« تارىخلار بىرىنچى قىسىم »

4

يەھۇدانىڭ ئەۋلادلىرى

1يەھۇدانىڭ پەرەس، خەزرون، كارمى، خۇر ۋە شوبال ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.2شوبالنىڭ ئوغلى رىئايادىن ياخات تۆرەلدى. ياخاتتىن ئاخۇماي ۋە لاھاد تۆرەلدى. بۇلار زورئاھلارنىڭ ئەجدادلىرىدۇر.

3-4كالىب ئايالى ئەفراتادىن خۇر ئىسىملىك تۇنجى ئوغلىنى كۆردى. خۇرنىڭ ئەۋلادلىرى بەيتلەھەم شەھىرىگە ئاساس سالغۇچىلار ئىدى. خۇرنىڭ ئېتام، پىنۇئېل ۋە ئەزەر ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، ئېتامنىڭ يىزرىئەل، يىشما ۋە يىدباش ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى ۋە ھازلەلپونى ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىدى. پىنۇئېل گىدور شەھىرىگە، ئەزەر بولسا خۇشاھ شەھىرىگە ئاساس سالغان ئىدى.

5تىقوۋا شەھىرىگە ئاساس سالغان ئاشخۇرنىڭ خەلئاھ ۋە نائارا ئىسىملىك ئىككى ئايالى بار ئىدى.6ئاشخۇر ئايالى نائارادىن ئاخۇززام، خېفەر، تېمىنى ۋە ھائاخاشتارى ئىسىملىك ئوغۇللارنى كۆردى.7ئايالى خەلئاھتىن زەرەت، زوخار، ئەتنان8ۋە قوز تۇغۇلدى. قوزنىڭ ئانۇب ۋە ھاززوبېبا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. خاققوز ھارۇمنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئاخارخېل جەمەتىنىڭ ئەجدادى ئىدى.

9يابېز مەنىسى «ئازاب» ئىسىملىك بىر ئادەم قېرىنداشلىرىغا قارىغاندا كۆپ ئابرۇيلۇق ئىدى. ئانىسى ئۇنى: «بەك جاپا چېكىپ تۇغقانمەن» دەپ ئىسمىنى يابېز قويغانىدى.10يابېز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا: «ئى خۇدا، مېنى بەختلىك قىلىپ، زېمىنىمنى كېڭەيتىپ بەرگەيسەن، ماڭا يار-يۆلەكتە بولۇپ، مېنى مۈشكۈلات ۋە ئازابلاردىن يىراق قىلغايسەن» دەپ دۇئا قىلغانىدى. خۇدا ئۇنىڭ ئىلتىجالىرىنى بەجا كەلتۈردى.

11شۇخاھنىڭ ئاكىسى كىلۇبدىن مىخىر تۆرەلدى. مىخىردىن ئەشتون تۆرەلدى.12ئەشتوندىن بەيت-رافا، پاسېياخ ۋە تىخىننا تۆرەلدى. تىخىننا ئىرناخاش شەھىرىنى بىنا قىلدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى رېكاھتا ياشايتتى.

13قېنازنىڭ ئوتنىئېل ۋە سىرايا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئوتنىئېلنىڭ بولسا، خاتات ۋە مىئونوتاي ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.14مىئونوتايدىن ئوفراھ تۆرەلدى. سىرايادىن يوئاب تۆرەلدى. يوئاب ھۈنەرۋەنلەر جىلغىسىغا ئاساس سالدى. ئۇ يەردە ياشىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ھۈنەرۋەن ئىدى.

15يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب ئۈچ ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. ئۇلار ئىرۇ، ئەلاھ ۋە نائام ئىدى. ئېلاھتىن قېناز تۆرەلدى.

16يىھالەلەلنىڭ زىف، زىفاھ، تىرىيا ۋە ئاسارئېل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

17-18ئەزراھنىڭ يەتەر، مەرەد، ئېفەر ۋە يالون ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. مەرەد پىرئەۋننىڭ قىزى بىتياھقا ئۆيلىنىپ ئۇنىڭدىن مەريەم ئىسىملىك بىر قىز ۋە شامماي، يىشباخ ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. يىشباخ ئەشتىموۋا شەھىرىگە ئاساس سالدى. مەرەد يەنە يەھۇدا قەبىلىسىدىن بىر ئايال ئالدى. بۇ ئايالدىن ئۇ ئۈچ ئوغۇل، يەنى گىدور شەھىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى يەرەد، سوكوھ شەھىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى خەبەر ۋە زانوۋاخ شەھىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى يىقۇتىئەلنى كۆردى.

19ھودىيا ناخامنىڭ سىڭلىسىغا ئۆيلەندى، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى گارمىلىق قىيلاھنىڭ ۋە مائاكالىق ئەشتىموۋانىڭ ئاتىسى ئىدى.

20شىموننىڭ ئامنون، رىنناھ، بەنخانان ۋە تىلون ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

يىشئىنىڭ زوخېت ۋە بەنزوخېت ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

21يەھۇدانىڭ يەنە شېلاھ ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. شېلاھنىڭ ئەۋلادلىرى:

لېكاھ شەھىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى ئېر، مارېشا شەھىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى لادا، بەيت-ئاشبېيا شەھىرىدە ياشايدىغان كەندىر توقۇغۇچىلارنىڭ جەمەتلىرى،22يوقىم، يوئاش، ساراف ۋە كوزېبا شەھىرىنىڭ ئاھالىسى. يوئاش ۋە ساراف موئاب شەھىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئاندىن لەھەم شەھىرىگە قايتىپ بارغان. بۇ مەلۇماتلار قەدىمكى يازمىلاردىن ئېلىندى.23بۇ جەمەتتىكىلەر نىتائىم ۋە گىدېرا شەھەرلىرىدە ياشايدىغان ساپال ئۇستىلىرى بولۇپ، ئۇلار پادىشاھقا خىزمەت قىلاتتى.

شىموننىڭ ئەۋلادلىرى

24شىموننىڭ نىمۇئېل، يامىن، يارىب، زەراخ ۋە شائۇل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

25شائۇلنىڭ ئوغلى شاللۇم، شاللۇمنىڭ ئوغلى مىبسام، مىبسامنىڭ ئوغلى مىشما ئىدى.

26مىشمانىڭ ئوغلى خاممۇئېل، خاممۇئېلنىڭ ئوغلى زاككۇر، زاككۇرنىڭ ئوغلى شىمئى ئىدى.

27شىمئى ئون ئالتە ئوغۇل ۋە ئالتە قىز پەرزەنت كۆردى. لېكىن ئۇنىڭ ئاكا-ئىنىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى كەم بولغانلىقى ئۈچۈن، شىمون قەبىلىسى يەھۇدا قەبىلىسىدەك كۆپەيمىدى.

28شىموننىڭ ئەۋلادلىرى بەئەرشەبا، مولادا، خازار-شۇئال،29بىلھاھ، ئەزەم، تولاد،30بەيتۇئېل، خورماھ، زىقلاق،31بەيت-ماركابوت، خازار-سۇسىم، بەيت-بىرى ۋە شائارايىم شەھەرلىرىدە ياشايتتى. داۋۇت پادىشاھ بولغانغا قەدەر، مانا شۇ شەھەرلەر شىموننىڭ ئەۋلادلىرىغا قاراشلىق ئىدى.32ئۇلار يەنە ئېتام، ئايىن، رىممون، توكەن ۋە ئاشان دېگەن بەش شەھەردىمۇ ياشىدى.33غەرب جەنۇبتىكى بائالات شەھىرىگىچە سوزۇلغان بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممە يېزىلار شىموننىڭ ئەۋلادلىرىغا قاراشلىق ئىدى. ئۇلار شۇ جايدا ياشاپ، ئۆز نەسەبنامىسىنى يېزىپ قويغانىدى.

34تۆۋەندىكىلەر شىمون ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى: مىشوباب، ياملېك، ئامازيانىڭ ئوغلى يوشاھ،35يوئېل ۋە يېھۇ (يېھۇ يوشىبيانىڭ ئوغلى، يوشىبيا سىرايانىڭ ئوغلى، سىرايا ئاسىئېلنىڭ ئوغلىدۇر).36يەنە ئەليوئېناي، يائاقوبا، يىشوخايا، ئاسايا، ئادىئېل، يىسىمىئېل، بىنايا ۋە37زىزا (زىزا شىفىنىڭ ئوغلى، شىفى ئاللوننىڭ ئوغلى، ئاللون يىدايانىڭ ئوغلى، يىدايا شىمرىنىڭ ئوغلى، شىمرى شىمايانىڭ ئوغلى ئىدى).

38بۇلار شىمون ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ جەمەتلىرى كۆپىيىپ كەتكەچكە،39مال-چارۋىلىرىغا ئوتلاق ئىزدەپ، جىلغىنىڭ شەرقىي چېتىگە جايلاشقان گىدور شەھىرىگىچە باردى.40ئۇلار بۇ يەردىن ئوت-چۆپلىرى مول، كەڭرى، تىنچ ۋە خىلۋەت بىر جاينى تاپتى. بۇ جاي بۇرۇن ھام ئەۋلادلىرىغا قاراشلىق جاي ئىدى.

41يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە يۇقىرىدا ئىسىملىرى خاتىرىلەنگەن شىموننىڭ ئەۋلادلىرى ھام ئەۋلادلىرىنىڭ تۇرالغۇلىرىغا ۋە ئۇلار بىلەن بىللە ياشاۋاتقان مىئۇنىم خەلقىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقاتتى. شۇڭا ئۇلاردىن ھازىرغىچە بىرمۇ ئادەم يوق. ئۇ يەردە قوي-كالىلىرىغا يايلاقلار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئۇ يەرلەرنى ئىگىلىۋالغانىدى.42شىمون ئەۋلادلىرىدىن يەنە بەش يۈز كىشى يىشئىنىڭ پىلاتيا، نىئاريا، رىفايا ۋە ئۇززىئېل ئىسىملىك ئوغۇللىرىنىڭ باشچىلىقىدا سەئىر تاغلىرىغا بېرىپ،43ئامالەك ئەۋلادلىرىنىڭ قالغانلىرىنى قىرىپ تاشلىدى. شىموننىڭ ئەۋلادلىرى ھازىرغىچە شۇ جايلاردا ياشاپ كەلمەكتە.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر