سوئال

« زەبۇر » 68- مۇناجات

4خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،

نامىنى كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار.

ئۇ بۇلۇتلار ئۈستىدىدۇر، ئۇلۇغلاڭلار،

«مەڭگۈ بار بولغۇچى _ ياھ»دۇر ئۇنىڭ نامى.

ھۇزۇرىدا خۇشاللىققا چۆمۈڭلار.

5ئاتا بولغان يېتىملارغا،

ئىگە چىققان تۇل خوتۇنلارغا،

ئۇ خۇدادۇر، ماكانى مۇقەددەستۇر. [داۋامى]

« زەبۇر » 146- مۇناجات

6ياراتقاندۇر پەرۋەردىگار ئاسمان ۋە زېمىننى،

دېڭىزنى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە مەۋجۇداتلارنى،

ئۇ مەڭگۈ ئۇنتۇماس قىلغان ۋەدىسىنى.

7يەتكۈزەر ئېزىلگەنلەرنى ئادىللىققا،

رىزىق بىرەر ئاچ قالغانلارغا،

ھۆرلۈك ئاتا قىلار مەھبۇسلارغا.

8ئاچار پەرۋەردىگار قارىغۇلارنىڭ كۆزىنى،

رۇسلار ئېگىلگەنلەرنىڭ قەددىنى.

سۆيەر توغرا يولدا ماڭغانلارنى.

9قوغدار پەرۋەردىگار مۇساپىرلارنى،

قوللار تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى.

لېكىن توسار پاسىقلارنىڭ يولىنى. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 22- باب

22تۇل خوتۇن، يېتىم بالىلارنى خورلىما. 23ئەگەر سەن ئۇلارنى خورلىساڭ، ئۇلار ماڭا نالە قىلىپ ياردەم تىلىسە، مەن ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 1- باب

27خۇدائاتىمىزنىڭ نەزىرىدىكى پاك ۋە ئەيىبسىز ئىخلاسمەنلىك بولسا قىيىنچىلىقتا قالغان يېتىم-يېسىر، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن تۇل خوتۇنلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۆزىمىزنى دۇنيانىڭ بۇلغىشىدىن ساقلاشتۇر. [داۋامى]

بىر تۇل ئايالنىڭ قىسسىسى

تەۋرات، « رۇت » 1- باب

1-2ئىسرائىلىيەگە سەردارلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغلاردا، دۆلەت ئىچىدە قەھەتچىلىك يۈز بەردى. ئۇ چاغدا يەھۇدا زېمىنىنىڭ ئەفراتا رايونىدىكى بەيتلەھەم شەھىرىدە ئەلىمەلەك ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ يۇرتىدىن ئايرىلىپ، خوتۇنى نائومى شۇنداقلا ماخلون ۋە كىليون ئىسىملىك ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ، موئاب ئېلىگە بېرىپ، ئۇ يەردە ۋاقىتلىق تۇردى. ئۇلار ئۇ يەردىكى ۋاقتىدا 3ئەلىمەلەك ئالەمدىن ئۆتۈپ، نائومى ئىككى ئوغلى بىلەن قالدى. 4ئىككى ئوغلى موئاب يۇرتىنىڭ قىزلىرىدىن ئورپاھ ۋە رۇتلارغا ئۆيلەندى. ئۇلار ئۇ يەردە ئون يىلچە ياشىغاندىن كېيىن، 5ماخلون ۋە كىليونلارمۇ ۋاپات بولۇپ، نائومى پەرزەنتسىز تۇل بولۇپ قالدى.

6نائومى موئابتا تۇرغان ۋاقتىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىگە بەخت ئاتا قىلىپ، ئۇلارغا مول ھوسۇل بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، يۇرتىغا قايتماقچى بولدى. 7ئۇ ئىككى كېلىنى بىلەن بىللە بۇرۇن تۇرغان ماكانىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدا زېمىنىغا قاراپ مېڭىش يولىدا 8ئىككى كېلىنىگە:

_ سىلەر ئەمدى ئاناڭلارنىڭكىگە قايتىپ كەتسەڭلار. سىلەر ماڭا ۋە مەرھۇملىرىڭلارغا ياخشى قارىغىنىڭلاردەك، پەرۋەردىگارمۇ سىلەرگە ياخشىلىق ئاتا قىلغاي. 9پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ يەنە نىكاھلىنىپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ، ئامانلىقتا ياشىشىڭلارنى نېسىپ قىلسۇن، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن نائومى ئۇلارنى سۆيۈپ قويدى، لېكىن ئىككى كېلىن:

10_ ياق! بىز سىز بىلەن بىللە ئۆز خەلقىڭىزنىڭ يېنىغا كېتىمىز، _ دەپ ئۈن سېلىپ، يىغلىشىپ كېتىشتى.

11بىراق نائومى:

_ قىزلىرىم، قايتىپ كېتىڭلار! نېمىشقا مەن بىلەن كېتىسىلەر؟ ئويلاپ بېقىڭلار، مەن يەنە سىلەرگە ئەر بولىدىغان ئوغۇل تۇغالامدىمەن؟ 12قايتىپ كېتىڭلار، قىزلىرىم، مېڭىڭلار! مېنىڭ يېشىم نىكاھلىنىش يېشىدىن ئۆتۈپ كەتتى. نىكاھلىنىشقا ئازراق ئۈمىدنىمۇ بار دەيلى، ئەگەر مەن بۈگۈنلا بىرسىگە تېگىپ، ئوغۇللۇق بولدۇممۇ دەيلى، 13سىلەر ئۇ ئوغۇللار بالاغەتكە يەتكۈچە كۈتۈپ تۇرالامسىلەر؟ سىلەر باشقا ئەرگە تەگمەي ئۇلارنى كۈتەلەمسىلەر؟ ياق! قىزلىرىم، بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. مېنى پەرۋەردىگار ئۇردى. پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان شور پېشانىلىكىنى سىلەر تارتساڭلار توغرا بولمايدۇ، _ دېدى.

14ئۇلار يەنە قاتتىق يىغلاشتى. ئورپاھ قېينانىسىنى سۆيۈپ قويۇپ كەتتى. لېكىن رۇت قېينانىسىنى چىڭ قۇچاقلىدى. 15نائومى ئۇنىڭغا:

_ رۇت، كېلىن سىڭلىڭ ئۆز خەلقىنىڭ ۋە ئىلاھىنىڭ يېنىغا كەتتى. سەنمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن قايتقىن! _ دېدى.

16بىراق رۇت:

_ مېنى سىزدىن تېنىپ قېشىڭىزدىن كېتىشكە زورلىماڭ. سىز نەگە بارسىڭىز، مەنمۇ شۇ يەرگە بارىمەن. سىز نەدە تۇرسىڭىز، مەنمۇ شۇ يەردە تۇرىمەن. سىزنىڭ خەلقىڭىز مېنىڭمۇ خەلقىم. سىزنىڭ خۇدايىڭىز مېنىڭمۇ خۇدايىم. 17سىز قەيەردە ئۆلسىڭىز، مەنمۇ شۇ يەردە ئۆلىمەن ۋە شۇ يەرگە كۆمۈلىمەن. ئۆلۈمدىن باشقا ھېچقانداق نەرسە بىزنى ئايرىۋېتەلمەيدۇ! ئەگەر مەن بۇ قەسىمىمگە ئەمەل قىلمىسام، پەرۋەردىگار مېنى قاتتىق جازالىسۇن، _ دېدى.

18رۇتنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە كېتىشنى شۇنچىلىق كۈچلۈك تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن نائومى ئۇنى قايتا زورلىمىدى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر