ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرۈشى

ئىنجىل، «لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر» 7-باب

1ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە سۆز قىلىپ بولغاندىن كېيىن، كەپەرناھۇم شەھىرىگە قايتتى.2ئۇ يەردە رىملىق بىر يۈزبېشىنىڭ ئەتىۋارلىق چاكىرى ئېغىر كېسەل بولۇپ، ئۆلۈم گىردابىدا تۇراتتى.3يۈزبېشى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەر تېپىپ، بىرنەچچە يەھۇدىي ئاقساقالنىڭ بېرىپ، ئۇنىڭ كېلىپ چاكىرىنى ساقايتىپ قويۇشى ئۈچۈن ئۆتۈنۈشىنى تاپشۇردى.4ئاقساقاللار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ:

_ يۈزبېشى ھەقىقەتەن سىزنىڭ ياردەم بېرىشىڭىزگە ئەرزىيدىغان ئادەم.5ئۆزى يەھۇدىي بولمىسىمۇ، بىز يەھۇدىيلارنى ياخشى كۆرىدۇ. ھەتتا بىز ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانىمۇ سېلىپ بەردى، _ دەپ، ئۇنىڭ يۈزبېشىنىڭ ئۆيىگە بېرىشىنى چىن كۆڭلىدىن تەلەپ قىلدى.

6ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار بىلەن بىللە يولغا چىقتى. بىراق، ئۆيگە يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغاندا، يۈزبېشى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا بىرنەچچە دوستىنى ئەۋەتتى. ئۇلار:

_ تەقسىر، يۈزبېشى: «ئاۋارە بولۇپ ئۆيۈمگە كېلىشىڭىزگە ئەرزىمەيمەن.7ھەتتا ئۆزۈممۇ بېرىپ سىز بىلەن كۆرۈشۈشكە لايىق ئەمەسمەن. بىر ئېغىز سۆز قىلىپ قويسىڭىز، چاكىرىم ساقىيىپ كېتىدۇ.8مېنىڭمۇ ئۈستۈمدە باشلىقىم، قول ئاستىمدا لەشكەرلىرىم بار. بىرىگە بار دېسەم بارىدۇ، بىرىگە كەل دېسەم، كېلىدۇ. چاكىرىمغا بۇ ئىشنى قىل دېسەم، ئۇ شۇ ئىشنى قىلىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، سىز بىر ئېغىز گەپ قىلسىڭىزلا، ھەممە ئىش ھەل بولىدۇ» دەيدۇ، _ دېدى.

9يۈزبېشىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەيران بولغان ھەزرىتى ئەيسا بۇرۇلۇپ، بىللە كەلگەن خالايىققا:

_ دەرۋەقە، مەن ئىسرائىللار ئارىسىدىمۇ بۇنداق ئىشەنچنى ھېچكىمدە كۆرمىگەنىدىم! _ دېدى.

10يۈزبېشى ئەۋەتكەن ھېلىقى كىشىلەر قايتىپ بارغاندا، چاكارنىڭ پۈتۈنلەي ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.

11ئۇزۇن ئۆتمەي، ھەزرىتى ئەيسا نائىن دېگەن شەھەرگە قاراپ يول ئالدى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ۋە يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.12ئۇ شەھەر دەرۋازىسىغا كەلگەندە، جىنازا كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان بىر توپ ئادەمگە يولۇقۇپ قالدى. ئۆلگۈچى بىر تۇل ئايالنىڭ يالغۇز ئوغلى ئىدى. شەھەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر ھېلىقى تۇل ئايال بىلەن بىللە چىققانىدى.13بۇ ئايالنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا ئىچىنى ئاغرىتقان ھالدا ئۇنىڭغا:

_ يىغلىماڭ، _ دېدى.14ئاندىن، توپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، جىنازىغا قولىنى تەگكۈزگەنىدى، جىنازا كۆتۈرگەنلەر توختىدى. ھەزرىتى ئەيسا:

_ يىگىت، ئورنۇڭدىن تۇر، _ دېيىشى بىلەنلا،15ئۆلۈپ قالغان يىگىت قوپۇپ، گەپ قىلىشقا باشلىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى.

16قورقۇنچ باسقان كۆپچىلىك:

_ ئارىمىزدىن ئۇلۇغ بىر پەيغەمبەر چىقتى!

_ خۇدا بىزگە شاپائەت قىلىش ئۈچۈن كەلدى! _ دەپ خۇدانى مەدھىيىلىدى.

17ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ ئىشى توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتۈن يەھۇدىيلار زېمىنى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقىلىپ كەتتى.

[داۋامى]

ئىنجىل، «يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر» 11-باب

1-2لازار ئىسىملىك بىر ئادەم كېسەل بولۇپ قالغانىدى. ئۇ ھەدىلىرى مەريەم ۋە مارتا بىلەن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى بەيتانىيا يېزىسىدا تۇراتتى. مەريەم بولسا ھەزرىتى ئەيسانىڭ پۇتلىرىغا خۇش پۇراق ياغ سۈركەپ، چاچلىرى بىلەن ئۇلارنى ئېرتىپ قۇرۇتقان ئايال ئىدى.

3لازارنىڭ ھەدىلىرى ھەزرىتى ئەيساغا: «ئى رەببىمىز، سىز ياخشى كۆرىدىغان دوستىڭىز كېسەل بولۇپ قالدى» دەپ خەۋەر بېرىشتى.

4ھەزرىتى ئەيسا بۇنى ئاڭلاپ:

_ بۇ كېسەللىك لازارنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاياغلاشمايدۇ. ئەكسىچە، بۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئايان بولۇپ، خالايىق خۇداغا مەدھىيە ئوقۇيدۇ، _ دېدى.

5ھەزرىتى ئەيسا مارتا، مەريەم ۋە لازارنى بەك ياخشى كۆرەتتى.6گەرچە ئۇ لازارنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئۆزى تۇرۇۋاتقان يەردە يەنە ئىككى كۈن تۇردى.7ئاندىن كېيىن، شاگىرتلىرىغا:

_ يەھۇدىيىگە قايتا بارايلى! _ دېدى.

8شاگىرتلىرى ئۇنىڭغا:

_ ئۇستاز، يېقىندىلا ئۇ يەردىكى خەقلەر سىزنى چالما-كېسەك قىلماقچى بولغان تۇرسا، يەنە ئۇ يەرگە قايتا بارامسىز؟ _ دېيىشتى.

9ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ كۈندۈز ئون ئىككى سائەت ئەمەسمۇ؟ كۈندۈزى يول ماڭغان يىقىلماس، چۈنكى ئۇ بۇ دۇنيانىڭ يورۇقىنى كۆرىدۇ.10لېكىن، كېچىسى يول ماڭغان يىقىلار، چۈنكى ئۇنىڭدا يورۇقلۇق يوقتۇر.

11ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن:

_ دوستىمىز لازار ئۇخلاپ قالدى، مەن ئۇنى ئويغاتقىلى بارىمەن، _ دەپ قوشۇپ قويدى.

12شاگىرتلار:

_ ئۇخلىغان بولسا ياخشى بولۇپ قالىدۇ، ئى رەببىمىز، _ دېدى.

13ھەزرىتى ئەيسا لازارنىڭ ئۆلۈمىنى دېمەكچىدى، لېكىن ئۇلار ئادەتتىكى ئۇيقۇنى دەۋاتىدۇ، دەپ ئويلاشتى.14شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا ئوچۇقىنى ئېيتىپ:

_ لازار ئالەمدىن ئۆتتى، دېمەكچىمەن.15سىلەرنى دەپ، ئۇنىڭ قېشىدا بولمىغانلىقىمغا خۇشالمەن. چۈنكى، بۇ سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارنىڭ كۈچەيتىلىشى ئۈچۈن، يەنە بىر پۇرسەت يارىتىپ بەردى. ئەمدى ئۇ بار يەرگە بارايلى، _ دېدى.

16«قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدىغان توماس باشقا شاگىرتلارغا:

_ بىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارايلى ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلەيلى، _ دېدى.

17ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بەيتانىياغا بارغاندا، لازارنىڭ يەرلىككە قويۇلغىنىغا تۆت كۈن بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى.18بەيتانىيا يېرۇسالېمدىن ئۈچ چاقىرىم يىراقلىقتا ئىدى.19نۇرغۇن يەھۇدىيلار مارتا بىلەن مەريەمنىڭ ئىنىسىنىڭ ئۆلۈمىگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلگەنىدى.20مارتا ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى. مەريەم بولسا ئۆيدە قالدى.

21_ ئى رەببىم، _ دېدى مارتا ھەزرىتى ئەيساغا، _ بۇ يەردە بولغان بولسىڭىز، ئىنىم ئۆلمەس ئىدى.22ھېلىمۇ، خۇدادىن نېمە تىلىسىڭىز، ئۇنىڭ سىزگە شۇنى بېرىدىغانلىقىنى بىلىمەن.

23_ ئىنىڭىز تىرىلىدۇ، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

24مارتا:

_ قىيامەت كۈنى، ئۇنىڭ جەزمەن تىرىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن، _ دېدى.

25_ ئىنسانلارنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى ۋە ھاياتلىق بەرگۈچى ئۆزۈمدۇرمەن، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا، _ ماڭا ئېتىقاد قىلغان كىشى ئۆلسىمۇ، يەنە ھايات بولىدۇ.26ماڭا ئېتىقاد قىلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەنلەر ئەسلا ئۆلمەيدۇ؛ بۇنىڭغا ئىشىنەمسىز؟

27_ ئىشىنىمەن رەببىم، _ دېدى مارتا، _ سىزنىڭ ئىنسانلار ئارىسىغا كېلىشكە تەيىنلەنگەن قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ، خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشىنىمەن.

28مارتا بۇنى دەپ بولغاندىن كېيىن، قايتىپ سىڭلىسى مەريەمنى ئاستىغىنا چاقىرىپ:

_ ئۇستازىمىز كېلىپ بولدى. سېنى چاقىرىۋاتىدۇ، _ دېدى.

29مەريەم بۇنى ئاڭلاپ، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن كۆرۈشكىلى ماڭدى.

30ئۇ پەيتتە ھەزرىتى ئەيسا تېخى يېزىغا كىرمىگەن بولۇپ، مارتا ئالدىغا چىققان يەردە ئىدى.31ئۆيدە مەريەمگە تەسەللى بېرىۋاتقان خالايىق مەريەمنىڭ بىردىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ، سىرتقا چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈشتى ۋە ئۇنى قەبرىستانلىققا يىغا-زار قىلغىلى ماڭدى دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىشتى.

32بىراق، مەريەم ھەزرىتى ئەيسا بار يەرگە باردى ۋە ئۇنى كۆرۈپ، ئايىغىغا يىقىلىپ:

_ ئى رەببىم، بۇ يەردە بولغان بولسىڭىز، ئىنىم ئۆلمەس ئىدى! _ دېدى.

33مەريەمنىڭ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن خالايىقنىڭ يىغا-زار قىلىشقىنىنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا غەزەپلىنىپ، كۆڭلى قاتتىق ئازابلىنىشقا باشلىدى ۋە:

34_ ئۇنى قەيەرگە قويدۇڭلار؟ _ دەپ سورىدى.

_ ئى رەببىمىز، كېلىپ كۆرۈڭ، _ دېيىشتى ئۇلار.

35ھەزرىتى ئەيسا كۆز يېشى قىلدى.36خەقلەر:

_ قاراڭلار، ئۇ لازارنى نېمىدېگەن ياخشى كۆرگەن! _ دېيىشتى.

37ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى:

_ قارىغۇنىڭ كۆزىنى ئاچقان كىشى لازارنىڭ ھاياتىنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالالمايتتىمۇ؟ _ دېيىشتى.

38ھەزرىتى ئەيسا ئىچىدە يەنە غەزەپلىنىپ، يەرلىكنىڭ ئالدىغا باردى. يەرلىك كىرىش ئاغزى چوڭ بىر تاش بىلەن توسۇلغان ئۆڭكۈر ئىدى.39ھەزرىتى ئەيسا:

_ تاشنى ئېلىۋېتىڭلار! _ دېدى.

ئۆلگۈچىنىڭ ھەدىسى مارتا:

_ ئى رەببىم، ئالەمدىن ئۆتكىنىگە تۆت كۈن بولدى، ھازىر جەسىتى پۇراپ كەتكەندۇ، _ دېدى.

40ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ مەن ساڭا: «ئېتىقاد قىلساڭ، خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرىسەن» دېگەنىدىمغۇ! _ دېدى.

41بۇنىڭ بىلەن، خالايىق تاشنى ئېلىۋەتتى، ھەزرىتى ئەيسا كۆزلىرىنى ئاسمانغا تىكىپ، مۇنداق دۇئا قىلدى:

_ ئى ئاتا، تەلىپىمنى ئاڭلايدىغىنىڭ ئۈچۈن ساڭا شۈكۈر ئېيتىمەن.42تەلەپلىرىمنى ھەمىشە ئاڭلايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئەتراپىمدىكى خالايىق سېنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشەنسۇن دەپ، بۇنى ئېيتىۋاتىمەن.

43ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، يۇقىرى ئاۋازدا:

_ لازار، تاشقىرىغا چىق! _ دەپ توۋلىدى.

44لازار قول-پۇتلىرى كېپەنلەنگەن، ئېڭىكى تېڭىلغان ھالدا تاشقىرىغا چىقتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ كېپەنلىكنى سالدۇرۇپ، ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىڭلار! _ دېدى.

[داۋامى]

ئۈندىدار سالونىمىز

ئۇندىدار

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

yengi mezmun

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر