سوئال

«مېنىڭ دىندا ناھايىتى بىلىملىق بىر دوستۇم بارئىدى. ئۇ ماڭا ساماۋى كىتابلاردا، ھەر بىر ئۇلۇغ پەيغەمبەرنىڭ كېلىشى توغرىسىدا ئالدىن بىشارەت بېرىلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئەيسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا تەۋراتتا ياكى زەبۇردا ئالدىن بىشارەت بېرىلگەنمۇ؟ قەيەردە؟»

1

تەۋرات، «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» 3-باب

15سېنى ئايال بىلەن دۈشمەن قىلىمەن.

ئۇنىڭ ئەۋلادى بىلەن سېنىڭ ئەۋلادىڭمۇ

دۈشمەنلىشىپ ئۆتىدۇ.

ئۇنىڭ ئەۋلادى سېنىڭ بېشىڭنى يانجىيدۇ،

سەن ئۇنىڭ تاپىنىنى چاقىسەن» دېدى.

[داۋامى]

ئىنجىل، «گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت» 4-باب

4لېكىن، خۇدا ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئۆز ئوغلىنى بۇ دۇنياغا ئەۋەتتى. ئۇ بىر ئايالدىن تۇغۇلغان بولۇپ، تەۋرات قانۇنىغا بويسۇنۇپ ياشىدى.

[داۋامى]

ئىنجىل، «مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر» 1-باب

18ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشى مۇنداق بولغان: مەريەم بىلەن يۈسۈپنىڭ چېيى ئىچكۈزۈلگەنىدى. بىراق، ئۇلار نىكاھلىنىپ بىرلىشىشتىن ئىلگىرى، مەريەمنىڭ مۇقەددەس روھتىن ھامىلىدار بولغانلىقى مەلۇم بولدى.

[داۋامى]

ئىنجىل، «ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت» 2-باب

14پەرزەنتلەرنىڭ تېنى گۆش بىلەن قاننىڭ گەۋدىسى بولغاچقا، ئەيسا مەسىھمۇ شۇ پەرزەنتلەرنىڭكىگە ئوخشاش گەۋدىدە بولدى. بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت، ئۇ ئۆز ئۆلۈمى ئارقىلىق ئۆلۈم ھوقۇقىنى تۇتقان شەيتاننىڭ كۈچىنى بىكار قىلىپ،15ئۆمۈر بويى ئۆلۈم قورقۇنچىنىڭ قۇلى بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئىدى.

[داۋامى]

2

تەۋرات، «مىسىردىن چىقىش» 12-باب

46قوينىڭ گۆشى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىلماي، ئۆينىڭ ئىچىدىلا يېيىلسۇن. قوينىڭ بىر تال سۆڭىكىمۇ سۇندۇرۇلمىسۇن.

[داۋامى]

ئىنجىل، «يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر» 19-باب

32شۇنىڭ بىلەن، لەشكەرلەر بېرىپ ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە كرېستكە مىخلانغان ھېلىقى ئىككى ئادەمنىڭ پۇتلىرىنى چېقىۋەتتى.33لېكىن، ھەزرىتى ئەيساغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى كۆردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۇتىنى چاقمىدى.

[داۋامى]

3

زەبۇر، 22-مۇناجات

7كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مازاق قىلار مېنى.

دېيىشەر پۈرۈشتۈرۈپ ئېغىزلىرىنى، چايقىشىپ باشلىرىنى:

8«پەرۋەردىگارغا تاپشۇرغان ئەمەسمىدى ئۇ ئۆزىنى،

قۇتقۇزسۇن پەرۋەردىگار ئەمدى ئۇنى.

ئەگەر پەرۋەردىگار شادلانغان بولسا ئۇنىڭدىن،

قېنى، قۇتۇلدۇرۇپ باقسۇن ئۇنى!»

[داۋامى]

ئىنجىل، «مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر» 27-باب

30ئۇنىڭغا تۈكۈرۈشتى، قومۇشنى ئېلىپ ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرۇشتى.31ئۇنى مانا شۇنداق مازاق قىلغاندىن كېيىن، توننى سالدۇرۇپ، ئۇچىسىغا ئۆز كىيىملىرىنى كىيدۈردى ۋە كرېستكە مىخلاش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىشتى.

[داۋامى]

ئىنجىل، «مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر» 27-باب

39ئۇ يەردىن ئۆتكەنلەر باشلىرىنى چايقىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى ھاقارەتلەپ:

40_ قېنى، سەن ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈندە قايتىدىن ياساپ چىقىدىغان ئادەم ئىدىڭغۇ؟ ئەمدى ئۆزۈڭنى قۇتقۇزغىنا! خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، كرېستتىن چۈشۈپ باققىن! _ دېيىشتى.

41ئالىي روھانىيلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللارمۇ ئۇنى شۇنداق مەسخىرە قىلىپ:

42_ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن، ئۆزىنى قۇتقۇزالمىدى، ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھىمىش تېخى! ئەمدى كرېستتىن چۈشۈپ باقسۇنچۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلايلى.43ئۇ خۇداغا ئىشىنەتتى، خۇدا ئۇنى ئەزىزلىسە، قۇتقۇزۇپ باقمىسۇنمۇ! چۈنكى، ئۇ: «مەن خۇدانىڭ ئوغلى» دېگەنىدى، _ دېيىشتى.44ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە كرېستكە مىخلانغان قاراقچىلارمۇ ئۇنى شۇنداق ھاقارەتلەشتى.

[داۋامى]

4

زەبۇر، 22-مۇناجات

16قورشاۋغا ئالدى مېنى بىر توپ رەزىللەر،

ئەتراپىمنى ئورىۋالدى ئاشۇ ئىتلار،

پۇت-قوللىرىمنى تەشتى ئۇلار.

[داۋامى]

ئىنجىل، «يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر» 19-باب

34بىراق، لەشكەرلەردىن بىرى ئۇنىڭ بىقىنىغا نەيزىسىنى سانجىۋىدى، شۇئان قان ۋە سۇ ئېقىپ چىقتى.

35سىلەرنى ئىشەنسۇن دەپ، بۇنى كۆرگۈچى گۇۋاھلىق بەردى. ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى ھەقتۇر. كۆرگۈچى ئۆزىنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.36-37بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئۇنىڭ بىر تال سۆڭىكىمۇ سۇنمايدۇ» ۋە «ئۇلار ئۆزلىرى نەيزە سانجىغان ئادەمگە قارىشىپ قالىدۇ» دەپ ئالدىن ئېيتىلغانلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

[داۋامى]

ئىنجىل، «يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر» 20-باب

25كېيىن، ئۇلار ئۇنىڭغا:

_ بىز رەببىمىزنى كۆردۇق! _ دېيىشتى. لېكىن توماس:

_ ئۇنىڭ قوللىرىدا مىخنىڭ ئىزىنى كۆرمىگۈچە، مىخلارنىڭ ئىزىغا ئۆز بارمىقىمنى ۋە بىقىنىغا ئۆز قولۇمنى تەگكۈزۈپ باقمىغۇچە، ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، _ دېدى.

[داۋامى]

5

زەبۇر، 22-مۇناجات

17كۆرۈنۈپ قالدى سۆڭەكلىرىم مانا،

ھومىيىپ تۇرماقتا ئۇ رەزىللەر ماڭا.

18بۆلۈشمەك ئۈچۈن ئۇلار كىيىملىرىمنى،

چەك تارتىشقا تاشلىدى كۆڭلىكىمنى.

[داۋامى]

ئىنجىل، «لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر» 23-باب

34ھەزرىتى ئەيسا:

_ ئى ئاتا، ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلغىن، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، _ دېدى.

لەشكەرلەر چەك تاشلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى.35خالايىق قاراپ تۇرۇۋاتقاندا، يەھۇدىي ئاقساقاللار ئۇنى مەسخىرە قىلىپ:

_ ئۇ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن! ئەگەر راستتىن خۇدا تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ بولغان بولسا، ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ باقمىسۇنمۇ! _ دېيىشتى.

[داۋامى]

ئىنجىل، «يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر» 19-باب

23لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى ئېلىپ، تۆتكە بۆلۈپ، ھەربىرى بىر ئۈلۈشتىن ئېلىشتى. تونىنىڭ ئىچىدىكى ئۇزۇن كۆڭلەكنىمۇ ئېلىشتى. بۇ كۆڭلەك تىكىلمىگەن بولۇپ، ئۈستىدىن ئاستىغا بىر يۈرۈش توقۇلغانىدى.24شۇنىڭ بىلەن، لەشكەرلەر بىر-بىرىگە:

_ بۇنى يىرتماي، چەك تارتىشايلى، كىمگە چىقسا شۇ ئالسۇن، _ دېيىشتى.

بۇنىڭ بىلەن، مۇقەددەس يازمىلاردىكى مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

«تونۇمنى بۆلۈشتى ئۇلار،

كۆڭلىكىم ئۈچۈن تارتىشتى چەكلەر.»

دەرۋەقە، لەشكەرلەر شۇنداق قىلىشتى.

[داۋامى]

6

زەبۇر، 69-مۇناجات

9چۈنكى مۇقەددەس ئۆيۈڭگە بولغان مۇھەببىتىم

ئۇرغۇتىدۇ خۇددى ئوتتەك مېنىڭ قەلبىمنى.

ساڭا ھاقارەت قىلغانلارنىڭ ھاقارەتلىرىمۇ،

باستى ھەم مېنىڭ ئۈستۈمنى.

[داۋامى]

ئىنجىل، «يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر» 2-باب

15ۋە تانىدىن قامچا ياساپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوي-كالىلىرى بىلەن قوشۇپ ئىبادەتخانىدىن ھەيدەپ چىقاردى. پۇل تېگىشىدىغانلارنىڭ شىرەلىرىنى ئۆرۈپ، پۇللىرىنى چېچىۋەتتى16ۋە كەپتەر ساتقۇچىلارغا:

_ نەرسىلىرىڭنى بۇ پاك يەردىن كۆتۈرۈش، خۇدائاتامنىڭ ئۆيىنى بازارغا ئايلاندۇرۇشما! _ دېدى.

17بۇنى كۆرگەن شاگىرتلىرى زەبۇردا يېزىلغان بۇ سۆزنى ئېسىگە ئېلىشتى:

«ئى خۇدا! سېنىڭ ئۆيۈڭ ئۈچۈن كۆرسەتكەن قىزغىن مۇھەببىتىم خۇددى كۆيۈۋاتقان ئوتنىڭ ئۆزىدۇر.»

[داۋامى]

7

زەبۇر، 41-مۇناجات

9ھەتتا ئۆزۈم ئىشەنگەن قەدىناس دوستۇممۇ

سېتىۋەتتى مېنى، ئاش-تۇزۇمنى يەپ تۇرۇپمۇ.

[داۋامى]

ئىنجىل، «مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر» 26-باب

21ئۇ تاماق يەۋېتىپ:

_ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاراڭلاردا بىرەيلەن ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ، _ دېدى.

22بۇ سۆز ئۇلارنى ئىنتايىن قايغۇغا سالدى. ئۇلار بىر-بىرلەپ:

_ يا رەببىم، مەن ئەمەستىمەن؟ _ دەپ سوراشقا باشلىدى.

23_ ماڭا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى قولىدىكى ناننى تەخسىگە مەن بىلەن بىللە تۆگۈرگەن كىشىدۇر.

[داۋامى]

ئۈندىدار سالونىمىز

ئۇندىدار

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

yengi mezmun

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر