سوئال

« زەبۇر » 46- مۇناجات

1كۈچ-قۇدرەت، باشپاناھ بولغۇچىمىز رەببىمىزدۇر،

كۈلپەتتە قالساق ئەگەر ھەر زامان ياردەمدىدۇر.

2-3ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتسىمۇ زېمىن ناۋادا،

تاغلار غۇلاپ چۈشسىمۇ دېڭىزلارنىڭ ئاستىغا.

دولقۇنلىنىپ دېڭىزلار، ئۆركەش ياساپ تاشسىمۇ،

تاشقىنىدىن دېڭىزنىڭ، تاغلار تەۋرەپ كەتسىمۇ،

بىزدە قورقۇنۇش يوقتۇر ئەسلا. سېلاھ

4باردۇر ئېقىنلىرى شادلىق ئېلىپ كېلىدىغان بىر دەريا،

خۇدانىڭ شەھىرى _ ئۇلۇغ خۇدانىڭ مۇقەددەس ماكانىغا.

5شۇ شەھەردە بولغاچ خۇدا، تەۋرەنمەس ئۇ ماكان ئەسلا،

تاڭ ئېتىشى بىلەن تەڭ ياردەمگە كېلەر خۇدا.

6گۇمران بولدى شاھلىقلار،

غوۋغا كۆتۈرۈپ خەلقلەر.

جاراڭلىسا رەببىمىزنىڭ ئاۋازى

يەر-زېمىن ئېرىپ كېتەر.

7قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىرگىدۇر،

ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا قورغىنىمىزدۇر. سېلاھ

8كۆرۈڭلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرىتىنى،

زېمىندا كۆرسەتكەن ۋەيرانچىلىقلىرىنى.

9توختاتقۇچىدۇر ئۇ ھەممە ئۇرۇشلارنى،

سۇندۇرۇپ ئوقيا، نەيزىلەرنى.

كۆيدۈرۈپ جەڭ ھارۋىلىرىنى.

10دەيدۇ ئۇ: «توختىتىڭلار ئۇرۇشۇڭلارنى،

بىلىپ قويۇڭلار مېنىڭ خۇدالىقىمنى!

ئۇلۇغلىنىمەن پۈتۈن ئالەمدە،

بارچە خەلقلەر ئۇلۇغلار مېنى.»

11قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىرگىدۇر،

ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا قورغىنىمىزدۇر. سېلاھ [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر