« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

28

ئاخازنىڭ بۇتپەرەسلىكى

1ئاخاز تەختكە چىققان چاغدا 20 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 16 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئەجدادى داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخاز پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلمىدى. 2ئەكسىچە ئۇ ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ يولىغا كىرىپ كەتتى. ئۇ بائالغا چوقۇنۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇتلىرىنى ياسىدى. 3ئۇ ھىننوم جىلغىسىدا بۇتلارغا ئاتاپ، قۇربانلىقلارنى كۆيدۈردى ھەمدە پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنىڭ زېمىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن يات ئەللەرنى دوراپ، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى. ھەتتا ئۆز ئوغۇللىرىنىمۇ قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈردى. 4ئۇ غەيرىي سەجدىگاھلاردا، ئېگىزلىكلەردە ۋە ھەربىر باراقسان ئۆسكەن دەرەخ تۈۋىلىرىدە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سالدى.

5شۇڭا پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنى ئاررام پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئارراملار ئۇنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن لەشكىرىنى ئەسىر ئېلىپ، دەمەشققە ئېلىپ كەتتى.

پەرۋەردىگار ئاخازنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ قولىغىمۇ چۈشۈرۈپ بەردى، ئۇلار قاتتىق مەغلۇپ قىلىندى. 6ئىسرائىلىيە پادىشاھى _ رىماليانىڭ ئوغلى پەقاخ بىر كۈننىڭ ئىچىدە يەھۇدىيەنىڭ خىللانغان 120 مىڭ لەشكىرىنى قىرىپ تاشلىدى. چۈنكى يەھۇدىيەلىكلەر ئەجدادلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈگەنىدى. 7ئەفرايىم قەبىلىسىدىن بولغان باتۇر زىكرى ئاخاز پادىشاھنىڭ ئوغلى مائاسېيانى، ساراي غوجىدارى ئازرىقامنى ۋە پادىشاھنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرى ئەلقانانى ئۆلتۈرۈۋەتتى. 8ئىسرائىلىيەنىڭ لەشكەرلىرى يەھۇدىيەلىك قېرىنداشلىرىدىن ئاياللار، بالىلار بولۇپ 200 مىڭ ئادەمنى ئەسىر ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە زور مىقداردىكى ئولجىلارنى سامارىيە شەھىرىگە ئېلىپ كەتتى.

9سامارىيەدە ئودېد ئىسىملىك پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەيغەمبىرى بار ئىدى. ئۇ شەھەردىن چىقىپ، قايتىپ كەلگەن ئىسرائىلىيەلىك لەشكەرلەرنى قارشى ئالدى ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ قاراڭلار، ئەجدادىڭلارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا يەھۇدىيەلىكلەرگە غەزەپ قىلغانلىقتىن، ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بەرگەنىدى. ئەمما سىلەر پەلەككە يەتكۈدەك چەكسىز غەزىپىڭلار بىلەن ئۇلارنى قىرغىن قىلدىڭلار. 10سىلەر ئەمدى يەھۇدىيەنىڭ، جۈملىدىن يېرۇسالېمنىڭ ئەر-ئاياللىرىنى قۇل قىلماقچى بولۇۋاتىسىلەر. سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلماقچىمۇ؟ 11سىلەر يەنىلا مېنىڭ نەسىھەتىمنى ئاڭلاپ، ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەلگەن قېرىندىشىڭلارنى قويۇۋېتىڭلار. ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى بېشىڭلارغا كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.

12ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ ئاقساقاللىرى بولغان يىھوخاناننىڭ ئوغلى ئازاريا، مىشىللېموتنىڭ ئوغلى بەرەكيا، شاللۇمنىڭ ئوغلى خىزكىيا ۋە خادلاينىڭ ئوغلى ئاماسالار ئۇرۇشتىن قايتىپ كەلگەن لەشكەرلەرنىڭ ئالدىنى توستى 13ۋە مۇنداق دېدى:

_ سىلەر بۇ ئەسىرلەرنى سامارىيەگە ئېلىپ كىرسەڭلار بولمايدۇ. ھېلىمۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئېغىردۇر. پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى بىز ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ بېشىغا كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. بىز پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، گۇناھىمىزنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋالمايلى.

14شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر ئەسىرلەر ۋە ئولجىلارنى ئاقساقاللار ۋە پۈتۈن جامائەتكە تاپشۇرۇپ بېرىشتى. 15بەلگىلەنگەن مەسئۇل كىشىلەر ئەسىرلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئولجىلارنىڭ ئىچىدىن كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغلارنى ئېلىپ، كىيىمسىز ئەسىرلەرگە كىيگۈزۈپ قويدى، يېمەك-ئىچمەك بەردى، يارىلىرىغا ماي سۈرتتى، ئاجىزلىرىنى ئېشەككە مىندۈردى. ئەسىرلەرنى خورمىزارلىق شەھەر ئېرىخاغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئاندىن سامارىيەگە قايتىپ كەتتى.

16شۇ چاغدا پادىشاھ ئاخاز ئاسسۇر پادىشاھىدىن ياردەم سوراپ، ئادەم ئەۋەتتى. 17چۈنكى ئىدوملۇقلار يەنە يەھۇدىيەگە ھۇجۇم قىلىپ، ئادەملىرىنى تۇتۇپ كەتكەنىدى. 18فىلىستىيەلىكلەرمۇ غەربىي ئېدىرلىقلارغا ۋە يەھۇدىيەنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلغانىدى. ئۇلار بەيت-شەمەش، ئاييالون، گىدېروت شەھەرلىرىنى، شۇنداقلا سوكوھ، تىمناھ، گىمزو شەھەرلىرىنى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلىرى بىلەن قوشۇپ بېسىۋېلىپ، ئۇ يەرلەردە تۇرۇۋاتاتتى. 19پەرۋەردىگار يەھۇدىيەنى شۇنچىلىك ئىزا-ئاھانەتكە قويغانىدى، چۈنكى پادىشاھ ئاخاز پەرۋەردىگارغا قاتتىق ساداقەتسىزلىك قىلىپ، يەھۇدىيەلىكلەرنى گۇناھ يولىغا مېڭىشىغا يېتەكلىۋاتاتتى. 20ئاسسۇر پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەر يەھۇدىيەگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئاخازغا ياردەم بەرمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۇنىڭغا تېخىمۇ زۇلۇم سالدى. 21ئاخاز پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن، ئوردا ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن بايلىقلارنى ئېلىپ چىقىپ، ئاسسۇر پادىشاھىغا بەردى، لېكىن بۇ ئەسقاتمىدى.

22ئاخاز قىيىنچىلىق مەزگىلىدىمۇ يەنىلا پەرۋەردىگارغا تېخىمۇ كۆپلەپ ئاسىيلىق قىلدى. 23ئۇ ئۆزىنى مەغلۇپ قىلغان دەمەشقلىقلارنىڭ ئىلاھلىرىغا سەجدە قىلدى، چۈنكى ئۇ «ئاررام پادىشاھىنىڭ ئىلاھلىرى ئارراملىقلارغا ياردەم قىلغانىكەن، مەن ئۇلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلسام، ئۇلار ماڭا ياردەم قىلىدۇ» دەپ ئويلىغانىدى. ۋاھالەنكى ئۇ ئىلاھلار ئاخازنى ۋە پۈتۈن ئىسرائىلىيەنى ھالاكەتكە دۇچار قىلدى. 24ئاخاز خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ بۇزۇۋەتتى. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى تاقىۋەتتى. يېرۇسالېمنىڭ ھەربىر بۇرجىكىگە غەيرىي ئىلاھلار ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياساتتى. 25يەھۇدىيەنىڭ ھەممە شەھەرلىرىدە غەيرىي سەجدىگاھلارنى ياسىتىپ، ساختا ئىلاھلارغا قۇربانلىق قىلىپ، ئەجدادلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى.

26ئاخاز پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە ئەمەللىرى «يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر. 27ئاخاز ۋاپات بولۇپ، يېرۇسالېم شەھىرىدە دەپنە قىلىندى، لېكىن پادىشاھ قەبرىستانلىقىغا قويۇلمىدى. ئوغلى خىزكىيا ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى