زىنا قىلغان ئايال

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 8- باب

2ئەتىسى سەھەردە، ئۇ يەنە مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كەلدى. پۈتۈن جامائەت ئۇنىڭ يېنىغا كېلىۋالغانىدى. ئۇ ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى. 3شۇ چاغدا، بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر زىنا قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان بىر ئايالنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلار ئايالنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، 4ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ ئۇستاز، بۇ ئايال زىنا ئۈستىدە تۇتۇۋېلىندى. 5مۇسا پەيغەمبەر تەۋرات قانۇنىدا زىنا قىلغان ئاياللارنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشنى بۇيرۇغان. سىزچە قانداق قىلىش كېرەك؟ _ دەپ سوراشتى. 6ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشتىكى غەرىزى، ھەزرىتى ئەيسانى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، ئۇنى گۇناھكار دەپ ئەيىبلەشكە باھانە ئىزدەش ئىدى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئېڭىشىپ، قولى بىلەن يەرگە بىر نېمىلەرنى يازغىلى تۇردى. 7ئۇلار شۇ سوئالنى سوراۋەردى، شۇڭا ھەزرىتى ئەيسا رۇسلىنىپ، ئۇلارغا:

_ ئاراڭلاردىكى گۇناھسىز كىشى بۇ ئايالغا بىرىنچى تاشنى ئاتسۇن! _ دېدى.

8ئاندىن، يەنە ئېڭىشىپ، يەرگە يېزىشنى داۋاملاشتۇردى. 9ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئالدى بىلەن ياشانغانلىرى، ئاندىن كېيىن باشقىلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىشتى. ئاخىردا، ھەزرىتى ئەيسا ئالدىدا ئۆرە تۇرغان ھېلىقى ئايال بىلەن يالغۇز قالدى. 10ھەزرىتى ئەيسا رۇسلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا:

_ خانىم، سىزنى شىكايەت قىلغانلار قېنى؟ سىزنى سوراققا تارتىدىغان ئادەم چىقمىدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

11_ چىقمىدى، ھەزرەتلىرى، _ دېدى ئايال.

ھەزرىتى ئەيسا:

_ مەنمۇ سىزنى سوراق قىلمايمەن. قايتىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن گۇناھ قىلماڭ! _ دېدى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى