سوئال

ھاياتتىكى مەقسەت

« زەبۇر » 1- مۇناجات

1نەقەدەر بەختلىك ھە!

يامانلارنىڭ سالاسىغا كىرمىگۈچى،

گۇناھكارلارنىڭ يولىدا ماڭمىغۇچى،

مەسخىرىچىلەر ئارىسىدا يۈرمىگۈچى.

2پەرۋەردىگارنىڭ تەلىملىرىدىن سۆيۈنچ تاپىدۇ ئۇلار،

كېچە-كۈندۈز شۇ تەلىملەر ھەققىدە پىكىر قىلار.

3ئۇ گويا دەرەختۇر تىكىلگەن ئېرىق بويىغا،

ئۆز پەسلىدە مېۋىلەرنى بېرىپ تۇرار.

سولاشماس ئەسلا يوپۇرماقلىرى،

ھەممە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولار.

4بىراق يامانلار ئوخشىماس ئۇلارغا،

ئۇلار ئوخشار شامالدا سورۇلغان توپانغا.

5باش كۆتۈرەلمەس يامانلار خۇدانىڭ سورىقىدا،

گۇناھكارلار تۇرالماس ھەققانىيلار قاتارىدا.

6پەرۋەردىگار يورۇتار ھەققانىيلار يولىنى،

يامانلار يولى باشلار ھالاكەتكە ئۇلارنى. [داۋامى]

« زەبۇر » 23- مۇناجات

1قويچىمدۇر پەرۋەردىگار، باقار ئۇ مېنى،

كۆرمەسمەن شۇڭا مەن ھېچ موھتاجلىقنى.

2يايلىتار ئۇ مېنى ياپيېشىل يايلاقلاردا،

باشلاپ بارار شىلدىرلىغان سۇلار بويىغا.

3ئۇرغۇتار روھىمنى كۈچ-قۇۋۋەت بېرىپ ماڭا،

شەرىپى ئۈچۈن باشلار مېنى ھەققانىيەت يولىدا.

4ئۆتسەممۇ گەر ئۆلۈم سايە تاشلاپ تۇرغان جىلغىلاردىن،

ئۆزۈڭ ماڭا يار بولغاچ قورقماسمەن خەتەرلەردىن،

ھاساڭ بىلەن تايىقىڭ خالاس قىلار تەشۋىشلەردىن.

5دۈشمەنلىرىم ئالدىدا داستىخان سېلىپ ماڭا،

ئەزىزلەپ مېنى ياغ سۈركەرسەن بېشىمغا،

بەخت شارابىم تولۇپ تاشار ھايات جامىمغا.

6بەرھەق، شاپائەت ۋە مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ،

ھەمراھ بولار ئۆمۈرۋايەت ياندىشىپ ماڭا،

مەڭگۈ ياشايمەن پەرۋەردىگار ھۇزۇرۇڭدا. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 6- باب

19_ يەر يۈزىدە ئۆزۈڭلارغا بايلىق توپلىماڭلار. چۈنكى، بۇ يەردە يا كۈيە يەپ تۈگىتىدۇ، يا داتلىشىپ تۈگەيدۇ ياكى ئوغرى ئوغرىلاپ كېتىدۇ. 20ئەكسىچە، ئەرشتە ئۆزۈڭلارغا بايلىق توپلاڭلار. ئۇ يەردە كۈيە يېمەيدۇ، داتلاشمايدۇ، ئوغرىمۇ ئالمايدۇ. 21بايلىقىڭلار قەيەردە بولسا، قەلبىڭلارمۇ شۇ يەردە بولىدۇ.

22كۆز تەننىڭ چىرىغىدۇر. ئەگەر كۆزۈڭلار ياخشى بولسا، يەنى كۆزۈڭلار خۇدادا بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار يورۇقلۇق بىلەن تولىدۇ. 23ئەگەر كۆزۈڭلار يامان بولسا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلارنى قاراڭغۇلۇق باسىدۇ. ئەگەر ھاياتىڭلاردىكى «يورۇقلۇق» ئەمەلىيەتتە قاراڭغۇلۇق بولسا، ئۇ قاراڭغۇلۇق نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق-ھە!

24ئىككى خوجايىنغا تەڭ خىزمەت قىلالايدىغان ھېچقانداق كىشى يوق. ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياكى بۇنىڭغا ئېتىبار بېرىپ، ئۇنىڭغا سەل قارايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇلى بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس.

25شۇڭا بىلىپ قويۇڭلاركى، تۇرمۇشۇڭلارغا كېرەكلىك يېمەك-ئىچمەك ياكى ئۇچاڭلارغا كىيىدىغان كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلماڭلار. ھاياتلىق يېمەكتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟ 26كۆكتىكى ئۇچارقاناتلارغا قاراڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ، يىغمايدۇ، ئامباردا ئوزۇقمۇ ساقلىمايدۇ. ئەرشتىكى ئاتاڭلار ئۇلارنىمۇ ئاچ قويمىغان يەردە، سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى چوقۇم بېرىدۇ. چۈنكى، سىلەر ئاشۇ قۇشلاردىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟ 27ئاراڭلاردا قايسىڭلار غەم-قايغۇ بىلەن ئۆمرۈڭلارنى كىچىككىنە ئۇزارتالايسىلەر؟

28كىيىم-كېچەك ئۈچۈن غەم قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟! دالادىكى ياۋا گۈللەرنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئىشمۇ قىلمايدۇ، كىيىممۇ تىكمەيدۇ؛ 29لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ھەتتا ئۇلۇغ پادىشاھ سۇلايماننىڭ ھەشەمەتلىك تونلىرىمۇ بۇ ياۋا گۈللەرنىڭ گۈزەللىكىگە تەڭ كېلەلمەيدۇ. 30ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! خۇدادىن نېمىشقا گۇمانلىنىۋاتىسىلەر؟ دالادىكى بۈگۈنى ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا قالىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى ئاشۇنچە بېزىگەن خۇدا سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ؟ 31شۇنداق ئىكەن، «نېمە يەيمىز، نېمە ئىچىمىز، نېمە كىيىمىز؟» دەپ غەم قىلماڭلار. 32يەھۇدىي ئەمەسلەر مانا شۇ نەرسىلەر ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ. بىراق، ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ. 33شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن مۇھىمى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقى ھەققىدە ئىزدىنىڭلار. ئۇ چاغدا، خۇدا سىلەرگە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ تەقدىم قىلىدۇ. 34شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەتىدىن غەم قىلماڭلار. ئەتىنىڭ غېمى ئەتىگە قالسۇن. ھەر كۈننىڭ دەردى شۇ كۈنگە يېتىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 11- باب

28ئەي جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغانلار! مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي. 29مۇلايىم ۋە كەمتەرمەن. شۇڭا، مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمغا كىرىپ، مەندىن ئۆگىنىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، كۆڭلۈڭلار ئارام تاپىدۇ. 30مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمدا بولۇش ئاسان، تەلىپىم ئېغىر ئەمەس. [داۋامى]

مەڭگۈلۈك ھايات

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 5- باب

24بىلىپ قويۇڭلاركى، سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئىشەنگەنلەر مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ. بۇنداق ئادەم سوراققا تارتىلمايدۇ، شۇنداقلا ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەن بولىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 6- باب

35ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ ھاياتلىق بېرىدىغان نان ئۆزۈمدۇرمەن! مېنىڭ يېنىمغا كەلگەنلەر ھەرگىز ئاچ قالمايدۇ. ماڭا ئېتىقاد قىلغانلار ھېچقاچان ئۇسسىمايدۇ. 36لېكىن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، سىلەر مېنى كۆرگەن بولساڭلارمۇ، ماڭا ئېتىقاد قىلمايۋاتىسىلەر.

37خۇدائاتام ماڭا تاپشۇرغانلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ يېنىمغا كېلىدۇ. مېنىڭ يېنىمغا كەلگەنلەرنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيمەن. 38چۈنكى، مەن ئۆز ئىرادەمنى ئەمەس، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەرشتىن چۈشتۈم. 39مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسى بولسا ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغانلىرىدىن بىرىنىمۇ يوقاتماسلىقىم، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرۈپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشۈمدىن ئىبارەت. 40چۈنكى، مېنىڭ ئاتامنىڭ ئىرادىسى ئوغلىنى، يەنى مېنى تونۇغان ۋە ماڭا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشتۇر. مەن ئۇلارنى قىيامەت كۈنى تىرىلدۈرۈپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرىمەن. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 11- باب

17ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بەيتانىياغا بارغاندا، لازارنىڭ يەرلىككە قويۇلغىنىغا تۆت كۈن بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. 18بەيتانىيا يېرۇسالېمدىن ئۈچ چاقىرىم يىراقلىقتا ئىدى. 19نۇرغۇن يەھۇدىيلار مارتا بىلەن مەريەمنىڭ ئىنىسىنىڭ ئۆلۈمىگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلگەنىدى. 20مارتا ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى. مەريەم بولسا ئۆيدە قالدى.

21_ ئى رەببىم، _ دېدى مارتا ھەزرىتى ئەيساغا، _ بۇ يەردە بولغان بولسىڭىز، ئىنىم ئۆلمەس ئىدى. 22ھېلىمۇ، خۇدادىن نېمە تىلىسىڭىز، ئۇنىڭ سىزگە شۇنى بېرىدىغانلىقىنى بىلىمەن.

23_ ئىنىڭىز تىرىلىدۇ، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

24مارتا:

_ قىيامەت كۈنى، ئۇنىڭ جەزمەن تىرىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن، _ دېدى.

25_ ئىنسانلارنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى ۋە ھاياتلىق بەرگۈچى ئۆزۈمدۇرمەن، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا، _ ماڭا ئېتىقاد قىلغان كىشى ئۆلسىمۇ، يەنە ھايات بولىدۇ. 26ماڭا ئېتىقاد قىلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەنلەر ئەسلا ئۆلمەيدۇ؛ بۇنىڭغا ئىشىنەمسىز؟ [داۋامى]

ھاياتتىكى مەقسەت

ئىنجىل، « ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى » 17- باب

24پۈتكۈل دۇنيانى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان خۇدا پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسىدۇر. ئۇ ئىنسانلارنىڭ قولى بىلەن بىنا قىلىنغان بۇتخانىلاردا تۇرمايدۇ. 25ئۇنىڭ ئىنسانلارغا ھېچقانداق ھاجىتى چۈشمەيدۇ. ئەكسىچە، ئىنسانلارغا ھاياتلىق، نەپەس، شۇنداقلا ئۇلار ئېھتىياجلىق بولغان ھەرقانداق نەرسىنى ئاتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرىدۇ. 26ئۇ بىر ئادەمدىن پۈتكۈل مىللەتلەرنى ياراتتى، ئۇلارنى پۈتۈن يەر يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىشى ھەمدە تۇرىدىغان جايلىرىنى ئالدىن بەلگىلەپ بەردى. 27ئۇ: «ئىنسانلار مېنى ئىزدەپ تاپسۇن» دەپ، شۇنداق قىلدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ بىزلەردىن يىراق ئەمەس. [داۋامى]

مەڭگۈلۈك ھايات

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 6- باب

23چۈنكى، گۇناھنىڭ بەدىلى ئۆلۈم. بىراق، خۇدانىڭ رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزگە ئاتا قىلغان سوۋغىتى مەڭگۈلۈك ھاياتلىقتۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 15- باب

53چۈنكى، بۇ چىرىيدىغان تېنىمىز چىرىمەيدىغان تەنگە، بۇ ئۆلىدىغان تېنىمىز ئۆلمەيدىغان تەنگە ئايلىنىشى كېرەك. 54چىرىيدىغان ۋە ئۆلىدىغان تېنىمىز چىرىمەيدىغان ۋە ئۆلمەيدىغان تەنگە ئايلانغاندا، مۇقەددەس يازمىلاردىكى ئالدىن ئېيتقان بۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ:

«ئۆلۈم يېڭىلىپ، يوق بولدى!»

55«ئەي ئۆلۈم، غەلىبەڭ يوق ئەمدى!

ئەي ئۆلۈم، نەشتىرىڭ يوق ئەمدى!»

56ئۆلۈمنىڭ نەشتىرى _ گۇناھتۇر. گۇناھنىڭ كۈچى بولسا بىزنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلمىغانلىقىمىزدىن پەيدا بولىدۇ. 57لېكىن، خۇداغا شۈكۈر! چۈنكى خۇدا رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزنى ئۆلۈم ۋە گۇناھ ئۈستىدىن غەلىبىگە ئېرىشتۈردى.

58شۇنىڭ ئۈچۈن، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئېتىقادىڭلاردا تەۋرەنمەي، چىڭ تۇرۇڭلار. رەببىمىزگە ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىڭلار. رەببىمىز ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭلارنىڭ ھەرگىز بىھۇدە كەتمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت » 5- باب

11بۇ گۇۋاھلىق شۇكى، خۇدا بىزگە مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئاتا قىلدى. بۇ ھاياتلىق بىزگە ئۇنىڭ ئوغلى ئارقىلىق كەلدى. 12شۇڭا، خۇدانىڭ ئوغلىنى قوبۇل قىلغان كىشى ھاياتلىققا ئىگە بولغان بولىدۇ. بىراق، خۇدانىڭ ئوغلىنى قوبۇل قىلمىغان كىشى ھاياتلىققا ئىگە بولمىغان بولىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر