« تارىخلار بىرىنچى قىسىم »

8

بىنيامىننىڭ باشقا ئەۋلادلىرى

1بىنيامىننىڭ تۇنجى ئوغلى بەلا، ئىككىنچىسى ئاشبېل، ئۈچىنچىسى ئاخراخ، 2تۆتىنچىسى نوخاھ، بەشىنچىسى رافا ئىدى.

3بەلانىڭ ئوغۇللىرى: ئاددار، گېرا، ئابىخۇد، 4ئابىشۇۋا، نائامان، ئاخوۋاخ، 5گېرا، شىفۇفان ۋە خۇرام.

6-7ئېخۇدنىڭ نائامان، ئاخىيا ۋە گېرا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلار گەبا شەھىرى ئاھالىسىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. گەبا ئاھالىسى ماناخاتقا سۈرگۈن قىلىنغاندا، گېرا خەلقنى باشلاپ كەتكەنىدى. گېرانىڭ ئۇززا ۋە ئاخىخۇد ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

8شاخارايىم خوتۇنلىرى خۇشىم ۋە بائارانى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، موئاب زېمىنىدا ئوغۇل پەرزەنتلەر كۆرگەنىدى. 9ئۇنىڭ خودەش ئىسىملىك خوتۇنى ئۇنىڭغا يوباب، زىبيا، مېشا، مالكام، 10يىئۇز، ساكىياھ ۋە مىرماھ دېگەن ئوغۇللارنى تۇغۇپ بەردى. شاخارايىمنىڭ بۇ ئوغۇللىرى جەمەت باشلىقلىرى ئىدى.

11شاخارايىمنىڭ خۇشىمدىن تۇغۇلغان ئابىتۇب ۋە ئەلپائال ئىسىملىك ئوغۇللىرىمۇ بار ئىدى. 12-13ئەلپائالنىڭ ئېبەر، مىشئام، شەمەد، بىرىئا ۋە شەما ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. شەمەد ئونو بىلەن لود شەھىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنى بىنا قىلغانىدى. بىرىئا ۋە شەما ئاييالون شەھىرى ئاھالىسىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى بولۇپ، گات ئاھالىسىنى ئۇ يەردىن قوغلىۋەتكەنىدى.

14بىرىئانىڭ ئوغۇللىرى: ئاخيو، شاشاق، يىرېموت، 15زىباديا، ئاراد، ئەدەر، 16مىكائىل، يىشپاھ ۋە يوخا.

17ئەلپائالنىڭ ئوغۇللىرى: زىباديا، مىشۇللام، خىزقى، خەبەر، 18يىشمىراي، يىزلىئا ۋە يوباب.

19شىمئىنىڭ ئوغۇللىرى: ياقىم، زىكرى، زابدى، 20ئەلىئېناي، زىللىتاي، ئەلىئېل، 21ئادايا، بىرايا ۋە شىمرات.

22شاشاقنىڭ ئوغۇللىرى: يىشپان، ئېبەر، ئەلىئېل، 23ئابدون، زىكرى، خانان، 24خانانيا، ئېلام، ئانتوتىيا، 25يىفدىيا ۋە پىنۇئېل.

26يىروخامنىڭ ئوغۇللىرى: شامشىراي، شىخاريا، ئاتاليا، 27يائارېشيا، ئېلىيا ۋە زىكرى.

28يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى جەمەت باشلىقلىرى ۋە يولباشچىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئۆز جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسىدا خاتىرىلەنگەنىدى. ئۇلار يېرۇسالېمدا ياشايتتى.

29يىئىئېل گىبئون شەھىرىنى بىنا قىلىپ، شۇ يەرگە ئورۇنلاشتى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مائاكا بولۇپ، 30تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئابدون، كېيىنكىلىرنىڭ ئىسمى زۇر، كىش، بائال، نېر، ناداب، 31گىدور، ئاخيو، زېكەر 32ۋە مىقلوت ئىدى. مىقلوت بولسا شىمئاھنىڭ ئاتىسى ئىدى. ئۇلارمۇ يېرۇسالېمدا ئۆز تۇغقانلىرىنىڭ يېنىدا ياشىدى.

سائۇل پادىشاھنىڭ ئەۋلادلىرى

33نېر كىشنىڭ ئاتىسى، كىش سائۇل پادىشاھنىڭ ئاتىسى ئىدى.

سائۇل پادىشاھنىڭ يوناتان، مالكىشۇۋا، ئابىناداب ۋە ئەشبائال ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

34يوناتان مىرىب-بائالنىڭ ئاتىسى، مىرىب-بائال مىكاھنىڭ ئاتىسى ئىدى.

35مىكاھنىڭ پىتون، مەلەك، تارېيا ۋە ئاخاز ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.

36ئاخازدىن ياداھ تۆرەلدى.

يىھوئاددادىن ئالەمەت، ئازماۋەت ۋە زىمرى تۆرەلدى.

زىمرىدىن موزا تۆرەلدى.

37موزادىن بىنئا تۆرەلدى،

بىنئادىن رافاھ تۆرەلدى،

رەفاھتىن ئەلئاسا تۆرەلدى،

ئەلئاسادىن ئازېل تۆرەلدى.

38ئازېلنىڭ ئالتە ئوغلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئازرىقام، بوكىرۇ، ئىسمائىل، شىئاريا، ئوبادىيا ۋە خانان ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئازېلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.

39ئازېلنىڭ ئىنىسى ئېشەقنىڭ ئۈچ ئوغلى بولۇپ، تۇنجىسى ئۇلام، ئىككىنچىسى يىئۇش، ئۈچىنچىسى ئەلىفەلەت ئىدى. 40ئۇلامنىڭ ئوغۇللىرى باتۇر جەڭچى ۋە مەرگەن ئوقياچىلار ئىدى. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئوغۇللىرى ۋە نەۋرىلىرى بولۇپ، جەمئىي 150 كىشى ئىدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى