سوئال

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 1- باب

1خۇدا ھەممىدىن بۇرۇن پۈتۈن ئالەمنى ياراتتى. 2ئۇ چاغدا يەر شارى شەكىلسىز ۋە قۇپقۇرۇق ھالەتتە بولۇپ، سۇلارنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغانىدى. خۇدانىڭ روھى سۇ ئۈستىدە لەرزان پەرۋاز قىلىپ يۈرەتتى.

3خۇدا: «يورۇقلۇق بولسۇن!» دېگەنىدى، يورۇقلۇق پەيدا بولدى. 4-5خۇدا يورۇقلۇقنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ يورۇقلۇقنى قاراڭغۇلۇقتىن ئايرىدى ۋە يورۇقلۇقنى «كۈندۈز»، قاراڭغۇلۇقنى بولسا «كېچە» دەپ ئاتىدى. كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، بۇ تۇنجى كۈن بولدى.

6ئاندىن، خۇدا: «سۇلارنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئىككىگە ئايرىلىپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر پاسىل بولسۇن!» دەپ ئەمر قىلدى. 7شۇنىڭ بىلەن، بىر پاسىل پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئاستىدىكى سۇلارنى ئۈستىدىكى سۇلاردىن ئايرىدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 8خۇدا بۇ پاسىلنى «ئاسمان» دەپ ئاتىدى. كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، بۇ ئىككىنچى كۈن بولدى.

9ئاندىن، خۇدا: «ئاسماننىڭ ئاستىدىكى سۇلار بىر يەرگە يىغىلسۇن ۋە قۇرۇق تۇپراق كۆرۈنسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 10خۇدا قۇرۇق تۇپراقنى «يەر»، يىغىلغان سۇلارنى بولسا «دېڭىز» دەپ ئاتىدى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى.

11ئاندىن، خۇدا يەنە: «يەردە ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەر؛ ئۇرۇقلۇق ۋە مېۋىلىك بولۇپ، ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئۈنۈپ چىقسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 12شۇنىڭ بىلەن، يەر يۈزىدە ھەر خىل ئۇرۇقلۇق ۋە مېۋىلىك ئۆسۈملۈكلەر ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئۈنۈپ چىقتى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. 13كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، بۇ ئۈچىنچى كۈن بولدى.

14خۇدا يەنە: «ئاسماندا يورۇقلۇق بېرىدىغان جىسىملار بولسۇن. ئۇلار كېچە بىلەن كۈندۈزنى پەرقلەندۈرۈپ، كۈن، پەسىل ۋە يىللارنى ئايرىپ تۇرۇشتا بەلگە بولسۇن. 15بۇ جىسىملار نۇر چېچىپ، يەر يۈزىنى يورۇتۇپ تۇرسۇن!» دەپ ئەمر قىلدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 16خۇدا يورۇقلۇق بېرىدىغان ئىككى چوڭ جىسىمنى ياراتتى، قۇياشنى كۈندۈزنى باشقۇرىدىغان، ئاينى كېچىنى باشقۇرىدىغان قىلدى. ھەمدە خۇدا يەنە يۇلتۇزلارنىمۇ ياراتتى. 17-18يەر يۈزىنى يورۇتۇش، كۈندۈز بىلەن كېچىنى باشقۇرىدىغان قىلىش ۋە يورۇقلۇقنى قاراڭغۇلۇقتىن ئايرىش ئۈچۈن، خۇدا يورۇقلۇق بېرىدىغان جىسىملارنى ئاسمانغا ئورۇنلاشتۇردى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. 19كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، بۇ تۆتىنچى كۈن بولدى.

20خۇدا يەنە: «سۇ ھەر خىل جانلىقلار بىلەن تولسۇن، ئاسماندا ھەر خىل ئۇچارقاناتلار ئۇچسۇن!» دەپ ئەمر قىلدى. 21بۇنىڭ بىلەن، خۇدا سۇدا ياشايدىغان ئاجايىپ-غارايىپ جانلىقلارنى، ھەر خىل چوڭ-كىچىك بېلىقلارنى ۋە ئاسماندىكى ھەر خىل ئۇچارقاناتلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى. خۇدا بۇ جانلىقلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. 22خۇدا بۇ جانلىقلارغا بەخت ئاتا قىلىپ: «سۇدا ياشىغۇچى جانلىقلار كۆپىيىپ، دېڭىز-ئوكيانلارنى تولدۇرسۇن، ئۇچارقاناتلار يەر يۈزىدە ئۇلغايسۇن!» دېدى. 23كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، بۇ بەشىنچى كۈن بولدى.

24خۇدا يەنە: «يەر يۈزىدە ھەر خىل جانىۋارلار _ ئۆي ھايۋانلىرى ۋە چوڭ-كىچىك ياۋايى ھايۋاناتلار پەيدا بولسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 25شۇنىڭ بىلەن، خۇدا يەر يۈزىدە ھەر خىل جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 2- باب

4-5پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئالەمنى يارىتىشى جەريانىدا مۇنداق ئىشلار بولدى: پەرۋەردىگار خۇدا ئالەمنى ياراتقاندا، يەر يۈزىدە ئوت-چۆپ ۋە زىرائەتلەر يوق ئىدى، چۈنكى خۇدا تېخى يامغۇر ياغدۇرمىغانىدى، شۇنداقلا يەر تېرىيدىغان ئادەممۇ يوق ئىدى. 6ئەمما، يەردىن سۇ چىقىپ، پۈتۈن زېمىننى سۇغاردى. 7ئاندىن، پەرۋەردىگار خۇدا يەرنىڭ توپىسىدىن ئادەمئاتىنى ياسىدى ۋە ئۇنىڭ بۇرنىدىن ھاياتلىق نەپىسىنى پۈۋلىدى. بۇنىڭ بىلەن، ئادەمئاتىغا ھاياتلىق بېرىلدى.

8پەرۋەردىگار خۇدا شەرقتىكى ئېرەم دېگەن جايدا بىر باغ بەرپا قىلىپ، ئۆزى ياراتقان ئادەمنى ئۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇردى. 9پەرۋەردىگار خۇدا ئۇ يەردە يەنە مېۋىلىرى شېرىن ۋە چىرايلىق ھەر خىل دەرەخلەرنى ئۆستۈردى. باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئالاھىدە ئىككى تۈپ دەرەخ بار ئىدى. بىرى «ھاياتلىق بېرىدىغان دەرەخ» بولۇپ، يەنە بىرى «ياخشى بىلەن ياماننى بىلدۈرىدىغان دەرەخ» ئىدى.

10ئېرەم دېگەن يەردىن بىر دەريا ئېقىپ كېلىپ، باغنى سۇغىراتتى. باغدىن چىققان سۇ تۆتكە بۆلۈنەتتى. 11بىرىنچىسى پىشون دەرياسى بولۇپ، ئالتۇن چىقىدىغان ھاۋىلاھ دېگەن يەرنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ. 12ئۇ يەرنىڭ ئالتۇنى ساپ. ئۇ يەردىن يەنە كەم ئۇچرايدىغان خۇش پۇراقلىق دېۋىرقاي ۋە يوللۇق ھېقىق چىقىدۇ. 13ئىككىنچىسى گىھون دەرياسى بولۇپ، كۇش دېگەن يەرنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ. 14ئۈچىنچىسى دەجلە دەرياسى بولۇپ، ئاسسۇرنىڭ شەرقىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. تۆتىنچىسى فىرات دەرياسىدۇر.

15پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتىنى ئېرەم باغقا ئىشلەپ ئۇنى پەرۋىش قىلسۇن، دەپ ئۇ يەرگە قويغانىدى. 16پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتىغا ئەمر قىلىپ:

_ باغدىكى مېۋىلەرنى خالىغىنىڭچە يە. 17ئەمما، «ياخشى بىلەن ياماننى بىلدۈرىدىغان دەرەخ»نىڭ مېۋىسىنى ھەرگىز يېمە. چۈنكى، ئۇنى يېسەڭ، چوقۇم ئۆلىسەن! _ دېدى.

18كېيىن، پەرۋەردىگار خۇدا: «ئادەمنىڭ يالغۇز ياشىشى ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭغا لايىق بولغۇدەك بىر ياردەمچى ھەمراھ يارىتاي» دېدى. 19بۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار خۇدا يەردىكى توپىدىن ياراتقان ھەر خىل ھايۋانات ۋە ئۇچارقاناتلارنى ئادەمئاتىنىڭ ئالدىغا ئۇلارغا ئىسىم قويسۇن، دەپ كەلتۈردى. ئادەمئاتا ئۇلارغا قانداق ئىسىم قويسا، شۇنداق ئاتىلىپ كەلدى. 20ئادەمئاتا بارلىق ئۇچارقانات ۋە ھايۋانلارغا ئىسىم قويدى. ۋەھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىگە لايىق بولغۇدەك بىرەر ياردەمچى ھەمراھ يوق ئىدى.

21شۇڭا، پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتىنى قاتتىق ئۇخلىتىۋەتتى. ئۇ ئۇخلاۋاتقاندا، خۇدا ئۇنىڭ بىر تال قوۋۇرغىسىنى ئېلىپ، ئۇ يەرنى ئۇنىڭ گۆشى بىلەن ئېتىپ قويدى. 22پەرۋەردىگار خۇدا ئالغان قوۋۇرغا سۆڭىكىدىن بىر ئايال ياساپ، ئۇنى ئادەمئاتىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.

23ئادەمئاتا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:

_ مانا ئەمدى سۆڭىكى مېنىڭ سۆڭىكىمدىن، گۆشى مېنىڭ گۆشۈمدىن ئېلىنغان، ماڭا ئوخشاش خىلدىكى بىرى بولدى! ئۇ «ئايال» دەپ ئاتالسۇن، چۈنكى ئۇ ئەردىن ئېلىنغان.

24بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر.

25ئۇ چاغدا، ئادەمئاتا بىلەن ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ھەر ئىككىلىسى يالىڭاچ بولۇپ، نومۇس قىلىشمايتتى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر