« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

26

1پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى 16 ياشلىق ئۇززىيانى ئاتىسى ئامازيانىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلدى. 2ئامازيا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇززىيا ئېلات شەھىرىنى يەھۇدىيەگە قايتۇرۇپ كېلىپ، قايتىدىن قۇردى.

ئۇززىيانىڭ روناق تېپىشى

3ئۇززىيا تەختكە چىققان چاغدا 16 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 52 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېملىق بولۇپ، ئىسمى يىكوليا ئىدى. 4ئۇززىيا ئاتىسى ئامازياغا ئوخشاشلا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. 5زىكىرىيا ئۇززىيانى خۇداغا ئىخلاسمەن بولۇشقا يېتەكلىدى. زىكىرىيانىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۇززىيا پەرۋەردىگارغا ئىنتىلگەن ۋە خۇدا ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرگەنىدى.

6ئۇززىيا فىلىستىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، گات، يابنېھ، ئاشدود شەھەرلىرىنىڭ سېپىللىرىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئۇ ئاشدود زېمىنىدا ۋە فىلىستىيەنىڭ باشقا رايونلىرىدا يېڭىدىن شەھەرلەرنى قۇردى. 7ئۇ خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن فىلىستىيەلىكلەرنى، مىئۇنلارنى ۋە گۇربائالدا ياشايدىغان ئەرەبلەرنى مەغلۇپ قىلدى. 8ئاممونلار ئۇززىياغا ئولپان تاپشۇرىدىغان بولدى. ئۇززىيا ناھايىتى كۈچىيىپ كەتكەنلىكتىن ئۇنىڭ شۆھرىتى تاكى مىسىرغىچە يېتىپ باردى. 9ئۇززىيا يېرۇسالېمنىڭ «بۇلۇڭ دەرۋازىسى»، «جىلغا دەرۋازىسى» ۋە سېپىلنىڭ ئايلانمىسىغا مۇستەھكەم مۇنارلارنى سالدى. 10ئۇ يەنە دالالارغا كۆزىتىش مۇنارلىرىنى ياساتتى. سۇ ساقلاش ئۈچۈن يەر ئاستىغا كۆپ كۆلچەكلەرنى قازدۇردى، چۈنكى غەربىي ئېدىرلىقتا ۋە تۈزلەڭلىكتە ئۇنىڭ نۇرغۇن چارۋا ماللىرى بار ئىدى. ئۇ دېھقان ۋە ئۈزۈمچىلەرنى ياللاپ، تاغلىق رايونلاردا ۋە مۇنبەت يەرلەردە تېرىقچىلىق ئىشلىرىغا سالدى. ئۇ دېھقانچىلىق ۋە ئۈزۈمچىلىكنى ياخشى كۆرەتتى.

11ئۇززىيانىڭ رويخەتكە ئېلىنغان لەشكەرلىرىگە ئاساسەن قىسىملارغا بۆلۈنگەن، جەڭگە ياراملىق قوشۇنلىرى بار ئىدى. پۈتۈكچى يىئىئېل ۋە ئەمەلدار مائاسېيا لەشكەرلەرنى تىزىملاشقا مەسئۇل ئىدى. بۇ ئىككىسىنىڭ ئۈستىدىن پادىشاھنىڭ سەركەردىلىرىنىڭ بىرى بولغان خانانيا نازارەتچىلىك قىلاتتى. 12لەشكەرلەرگە 2600 نەپەر سەركەردىلەر باشچىلىق قىلاتتى. بۇ سەركەردىلەر ئۆز جەمەتلىرىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. 13ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى لەشكەرلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 500‏,307 نەپەر بولۇپ، بۇلار ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. ئۇلار ھەر ۋاقىت پادىشاھنىڭ دۈشمىنىگە قارشى ئۇرۇشقا چىقىشقا تەييار ئىدى. 14ئۇززىيا پۈتۈن لەشكەرلىرىنى قالقان، نەيزە، دۇبۇلغا، ساۋۇت، ئوقيا ۋە سالغا تاشلىرى بىلەن قوراللاندۇرغانىدى. 15يا ئوقلىرىنى ۋە يوغان تاشلارنى ئېتىش ئۈچۈن، يېرۇسالېمدىكى ئۇستىلارغا يېڭى قوراللارنى لايىھەلەتتى ۋە ئۇلارنى ياساتقۇزۇپ، شەھەر سېپىلىنىڭ مۇنارلىرىغا ۋە بۇلۇڭلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغۇزدى. خۇدا ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ ناھايىتى كۈچلىنىپ، نام-شەرىپى يىراق يەرلەرگە تارقالدى.

ئۇززىيانىڭ ھالاك بولۇشى

16ئۇززىيا قۇدرەت تاپقاندىن كېيىن، ھاكاۋۇرلىشىپ، ھالاكەت يولىغا قاراپ ماڭدى. بىر كۈنى ئۇ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىبادەتخانىغا كىردى ۋە ئىسرىقداندا ئىسرىق كۆيدۈرمەكچى بولدى. 17باش روھانىي ئازاريا 80 نەپەر يۈرەكلىك روھانىيلارنى ئەگەشتۈرۈپ، پادىشاھنىڭ كەينىدىن ئىبادەتخانىغا كىرىپ، 18ئۇززىيانى توسماقچى بولدى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ ئەي ئۇززىيا، پەرۋەردىگارغا ئىسرىق سېلىش سەن قىلىدىغان ئىش ئەمەس. بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى قىلىدىغان ئىشتۇر. سەن بۇ مۇقەددەس جايدىن چىقىپ كەتكىن. سەن ئاللىقاچان خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلدىڭ. ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدا سېنى ئەزىز قىلمايدۇ.

19قولىدا ئىسرىقدان كۆتۈرۈۋالغان ئۇززىيا روھانىيلارغا قاتتىق ئاچچىقلاندى. ئۇززىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا، روھانىيلارنىڭ ئالدىدا، ئىبادەتخانىدىكى ئىسرىقداننىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئاچچىقلىنىۋاتقان دەل شۇ پەيتتە ئۇنىڭ پېشانىسىنى تۇيۇقسىز تېرە كېسىلى قاپلاپ كەتتى. 20باش روھانىي ئازاريا ۋە بارلىق روھانىيلار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئۇززىيانى ئىبادەتخانىدىن دەرھال چىقىپ كېتىشكە ئۈندەپ، قولىدىن تارتتى. ئۇ تېزلىك بىلەن چىقىپ كەتتى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا زەربە بەرگەنىدى.

21ئۇززىيا تاكى ئۆلگۈچە تېرە كېسىلىدىن ساقىيالمىدى. شۇڭا ئۇ ئايرىم ئۆيدە تۇردى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرىشى چەكلەنىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئوغلى يوتەم ئوردا ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ، خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇردى. 22ئۇززىيا پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر خاتىرىلەپ قالدۇرغاندۇر. 23ئۇززىيا ۋاپات بولدى. ئۇ تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاتا-بوۋىلىرى دەپنە قىلىنغان پادىشاھ قەبرىستانلىقىنىڭ بىر چېتىگە دەپنە قىلىندى. ئوغلى يوتەم ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى