« پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم »

3

ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورام

1يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافاتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئاخابنىڭ ئوغلى يورام سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ 12 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 2يورام پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يامانلىقتا ئاتىسى بىلەن ئانىسىدىن ئېشىپ چۈشمىدى. ئۇ ئاتىسى ياسىغان بائال تاش ئابىدىسىنى كۆزدىن يوقاتتى. 3لېكىن ئۇ نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ بۇتپەرەسلىكى ۋە ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھىغا چىڭ چاپلىشىپ، ئۇنى داۋاملاشتۇردى.

موئاب بىلەن بولغان جەڭ

4موئاب پادىشاھى مېشا قويچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، ئۇ ھەر يىلى يۈز مىڭ پاقلان ۋە يۈز مىڭ قوچقارنىڭ يۇڭىنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا ئولپان قىلىپ تاپشۇراتتى. 5ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب ئۆلگەندىن كېيىن، موئاب پادىشاھى مېشا پادىشاھ يورامدىن يۈز ئۆرۈدى. 6شۇ چاغدا پادىشاھ يورام سامارىيەدىن چىقىپ، پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىنى جەم قىلدى. 7ئۇ يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات بىلەن كۆرۈشۈشكە ئادەم ئەۋەتىپ، مۇنۇ سۆزنى يەتكۈزدى: «موئاب پادىشاھى مەندىن يۈز ئۆرۈدى. سىلى مەن بىلەن بىرلىكتە موئابقا قارشى جەڭ قىلغىلى چىقاملا؟».

پادىشاھ يىھوشافات ماقۇللۇقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «سىلى بىلەن ئاتلىنىشقا تەييارمەن. ئادەملىرىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرى، ئاتلىرىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئاتلىرى، دەپ بىلگەيلا. 8ئەمىسە بىز قايسى يولدىن ئاتلىنىپ چىقايلى؟».

«ئىدوم چۆلىنىڭ يولى بىلەن چىقايلى» دەپ جاۋاب ئەۋەتتى يورام.

9شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى يەھۇدىيە ۋە ئىدوم پادىشاھلىرى بىلەن بىللە يولغا چىقتى. لېكىن ئۇلار يەتتە كۈن يۈرۈش قىلغاندىن كېيىن، قوشۇنى ۋە ئات-ئۇلاغلىرى ئىچىدىغان سۇ قالمىدى.

10ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورام:

_ ھەي ئىسىت! پەرۋەردىگار بىز ئۈچ پادىشاھنى موئابنىڭ قولىغا چۈشسۇن دەپ يىغقانىكەن-دە، _ دېدى.

11لېكىن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات:

_ بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبىرى يوقمۇ؟ بىز ئۇ ئارقىلىق پەرۋەردىگاردىن بېشارەت سوراپ باقايلى، _ دېدى.

ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ بىر خىزمەتكارى جاۋاب بېرىپ:

_ شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشا مۇشۇ يەردە. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئىلياس پەيغەمبەرنىڭ خىزمەتكارى ئىدى، _ دېدى.

12پادىشاھ يىھوشافات:

_ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئۇ بىزگە يەتكۈزەلەيدۇ، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە، يەھۇدىيە ۋە ئىدوم پادىشاھلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كۆرۈشكىلى باردى.

13ئېلىشا ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامغا:

مەندە نېمە ئىشىڭىز بار؟ بېرىپ، ئاتىڭىزنىڭ پەيغەمبەرلىرى بىلەن ئانىڭىزنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن سوراڭ! _ دېدى.

لېكىن ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورام ئۇنىڭغا:

_ ياق، پەرۋەردىگار بىز ئۈچ پادىشاھنى موئابنىڭ قولىغا چۈشۈرمەك ئۈچۈن يىغقاندۇر، _ دېدى.

14_ مەن خىزمىتىنى قىلىدىغان، ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافاتنىڭ يۈزىنى قىلمىغان بولسام، سىزگە قاراپمۇ قويمىغان بولاتتىم. 15بوپتۇ، ئەمدى سىلەر مېنىڭ يېنىمغا بىر سازەندە باشلاپ كېلىڭلار، _ دېدى ئېلىشا.

سازەندە ساز چېلىۋاتقىنىدا، پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئېلىشاغا چۈشتى.

16ئۇ ئۇلارغا:

_ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ جىلغىنىڭ ھەممە يېرىگە خەندەك ياساڭلار، 17چۈنكى سىلەر نە شامال، نە يامغۇرنى كۆرەلمىسەڭلارمۇ، لېكىن بۇ جىلغا ئۆزۈڭلار، مال-چارۋىلىرىڭلار ۋە ھايۋانلارغا يەتكۈدەك سۇغا تولىدۇ». 18پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە بۇ دېگەن كىچىككىنە بىر ئىش، ئۇ موئابلارنىمۇ سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ. 19سىلەر بارلىق مۇستەھكەم ۋە ئاۋات شەھەر-قەلئەلەرنى ئالىسىلەر، ياخشى دەرەخلەرنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ، بۇلاقلارنىڭ ھەممىسىنى تىندۇرۇۋېتىسىلەر؛ بارلىق مۇنبەت ئېتىزلارنى تاشلار بىلەن خاراب قىلىۋېتىسىلەر، _ دېدى.

20ئەتىسى سەھەردە قۇربانلىق تەقدىم قىلىش ۋاقتىدا سۇ ئىدوم تەرەپتىن كېلىپ، پۈتۈن زېمىننى تولدۇردى.

21موئاب خەلقى پادىشاھلارنىڭ ئۆزلىرىگە قارشى جەڭ قىلغىلى كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ياراغ كۆتۈرەلەيدىغانلىكى چوڭ-كىچىك ئادەملەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، چېگرادا تۇرۇشتى. 22موئابلار ئەتىسى سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا، سۇ كۈن نۇرىدا چاقناپ تۇراتتى. ئۇلارغا ئالدىدىكى سۇ يىراقتىن خۇددى قىپقىزىل قاندەك بولۇپ كۆرۈندى.

23_ بۇ قانغۇ، ئۈچ پادىشاھ ئۆزئارا سوقۇشۇپ، بىر-بىرىنى قىرىشقان ئوخشايدۇ. ئى موئابلار! ئەمدى بىز ئولجا ئالغىلى چىقايلى! _ دېيىشتى ئۇلار.

24لېكىن موئابلار ئىسرائىللارنىڭ بارگاھى ئالدىغا كەلگەندە، ئىسرائىللار ئۇلارغا شۇنداق قاتتىق زەربە بەردىكى، ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن قاچتى. ئىسرائىللار موئابلارنى قوغلاپ، سۈر-توقاي قىلىشتى. 25ئۇلار شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىپ، مۇنبەت ئېتىزلارنى تاش بىلەن توشقۇزۇۋەتتى. ئۇلار بۇلاقلارنىڭ ھەممىسىنى تىندۇرۇپ، بارلىق ياخشى دەرەخلەرنى كېسىپ تاشلاپ، قىرخەرەس شەھىرىنىڭ تاش سېپىلىدىن باشقا ھېچنېمە ساق قالمىدى. سالغا ئاتقۇچىلار سېپىلنى قورشاپ تۇرۇپ، ھۇجۇم قىلىشتى. 26موئاب پادىشاھى جەڭنىڭ ئۆزىگە تولىمۇ زىيانلىق بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، 700 قىلىچلىق ئەسكىرىنى باشلاپ، ئىدوم پادىشاھىغا ھۇجۇم قىلىپ، بۆسۈپ ئۆتمەكچى بولدى، لېكىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. 27شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولىدىغان چوڭ ئوغلىنى سېپىلنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. بۇنى كۆرگەن ئىسرائىللارنىڭ غەزىپى قايناپ-تېشىپ، ئۇنى تاشلاپ، ئۆز زېمىنىغا چېكىنىپ كېتىشتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى