« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

35

ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى

1يوشىيا يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. جامائەت ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ماللىرىنى 1-ئاينىڭ* 14-كۈنى بوغۇزلىدى. 2يوشىيا روھانىيلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى خىزمىتىنى ياخشى قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. 3ئۇ، ئۆزلىرىنى پەرۋەردىگار ئۈچۈن پاكلىغان ۋە پۈتۈن ئىسرائىللارغا تەلىم بېرىشكە مەسئۇل بولغان لاۋىيلارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايمان قۇرغان ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس ئەھدە ساندۇقىغا چېقىلماڭلار، ئۇ ئورنىدا قالسۇن. بۇندىن كېيىن ئەھدە ساندۇقىنى مۈرەڭلاردا كۆتۈرۈپ يۈرۈشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق. سىلەر ھازىردىن باشلاپ سىلەر ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارنىڭ خىزمىتىنى قىلىڭلار. 4سىلەر ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى داۋۇت ۋە ئوغلى سۇلايمان يازغان بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن جەمەتلەر ۋە خىزمەتلەر بويىچە ئۆزۈڭلارنى ھازىرلاڭلار.

5سىلەر جەمەت بويىچە مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇرۇڭلار. لاۋىيلارنىڭ ھەربىر جەمەتى قېرىندىشىڭلار بولغان ئىسرائىللارنىڭ باشقا بىرقانچە جەمەتلىرىگە خىزمەت قىلسۇن. 6سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ماللىرىنى بوغۇزلاڭلار ۋە قېرىندىشىڭلار ئۈچۈن قۇربانلىق تەييار قىلىڭلار. بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق يەتكۈزگەن ئەمرى بويىچە ئېلىپ بېرىڭلار.

7پادىشاھ يوشىيا ئۆزىنىڭ مۈلكىدىن 30,000 پاقلان ۋە ئوغلاق چىقىرىپ، ئىسرائىللارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۈچۈن قۇربانلىققا ئاتىدى. ئۇنىڭغا قوشۇپ 3000 تۇياق كالا بەردى. 8ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جامائەتكە، روھانىيلارغا، لاۋىيلارغا ئىئانە بەردى. ئىبادەتخانىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل خىلقىيا، زىكىرىيا، يىخىئېل قاتارلىق روھانىيلار باشقا روھانىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن 2600 تۇياق پاقلان ۋە ئوغلاق، ئۇنىڭغا قوشۇپ ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن 300 تۇياق كالا ھەدىيە قىلدى. 9لاۋىيلارنىڭ باشلىقى بولغان كونانيا ۋە ئۇنىڭ ئىنىلىرى شىمايا، نىتانئېل ھەمدە لاۋىيلارنىڭ باشقا باشلىقلىرى بولغان خاشابيا، يىئىئېل، يوزاباد قاتارلىقلار باشقا لاۋىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن 5000 تۇياق پاقلان ۋە ئوغلاق، ئۇنىڭغا قوشۇپ 500 تۇياق كالا ئىئانە قىلدى.

10شۇنداق قىلىپ ھەممە ئىشلار تەييار بولدى. پادىشاھنىڭ پەرمانى بويىچە روھانىيلار ئۆزلىرىنىڭ ئورۇنلىرىدا تۇرۇشتى، لاۋىيلارمۇ ئۆز توپلىرى بويىچە تۇرۇشتى. 11لاۋىيلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۈچۈن پاقلان ۋە ئوغلاق بوغۇزلىغاندا، روھانىيلار ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن قانلارنى ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى. ئاندىن لاۋىيلار قۇربانلىق ماللارنىڭ تېرىلىرىنى سويدى. 12ئۇلار مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن يازمىلاردا يېزىلغىنى بويىچە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ئايرىم قويدى ۋە ئۇلارنى جامائەتكە جەمەتلەر بويىچە بۆلۈپ بەردى. جامائەت ئۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتىدى. كالىلارنىمۇ مۇشۇنداق قىلدى. 13ئۇلار بەلگىلىمە بويىچە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ پاقلان ۋە ئوغلاقلىرىنى ئوتقا قاقلاپ پىشۇردى. پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كالىلارنىڭ گۆشىنى قازان، كورىلاردا پىشۇردى. ئاندىن ھەممىسىنى دەرھال پۈتۈن جامائەتكە تارقىتىپ بەردى. 14ئاندىن لاۋىيلار ئۆزلىرى ۋە روھانىيلار ئۈچۈن قۇربانلىق ماللىرىنى تەييارلىدى. چۈنكى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان روھانىيلارنىڭ قولى كەچكىچە بوش ئەمەس ئىدى. ئۇلار كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ۋە ماللارنىڭ مېيىنى كۆيدۈرۈش بىلەن ئاۋارە ئىدى. 15ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان نەغمىچىلەر داۋۇت پادىشاھنىڭ، ئاسافنىڭ، ھېماننىڭ ۋە پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولغان غايىبنى بىلگۈچى يىدۇتۇننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۆزىنىڭ ئىش ئورۇنلىرىدا بولۇشتى. ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى ئۆزلىرى مەسئۇل دەرۋازىلاردا تۇردى. ھېچكىمنىڭ ئىش ئورۇنلىرىدىن ئايرىلىش زۆرۈرىيىتى بولمىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان لاۋىيلار ئۇلار ئۈچۈن قۇربانلىقلارنى تەييارلىغانىدى. 16شۇنداق قىلىپ شۇ كۈنى پادىشاھ يوشىيانىڭ پەرمانىغا ئاساسەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلانغان ھەممە ئىشلار بېجىرىلدى. ئۇلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى ھەم پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى.

17شۇ ۋاقىتتا نەق مەيداندىكى ئىسرائىللار ھەم ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ھەم يەتتە كۈن داۋاملاشقان پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. 18سامۇئىل پەيغەمبەر زامانىسىدىن بۇيان ئىسرائىلىيەدە ھېچقاچان بۇنداق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغانىدى. ئىسرائىلىيەدە ھېچقانداق پادىشاھ يوشىياغا ئوخشاش روھانىيلار، لاۋىيلار، بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر، ئىسرائىلىيەلىكلەر ھەم يېرۇسالېمدىكى ئاھالىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈپ باقمىغانىدى. 19يوشىيا پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى بۇ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈلدى.

يوشىيانىڭ جەڭدە ئۆلتۈرۈلۈشى

20يوشىيا ئىبادەتخانا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تەرتىپكە سېلىپ بولغان شۇ ۋاقىتتا، مىسىر پادىشاھى نىكو جەڭ قىلغىلى فىرات دەرياسىنىڭ يېنىدىكى كاركىمىش شەھىرىگە يولغا چىقتى. يوشىيا لەشكەر چىقىرىپ ئالدىنى توسماقچى بولدى. 21نىكو ئەلچى ئەۋەتىپ يوشىياغا مۇنداق دېدى:

_ ئەي يەھۇدىيە پادىشاھى، مېنىڭ سەن بىلەن ھېچبىر ئۆچ-ئاداۋىتىم يوق. مەن بۈگۈن بۇ يەرگە مەن بىلەن ئۇرۇش قىلغان باشقا بىر پادىشاھ ئۈچۈن كەلدىم. خۇدا ماڭا بۇ ئۇرۇشنى تېز ئاخىرلاشتۇرۇشقا پەرمان قىلدى. سەن خۇدا بىلەن قارشىلاشما، ئۇنىڭ سېنى ۋەيران قىلىشىدىن ساقلان، چۈنكى خۇدا مەن بىلەن بىرگىدۇر.

22لېكىن يوشىيا خۇدانىڭ نىكو ئارقىلىق دېگەن سۆزلىرىگە پەرۋا قىلمىدى. ئۇ لەشكەرلىرىنى چېكىندۈرمەستىن، ئەكسىچە، قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، نىكو بىلەن مىگىددو تۈزلەڭلىكىدە جەڭ قىلىشقا باردى. 23ئوقياچىلار پادىشاھ يوشىيانى ئوققا تۇتۇشتى. ئۇ خىزمەتكارلىرىغا:

_ مەن ئېغىر يارىلاندىم، مېنى ئېلىپ كېتىڭلار، _ دېدى.

24خىزمەتكارلىرى ئۇنى جەڭ ھارۋىسىدىن يەنە بىر ھارۋىسىغا يۆلەپ چىقىرىپ، يېرۇسالېمغا ئېلىپ كەلدى. يوشىيا ئۆلۈپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەنىڭ خەلقلىرى ئۇنىڭغا ماتەم تۇتتى. 25يەرەمىيا پەيغەمبەر پادىشاھ يوشىياغا ئاتاپ مەرسىيە ئوقۇدى. شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە بارلىق ئەر-ئايال ناخشىچىلارنىڭ يوشىيا پادىشاھنى خاتىرىلەپ مەرسىيەلەرنى ئوقۇشى داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇ ئىسرائىللارنىڭ ئادىتىگە ئايلانغانىدى. بۇ مەرسىيەلەر «مەرسىيەلەر توپلىمى»دا خاتىرىلەنگەندۇر.

26يوشىيا پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىنى قانداق ساداقەت بىلەن ئىجرا قىلغانلىقى 27«ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر.



*11-ئاي _ مىلادىيە كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى