« پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم »

13

ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاخاز

1ئاخازيانىڭ ئوغلى _ يەھۇدىيە پادىشاھى يوئاشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 23-يىلى يېھۇنىڭ ئوغلى يىھوئاخاز سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، 17 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 2ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، گۇناھلاردىن قول ئۈزمەي، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھىنى داۋاملاشتۇردى. 3شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى ئۇزۇن ۋاقىت ئاررام پادىشاھى خازائېلنىڭ ۋە خازائېلنىڭ ئوغلى بەنھادادنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى.

4شۇنىڭ بىلەن يىھوئاخاز پەرۋەردىگاردىن شەپقەت تىلىدى. پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئاررام پادىشاھى تەرىپىدىن ئېزىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەچكە، ئۇنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلدى. 5پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بىر قۇتقۇزغۇچى ئەۋەتىشى نەتىجىسىدە ئۇلار ئارراملارنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئاۋۋالقىدەكلا ئۆز يۇرتىدا ياشاپ قالدى. 6شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلار ياروبئام جەمەتىنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھىدىن قول ئۈزمىدى، شۇ گۇناھلارنى داۋاملاشتۇرىۋەردى. ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىمۇ سامارىيەدە تۇرىۋەردى.

7ئاررام پادىشاھى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاخازنىڭ قوشۇنىنى خۇددى خاماننى دەسسەپ چەيلىگەندەك چەيلەپ ۋەيران قىلغاچقا، ئاخىرى ئۇلاردىن پەقەت ئەللىك ھارۋىلىق لەشكەر، ئون جەڭ ھارۋىسى ۋە ئون مىڭ پىيادە لەشكەرلا قالغانىدى.

8يىھوئاخاز پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 9يىھوئاخاز ۋاپات بولۇپ، سامارىيەگە دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭ ئوغلى يىھوئاش ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى.

ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش

10يەھۇدىيە پادىشاھى يوئاشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 37-يىلى يىھوئاخازنىڭ ئوغلى يىھوئاش سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، 16 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 11ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھىدىن قول ئۈزمەي، داۋاملىق گۇناھ ئۆتكۈزدى.

12يوئاش پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا بىلەن قىلغان ئۇرۇشلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 13يىھوئاش ۋاپات بولدى. ياروبئام II ئۇنىڭ تەختىگە ئولتۇردى. يىھوئاش سامارىيەدە ئىلگىرىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ قېشىغا دەپنە قىلىندى.

ئېلىشانىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى

14ئېلىشا سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا، ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش ئۇنى يوقلاپ كېلىپ:

_ ئاتا! ئاتا! ئۆزلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ جەڭ ھارۋىسى ۋە ھارۋىلىق جەڭچىسى ئىدىلەغۇ! _ دەپ يىغلاپ كەتتى.

15ئېلىشا ئۇنىڭغا:

_ يا بىلەن بىرقانچە ئوق ئېلىپ كەل! _ دېدى.

ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئۇنىڭغا يا بىلەن ئوقلارنى ئەكەلدى. 16ئېلىشا ئۇنىڭغا:

_ يانى قولۇڭغا ئال! _ دېدى.

يىھوئاش يانى قولىغا ئالدى. ئاندىن ئېلىشا قولىنى پادىشاھنىڭ قولىغا قويدى. 17ئېلىشا:

_ شەرق تەرەپتىكى دېرىزىنى ئاچ، _ دېدى.

يىھوئاش ئاچتى. ئاندىن ئېلىشا ئۇنىڭغا:

_ ئوقنى ئات! _ دېدى.

ئۇ ئاتتى. ئېلىشا ئۇنىڭغا:

_ بۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەلىبە ئوقى، ئاررامنى مەغلۇپ قىلىدىغان غەلىبە ئوقى! سەن ئافېقتا ئارراملارنى پۈتۈنلەي يوقىتىسەن، _ دېدى.

18ئۇ يەنە:

_ ئوق! _ دېدى.

پادىشاھ ئوقنى قولىغا ئالدى.

ئۇ ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا:

_ يەرگە ئۇر! _ دېدى، ئۇ يەرگە ئۈچ مەرتەم ئۇرۇپ، توختىدى.

19شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىپ:

_ سەن ئەسلى بەش ياكى ئالتە قېتىم ئۇرۇشۇڭ كېرەك ئىدى، شۇنداق قىلغان بولساڭ، ئارراملارنى پۈتۈنلەي مەغلۇپ قىلاتتىڭ. ئەمدى سەن ئارراملارنى ئۈچ قېتىملا مەغلۇپ قىلالايسەن، _ دېدى.

20شۇنىڭدىن كېيىن ئېلىشا ئالەمدىن ئۆتۈپ، دەپنە قىلىندى. ئۇ چاغلاردا موئابلار ھەر يىلى ئەتىيازدا ئىسرائىلىيە زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلاتتى. 21كىشىلەر بىر كۈنى بىر ئۆلۈكنى دەپنە قىلىۋاتقاندا، توساتتىن بىر توپ تاجاۋۇزچىلارنى كۆرۈپ قالدى-دە، ئۆلۈكنى ئېلىشا ياتقان شام گۆرگە* تاشلاپ قاچتى. ئەمما جەسەت ئېلىشانىڭ مېيىت سۆڭەكلىرىگە تېگىشى بىلەنلا تىرىلىپ، دەس تۇرۇپ كەتتى.

ئېلىشانىڭ ئاخىرقى بېشارىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى

22يىھوئاخاز ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغدا ئىسرائىللار ئاررام پادىشاھى خازائېل تەرىپىدىن قايتا-قايتا زۇلۇمغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، 23لېكىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتى، مېھىر-شەپقىتى ۋە ئېتىبارىغا ئېرىشىپ كەلدى، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنىڭ ئەجدادى بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپ بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى بار ئىدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى تاكى شۇ دەۋرىگىچە خاراب قىلىشنى ۋە ئۆز ھۇزۇرىدىن قوغلاشنى خالىمىغانىدى. 24ئاررام پادىشاھى خازائېل ۋاپات بولدى. ئوغلى بەنھاداد ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى. 25خازائېل ئۇرۇش ۋاقتىدا يىھوئاخازنىڭ قولىدىن بىرنەچچە شەھەرلەرنى تارتىۋالغانىدى. ئەمدى يىھوئاخازنىڭ ئوغلى يىھوئاش خازائېلنىڭ ئوغلى بەنھادادنى ئۈچ قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ قولىدىن كەتكەن شەھەرلىرىنى قايتۇرۇۋالدى.



*21ئەينى دەۋرىدە بىر قەبرىگە بىرقانچە مېيىت دەپنە قىلىناتتى. ئۇلار بۇ يەردە دەل ئېلىشانىڭ قەبرىسىگە باشقا بىر مېيىتنى دەپنە قىلىۋاتقانىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى