، سىلەردىن ئۆتۈنىمىزكى، بىكار تەلەپلەرنى ئويغىتىڭلار، يۈرەكسىزلەرنى رىغبەتلەندۈرۈڭلار، ئاجىزلىقى بولغانلارغا يار-يۆلەك بولۇڭلار ۋە ھەممە ئادەمگە سەۋرچان بولۇڭلار. 15ھېچقايسىڭلار يامانلىققا يامانلىق قايتۇرماڭلار. ئەكسىچە، بىر-بىرىڭلارغا ۋە بارلىق كىشىلەرگە ھەمىشە ياخشىلىق قىلىشنى نىيەت قىلىڭلار. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر