« تارىخلار بىرىنچى قىسىم »

16

ئەھدە ساندۇقىنىڭ چېدىرغا ئەكىرىپ قويۇلۇشى

1ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى داۋۇت ئۇنىڭغا ئاتاپ تىكتۈرگەن چېدىرغا ئەكىرىپ قويدى. ئۇلار خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى قىلدى. 2شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت خەلققە پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن بەخت تىلىدى. 3يەنە پۈتۈن خەلققە، ئەر-ئايال دېمەي ھەربىر ئادەمگە بىردىن نان، خورما قېقى ۋە كىشمىش ئۈلەشتۈرۈپ بەردى.

4داۋۇت بىر قىسىم لاۋىيلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا خىزمەتتە بولۇشقا، يەنى دۇئا-تىلاۋەت قىلىشقا، ئىسرائىلنىڭ پەرۋەردىگارى خۇداغا رەھمەت-تەشەككۈر ئېيتىشقا ۋە مەدھىيە ئوقۇشقا تەيىنلىدى. 5ئۇلارنىڭ بېشى ئاساف بولۇپ، ئۇنىڭ ياردەمچىسى زىكىرىيا ئىدى. ئۇلاردىن باشقىلىرى يىئىئېل، شىمىراموت، يىخىئېل، ماتتىتيا، ئەلىئاب، بىنايا، ئوبېد-ئىدوم ۋە يىئىئېللار ئىدى. ئۇلار چىلتار ۋە لىرا چېلىشقا بۇيرۇلدى. ئاساف جاڭ چالماقچى بولدى. 6بىنايا بىلەن ياخازىئېل دېگەن ئىككى روھانىي خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا ھەر دائىم كاناي چېلىشقا بۇيرۇلدى.

داۋۇتنىڭ مەدھىيە كۈيى

7شۇ كۈنى داۋۇت تۇنجى قېتىم ئاساف ۋە قېرىنداشلىرىنى پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىشقا بەلگىلىدى:

8پەرۋەردىگارغا شۈكۈرلەر ئېيتىڭلار،

ئۇنىڭ شەنىگە مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار،

كارامەتلىرىنى ئەللەر ئارا بايان قىلىڭلار!

9خۇدانى كۈيلەڭلار قېتىپ ناخشا-نەغمىگە،

مۆجىزىلىرىنى ئۇنىڭ جاكارلاڭلار ھەممىگە.

10ئۇلۇغلاڭلار مۇقەددەس خىسلەتلىرىنى خۇدانىڭ،

قەلبى شادلانسۇن پەرۋەردىگارنى سېغىنغانلارنىڭ.

11تەلپۈنۈڭلار خۇدانىڭ قۇدرىتىگە-كۈچىگە،

ئىنتىلىڭلار ھەم ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا-مېھرىگە.

12ئېسىڭلاردا بولسۇن ئۇنىڭ كارامەتلىرى،

مۆجىزىلىرى ۋە چىقارغان ھۆكۈملىرى،

13ئى خۇدانىڭ قۇلى، ئىسرائىلنىڭ نەسىللىرى،

ئۇ ئۆزى تاللىغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى.

14ئۇ پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر،

ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەممە يەردە كۈچكە ئىگىدۇر.

15ئۇنىڭ تۈزگەن ئەھدىسى ئەبەدىي يادىدىدۇر،

بۇ ئۇنىڭ ئاداققىچە ۋەدە قىلغان سۆزىدۇر.

16پەرۋەردىگار ئىبراھىم بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى،

ئىسھاققىمۇ قەسەم ئىچكەنىدى.

17ئۇ بۇنى ياقۇپقىمۇ نىزام قىلىپ بەرگەنىدى.

ئىسرائىلغا* مەڭگۈلۈك ئەھدە قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى:

18«كەنئان زېمىنىنى سېنىڭ مۈلكۈڭ قىلىمەن،

ئۇنى ساڭا تەئەللۇق نېسىۋەڭ قىلىمەن.»

19ئۇ چاغدا ئۇلار ناھايىتى ئاز سانلىق ئىدى،

نەزەردە يوق ھەم مۇساپىر ئىدى.

20ئۇلار يۇرتمۇ-يۇرت سەرسان ئىدى،

ئەلدىن-ئەلگە كېزەر ئىدى.

21خۇدا ھېچكىمنىڭ ئۇلارنى ئېزىشىگە يول قويمىدى،

ئۇلارنى دەپ، پادىشاھلارنىمۇ مۇنداق ئاگاھلاندۇردى:

22«مېنىڭ تاللىغانلىرىمغا چېقىلماڭلار،

پەيغەمبەرلىرىمگە زىيانكەشلىك قىلماڭلار.»

23ناخشا ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا،

ئەي جاھان ئەھلى، بايان ئەيلەپ ھەر كۈنى ئۇنىڭ نىجاتلىقىنى.

24تارقىتىڭلار شان-شەرىپىنى ئەللەر ئارا،

ئاجايىپ ئىشلىرىنى خەلق ئارا.

25ئۇلۇغ بولغاچ پەرۋەردىگار دائىما،

ئۇ لايىقتۇر ھەسسىلەپ مەدھىيەلىنىشكە،

ئۈستۈن بولغاچ ئۇ بارلىق «ئىلاھلار»دىن،

پەقەت ئۇلا ئەرزىيدۇ ئەيمىنىشكە.

26پەقەت بۇتتۇر باشقىلارنىڭ ئىلاھلىرى،

ئەمما خۇدا ياراتقاندۇر ئەرشلەرنى.

27ئوراپ تۇرار شان-شەرەپ ۋە بۈيۈكلۈك ئۇنى،

قۇدرەت ۋە شاد-خۇراملىققا تولغاندۇر ئۇنىڭ تۇرارگاھى.

28تەرىپلەڭلار ئەي ئەل-قوۋملار پەرۋەردىگارنى،

كۈيلەڭلار ئۇنىڭ شان-شۆھرەت ۋە قۇدرىتىنى.

29-30پەرۋەردىگار شەرىپىگە مۇناسىپ ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار،

خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا ھەدىيە بىلەن كىرىڭلار.

ئەي جاھان ئەھلى، پەرۋەردىگاردىن قورقۇڭلار،

پارلاق، مۇقەددەس پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىڭلار،

بەرھەق، دۇنيا مۇستەھكەم، تەۋرەنمەستۇر.

31شادلانسۇن يەر-جاھان، خۇش بولسۇن ئاسمانلار،

ئېيتىشسۇن ئەللەر ئارا: «پەرۋەردىگار ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر.»

32تەنتەنە قىلىشسۇن دېڭىز ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىقلار،

يايرىسۇن دالىلار، ئۇنىڭدىكى چارۋىلار.

33ناخشا ئېيتسۇن ئىگىمىز ئالدىدا ئورمانلار،

چۈنكى پەرۋەردىگار جەزمەن كېلىدۇ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا.

34پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار،

چۈنكى ئۇ شاپائەتلىكتۇر،

ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر.

35يەنە شۇنداق دەپ ئېيتىڭلار:

_ ئى نىجاتكار بولغان خۇدايىمىز،

قۇتقۇزغىن بىزنى،

يات ئەللەر ئارىسىدىن قايتا يىغىپ ئەكەلگىن بىزلەرنى.

شۇندا سېنى مەدھىيەلەيلى، كۈيلەيلى،

شۇ مۇقەددەس نامىڭغا شۈكۈر-رەھمەت ئېيتايلى.

36مەدھىيەلەنگەي مەڭگۈدىن-مەڭگۈگە،

ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار!

ئاندىن كېيىن پۈتۈن خالايىقلار «ئامىن» دېيىشىپ، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى.

37داۋۇت، ئاساف بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى ھەر كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا داۋاملىق خىزمەتتە بولۇش ۋەزىپىسىگە قالدۇرۇپ قويدى. 38ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوبېد-ئىدوم بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن ئاتمىش سەككىز كىشى بار ئىدى. شۇنىڭدەك يىدۇتۇننىڭ ئوغلى ئوبېد-ئىدوم بىلەن خوساھ دەرۋازىۋەنلىككە قويۇلدى.

39داۋۇت روھانىي زادوق بىلەن ئۇنىڭ روھانىي قېرىنداشلىرىنى گىبئوندىكى مۇقەددەس جايغا تىكىلگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەت قىلىشقا تەيىنلىدى. 40ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغىنى بويىچە ھەر كۈنى ئەتىگىنى، ئاخشىمى قۇربانلىق سۇپىسى ئۈستىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇشقا بۇيرۇلدى. 41ئۇلار بىلەن بىللە بولغانلار، يەنى ھېمان، يىدۇتۇن ۋە قالغان تاللانغانلار، شۇنداقلا بارلىق ئىسمى تىزىملانغانلار پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىشقا بۇيرۇلدى، چۈنكى «ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر». 42ھېمان ۋە يىدۇتۇن بولسا سازەندىلىككە، جۈملىدىن كاناي، جاڭ ۋە خۇدا ئۈچۈن چېلىنىدىغان بارلىق سازلارنى چېلىپ، مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئوقۇشقا مەسئۇل قىلىندى. يىدۇتۇننىڭ ئوغۇللىرى دەرۋازىغا قاراشقا قويۇلدى.

43شۇنىڭدىن كېيىن كۆپچىلىك ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىشتى، داۋۇتمۇ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە بەخت تىلەشكە قايتتى.



*17ئىسرائىل _ ياقۇپ پەيغەمبەرنىڭ يەنە بىر ئىسمى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى