« سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم »

2

داۋۇتنىڭ يەھۇدا قەبىلىسىگە پادىشاھ بولۇشى

1شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت پەرۋەردىگاردىن:

_ يەھۇدا شەھەرلىرىنىڭ بىرەرسىگە بارايمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ بار، _ دېدى پەرۋەردىگار.

_ قايسى شەھەرگە باراي؟ _ دەپ سورىدى داۋۇت.

_ ھىبرونغا بار! _ دېدى پەرۋەردىگار.

2شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئىككى ئايالىنى _ يىزرىئەللىك ئاخىنوئام بىلەن كارمەللىك نابالدىن تۇل قېلىپ داۋۇتقا تەگكەن ئابىگالنى ئېلىپ، ھىبرونغا كەتتى. 3داۋۇت يەنە ئۆز ئادەملىرىنى ھەم ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى بىللە ئېلىپ ماڭدى. ئۇلار ھىبرون شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارغا ئولتۇراقلاشتى. 4شۇنىڭدىن كېيىن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر ھىبرونغا كېلىپ، داۋۇتنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى يەھۇدا قەبىلىسىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. داۋۇت سائۇلنى گىلئادتىكى يابېشلىقلارنىڭ دەپنە قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، 5ئۇلارغا ئەلچىلەر ئارقىلىق مۇنۇ سۆزلەرنى يەتكۈزدى: «سىلەر جانابىي پادىشاھىڭلار سائۇلغا شاپائەت كۆرسىتىپ، ئۇنى دەپنە قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلغاي. 6سىلەرنىڭ قىلغان بۇ خەيرلىك ئىشلىرىڭلارغا يارىشا، پەرۋەردىگار سىلەرگە ھازىرلا مېھرىبانلىق ۋە ۋاپادارلىقىنى يەتكۈزگەي. مەنمۇ قىلغان ياخشىلىقىڭلارنى سىلەرگە ياخشىلىق قىلىش بىلەن ياندۇراي. 7پادىشاھىڭلار سائۇل ۋاپات بولدى. يەھۇدا قەبىلىسى مېنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلىپ تەيىنلىدى. ئەمدى دادىل ۋە قەيسەر بولۇڭلار.»

ئىشبوشەتنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ باشقا قەبىلىلىرىگە پادىشاھ بولۇشى

8نېر دېگەن ئادەمنىڭ ئوغلى ئابنېر سائۇلنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى بولۇپ، ئۇ سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنى ماخانايىم شەھىرىگە ئېلىپ كەلدى. 9ئۇ يەردە ئابنېر ئىشبوشەتنى گىلئاد، ئاشۇر، يىزرىئەل، ئەفرايىم ۋە بىنيامىن دېگەن زېمىنلارغا، يەنى پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. 10سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەت ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ تىكلەنگەندە، قىرىق ياشتا ئىدى؛ ئۇ ئىسرائىلىيەگە ئىككى يىل پادىشاھلىق قىلدى. ۋاھالەنكى، يەھۇدا قەبىلىسى داۋۇتقا ئەگەشتى. 11داۋۇت ھىبروندا يەھۇدا قەبىلىسىگە جەمئىي يەتتە يېرىم يىل پادىشاھ بولدى.

يەھۇدىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ

12بىر كۈنى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ ئادەملىرىنى باشلاپ، ماخانايىمدىن چىقىپ گىبئون شەھىرىگە قاراپ ماڭدى. 13مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب بولسا داۋۇتنىڭ ئادەملىرىنى باشلاپ، گىبئون كۆلىنىڭ بويىدا ئۇلار بىلەن ئۇچراشتى. ئىشبوشەتنىڭ ئادەملىرى كېلىپ كۆلنىڭ بۇ تەرىپىدە، داۋۇتنىڭ ئادەملىرى بولسا كۆلنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئولتۇرۇشتى. 14ئابنېر يوئابقا قاراپ:

_ يىگىتلەردىن بىرنەچچىسى چىقىپ ئالدىمىزدا ئېلىشىپ باقسۇن، _ دەپ توۋلىدى.

_ مەيلى، ئېلىشسۇن، _ دېدى يوئاب. 15شۇنداق قىلىپ ئىشبوشەت بىلەن بىنيامىن قەبىلىسى ئون ئىككى ئادەم چىقىرىپ، داۋۇتنىڭ ئون ئىككى ئادىمى بىلەن ئېلىشتى. 16ئۇلار رەقىبلىرىنىڭ بېشىنى مەھكەم تۇتۇپ، بېقىنلىرىغا خەنجەر ئۇرۇشتى. شۇ تەرىقىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈشتى. شۇنىڭ ئۈچۈن گىبئوندىكى بۇ يەر «خەنجەر مەيدانى» دەپ ئاتالدى. 17شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپ قاتتىق ئېلىشىشقا باشلىدى. نەتىجىدە ئابنېر بىلەن ئىسرائىللار داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئالدىدا مەغلۇپ بولدى. 18مەزلۇم زىرۇيانىڭ يوئاب، ئابىشاي، ئاسائېل دېگەن ئۈچ ئوغلى شۇ يەردە ئىدى. ئاسائېلنىڭ پۇتى خۇددى دالادىكى جەرەندەك چاققانىدى. 19ئاسائېل ئابنېرنىڭ ئارقىسىدىن قالماي، ئىز بېسىپ قوغلاپ ماڭدى.

20ئابنېر ئارقىسىغا قاراپ ئۇنىڭدىن:

_ سەن ئاسائېلمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ ھەئە، _ دېدى ئۇ.

21_ مېنى قوغلاشتىن توختا، باشقا بىرەر لەشكەرنى قوغلاپ، ئۇنىڭ قورال-ياراغلىرىنى تارتىۋال _ دېدى ئابنېر. لېكىن ئاسائېل ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قالماي، داۋاملىق قوغلاپ كەلدى.

22_ مېنى قوغلىما! _ دېدى ئابنېر ئاسائېلغا يەنە بىر قېتىم، _ مېنى جېنىڭنى ئېلىشقا زورلىما. ئۇنداق قىلسام ئاكاڭ يوئابنىڭ يۈزىگە قانداقمۇ قارىيالايمەن؟ 23لېكىن ئاسائېل ئۇنى قوغلاشتىن توختىمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئابنېر نەيزىسىنىڭ ئارقا ئۇچى بىلەن ئۇنىڭ قورسىقىغا بىر ئۇرۇۋىدى، نەيزە ئاسائېلنىڭ دۈمبىسىدىن چىقتى. ئاسائېل يىقىلىپ شۇ يەردىلا جان بەردى. ئاسائېلنىڭ جەسىتى ياتقان يەرگە كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە توختاپ قالدى. 24ئەمدى يوئاب بىلەن ئابىشاي ئابنېرنى قوغلاشقا باشلىدى. ئۇلار كۈن ئولتۇرغاندا ئامماھ ئېگىزلىكىگە يېتىپ كەلدى. بۇ ئېگىزلىك گىبئون چۆلىگە چىقىدىغان يول بويىدىكى گىياخ دېگەن يەرنىڭ يېنىغا جايلاشقانىدى. 25بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر ئابنېرنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ، بىر توپ بولۇپ ئېگىزلىكنىڭ ئۈستىدە ھازىر بولۇشتى. 26ئابنېر يوئابقا قاراپ:

_ قاچانغىچە بىر-بىرىمىزنى قىرىمىز؟ بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامان بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ سەن ئۆز ئادەملىرىڭگە: «ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارنى قوغلىماڭلار» دەپ قاچان بۇيرۇق قىلىسەن؟ _ دەپ توۋلىدى.

27_ مەڭگۈ ھايات خۇدا ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر سەن بايىقى سۆزلەرنى قىلمىغان بولساڭ، ئادەملىرىم ئۆز قېرىنداشلىرىنى ئەتە سەھەرگىچە داۋاملىق قوغلىغان بولاتتى، _ دېدى يوئاب 28ۋە بۇرغا* چالدۇرۇۋىدى، ئادەملىرى ئىسرائىللارنى قوغلاشتىن توختىدى، ئۇلار بىلەن جەڭمۇ قىلمىدى. 29ئابنېر ئادەملىرى بىلەن كېچىلەپ ئىئوردان ۋادىسىنى بويلاپ مېڭىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن كېچىپ ئۆتۈپ، ئەتىسى ئەتىگەندە ماخانايىمغا يېتىپ كەلدى. 30يوئاب ئابنېرنى قوغلاشتىن ۋاز كېچىپ، ئادەملىرىنى توپلىغاندا، داۋۇتنىڭ ئادەملىرىدىن ئاسائېلدىن باشقا يەنە 19 ئادەم كەم چىقتى. 31لېكىن داۋۇتنىڭ ئادەملىرى بىنيامىن قەبىلىسىدىن، يەنى ئابنېرنىڭ ئادەملىرىدىن 360 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنىدى. 32يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئاسائېلنى ئېلىپ كېلىپ، بەيتلەھەمدە ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلدى. ئاندىن ئۇلار بىر كېچە يول مېڭىپ، تاڭ ئاتقاندا ھىبرونغا يېتىپ كەلدى.



*28بۇرغا _ قوچقار قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ مۈڭگۈزىدىن ياسالغان، پۈۋلەپ چېلىنىدىغان قەدىمىي چالغۇ ئەسۋاب.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى