« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

6

سۇلايمان پادىشاھنىڭ خەلققە سۆز قىلىشى

1بۇ چاغدا سۇلايمان پادىشاھ:

_ ئى پەرۋەردىگار، سەن قويۇق قارا بۇلۇتلار ئىچىدە تۇرىمەن دېگەنىدىڭ. 2بۈگۈن مەن ساڭا ئاتاپ، مەڭگۈلۈك تۇرۇشۇڭ ئۈچۈن ھەيۋەتلىك بىر ئىبادەتخانا سالدىم، _ دەپ دۇئا قىلدى.

3ئاندىن سۇلايمان پادىشاھ بۇرۇلۇپ، ئۆرە تۇرغان پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە قاراپ، ئۇلارغا بەخت تىلىدى ۋە مۇنداق دېدى:

4_ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىسىنى بۈگۈن ئۆز قۇدرىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇردى. 5ئۇ ئاتامغا: «مەن ئۆز خەلقىمنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندىن بۇيان، نام-شەرىپىم ئۈچۈن ئىبادەتخانا سېلىشقا ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ شەھەرلىرىدىن ھېچقايسىسىنى تاللىمىغانىدىم. خەلقىم ئىسرائىللار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئادەمنىمۇ تاللىمىدىم. 6ئەمدى مەن ‹مېنىڭ ئۆيۈم مۇشۇ يەردە بولسۇن› دەپ يېرۇسالېمنى تاللىدىم، خەلقىم ئىسرائىللار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا سېنى تاللىدىم» دېگەنىدى. 7ئاتام داۋۇتنىڭ، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سالدۇرۇش نىيىتى بار ئىدى. 8ئەمما پەرۋەردىگار ئاتام داۋۇتقا: «مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئىبادەتخانا سېلىش نىيىتىدە بولغىنىڭ ياخشى ئىش، 9لېكىن ئىبادەتخانىنى سەن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان ئوغلۇڭ سالىدۇ» دېگەنىدى. 10ھازىر پەرۋەردىگار ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. مەن پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، ئاتام داۋۇتنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ تەختىدە ئولتۇردۇم، ھەمدە بىز ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بۇ ئىبادەتخانىنى سالدۇردۇم. 11ئىبادەتخانىغا ئەھدە ساندۇقىنى قويۇپ قويدۇم. مانا ئەھدە ساندۇقىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدىسى، يەنى ئۇنىڭ ئىسرائىللار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى تۇرۇپتۇ.

ئىبادەتخانىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاش دۇئاسى

12-13سۇلايمان پادىشاھ ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى ئىككى يېرىم مېتىر، ئېگىزلىكى بىر يېرىم مېتىر كېلىدىغان تۇچتىن بىر سۇپا ياساتتى. ئۇ سۇپىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا يۈزلىنىپ، پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ، قوللىرىنى كۆككە كۆتۈرۈپ، 14مۇنداق دۇئا قىلدى:

_ ئى پەرۋەردىگار، يەنى بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، ئاسمان ۋە زېمىندا ساڭا تەڭداش بولالايدىغان باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. چىن قەلبىدىن سېنىڭ يولۇڭدا ماڭغان خىزمەتكارلىرىڭغا ئەھدەڭدە تۇرۇپ، ساداقىتىڭنى كۆرسىتىسەن. 15سەن خىزمەتكارىڭ ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭدە تۇردۇڭ، ئۆز ئاغزىڭ بىلەن قىلغان ۋەدەڭنى مانا بۈگۈن ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن بەجا كەلتۈردۈڭ.

16ئى پەرۋەردىگار، يەنى بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، سەن خىزمەتكارىڭ ئاتام داۋۇتقا: «سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئۆزىنىڭ ئىش-ئەمەللىرىگە دىققەت قىلىپ، سەن مېنىڭ ئەمرلىرىم بويىچە قۇسۇرسىز يۈرگەندەك توغرا يولدا يۈرسە، مېنىڭ ئالدىمدا، ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇرۇشقا ئەۋلادىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دەپمۇ ئېيتقانىدىڭ. ئەمدى ئاتامغا قىلغان بۇ ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن. 17ئى پەرۋەردىگار، يەنى بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، خىزمەتكارىڭ بولغان داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭنى ئادا قىلىشىڭنى ئۆتۈنىمەن! 18ئى خۇدا، سەن راستتىنلا ئىنسانلار بىلەن بىرگە زېمىندا تۇرامسەن؟ سەن ئاسمان، ھەتتا ئەرشئەلاغا پاتمىغان يەردە، ئەجەبا، مەن سالغان بۇ ئىبادەتخانىغا پاتارسەنمۇ؟ ياق! 19شۇنداقتىمۇ، ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، خىزمەتكارىڭنىڭ دۇئا ۋە ئىلتىجاسىغا قۇلاق سالغايسەن، خىزمەتكارىڭنىڭ سېنىڭ ئالدىڭدا قىلغان نىداسى ۋە نالىسىنى ئاڭلىغايسەن! 20سەن: «مۇشۇ يەردە ياشايمەن» دەپ ئېيتقان بۇ ئىبادەتخانىغا كېچە-كۈندۈز كۆزلىرىڭنى تىككەيسەن. خىزمەتكارىڭنىڭ بۇ يەرگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ قىلغان دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن! 21خىزمەتكارىڭ ۋە ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللار بۇ يەرگە قاراپ دۇئا قىلغان ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالغايسەن. دەرگاھىڭ بولغان ئەرشتە تۇرۇپ ئاڭلىغايسەن ۋە گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن.

22ئەگەر بىر ئادەم قوشنىسىغا يامانلىق قىلدى، دەپ ئەيىبلەنسە ۋە ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قەسەم ئىچىشكە مەجبۇرلىنىپ، بۇ ئىبادەتخانىغا كېلىپ، سېنىڭ قۇربانلىق سۇپاڭ ئالدىدا قەسەم ئىچسە، 23سەن ئەرشتە تۇرۇپ ئاڭلاپ، ھەرىكەت قىلغايسەن ۋە خىزمەتكارىڭ ئۈستىدىن ئادىل ھۆكۈم چىقارغايسەن. گۇناھكارنى جازالاپ، ئۇنىڭ قىلغىنىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرغايسەن. بىگۇناھ كىشىگە ئۆز ھەققانىيىتىگە يارىشا ھەققىنى بەرگەيسەن.

24ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللار سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ قىلغانلىقى ئۈچۈن دۈشمەنلىرىدىن يېڭىلسە، ئاخىر يەنە قايتىپ، نامىڭنى ئۇلۇغلاپ، بۇ ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ، دۇئا قىلىپ، سېنىڭ رەھىم قىلىشىڭنى تىلىسە، 25ئەرشتە تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى سەن ئاتا-بوۋىلىرىغا ۋە ئۇلارغا بەرگەن زېمىنغا قايتۇرۇپ ئەكەلگەيسەن.

26ئۇلار سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ قىلغانلىقىدىن ئاسمانلار يېپىلىپ، يامغۇر ياغمىسا، ئۇلار بۇ ئىبادەتخانىغا يۈزلىنىپ، ساڭا دۇئا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغلاپ، مۈشكۈللۈكتە قالدۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن، ئۆز گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، گۇناھ قىلىشتىن ساقلانسا، 27دۇئالىرىغا ئەرشتە تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ، خىزمەتكارلىرىڭنىڭ، يەنى ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارغا ماڭىدىغان دۇرۇس يولنى كۆرسىتىپ بەرگەيسەن. ئۆز خەلقىڭگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا شەپقەت قىلىپ، يامغۇر ياغدۇرغايسەن.

28ئەگەر بۇ زېمىندا ئاچارچىلىق بولۇپ، ۋابا تارقىلىپ، زىرائەتلەر ئىسسىق شامالدىن قۇرۇپ، نەم شامالدىن كۆكىرىپ كەتسە، چېكەتكە چۈشۈپ، قۇرت يامراپ كەتسە، ياكى دۈشمەنلەر ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى قورشىۋالسا، مەيلى قانداق ئاپەتكە دۇچار بولسا ياكى كېسەل تارقالسا، 29ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللار ئىچىدىن مەيلى كىم بولسۇن، ئاغرىق ۋە ئازاب ھېس قىلىپ، بۇ ئىبادەتخانىغا قاراپ، قوللىرىنى كۆتۈرۈپ، ئىلتىجا قىلىپ دۇئا قىلسا، 30ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا تۇرۇپ ئاڭلاپ، گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلغايسەن ۋە ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىگە ۋە تۇتقان يولىغا يارىشا مۇئامىلە قىلغايسەن، چۈنكى سەنلا ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى بىلىسەن. 31ئۇلارنىڭ سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئاتا قىلغان زېمىندا تۇرۇپ، ئۆمۈر بويى سەندىن ئەيمىنىپ، سېنىڭ يولۇڭدا مېڭىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلغايسەن.

32ئۆز خەلقىڭ بولغان ئىسرائىللارغا تەۋە بولمىغان يات خەلقلەر ئۇلۇغ نامىڭ ۋە ھەممىگە قادىر كۈچ-قۇدرىتىڭ ئۈچۈن يىراق يۇرتلاردىن بۇ ئىبادەتخانىغا كېلىپ، دۇئا قىلسا، 33ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا تۇرۇپ، قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغان بارلىق ئىلتىجالىرىنى ئىجابەت قىلغايسەن. يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەرنى ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارغا ئوخشاش نامىڭنى بىلىدىغان، سەندىن ئەيمىنىدىغان ۋە مەن سالغان بۇ ئىبادەتخانىنىڭ سېنىڭ نامىڭغا بېغىشلانغانلىقىنى بىلىدىغان قىلغايسەن.

34ئەگەر سەن ئۆز خەلقىڭنى دۈشمەنلىرىگە قارشى جەڭ قىلىشقا نەگىلا ئەۋەتسەڭ، ئۇلار سەن تاللىغان بۇ شەھەرگە ۋە مەن سېنىڭ نامىڭغا ئاتاپ سالغان بۇ ئىبادەتخانىغا قاراپ ساڭا دۇئا قىلسا، 35ئەرشتە تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دۇئا ۋە ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئادالىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن.

36ئۇلار ساڭا گۇناھ قىلغانلىقىدىن (گۇناھ قىلمايدىغان ئىنسان يوق) غەزىپىڭگە ئۇچراپ، دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا، دۈشمەنلەر ئۇلارنى مەيلى يىراق، ياكى يېقىن بولسۇن باشقا ئەلگە تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتسە، 37ئۇلار تۇتقۇن قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلگەن يات ئەلدە ھوشىنى تېپىپ، توۋا قىلىپ، ساڭا: «بىز گۇناھ قىلدۇق، بىز خاتالاشتۇق، بىز يامانلىق قىلدۇق» دەپ رەھىم قىلىشىڭنى تىلەپ، 38ئۆزلىرى تۇتقۇن قىلىنغان يات ئەلدە چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ساڭا يۈزلىنىپ، سەن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا ئاتا قىلغان زېمىن تەرەپكە تىكىلىپ، سەن تاللىغان بۇ شەھەر ۋە مەن سېنىڭ نامىڭغا ئاتاپ سالدۇرغان بۇ ئىبادەتخانا تەرەپكە قاراپ، دۇئا قىلسا، 39سەن ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا ئۇلارنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارغا رەھىمدىل بولۇپ، ساڭا قارشى گۇناھ قىلغان خەلقىڭنى كەچۈرگەيسەن.

40ئى خۇدايىم، بىزگە نەزىرىڭنى ئاغدۇرۇپ، مۇشۇ جايدىن قىلىنغان دۇئاغا قۇلاق سالغايسەن.

41ئى پەرۋەردىگار خۇدا، مەرھەمەت ئىبادەتخاناڭغا _

ساڭا ئاتالغان ئارامگاھىڭغا.

كىرگەيسەن قۇدرىتىڭ نىشانى بولغان

ئەھدە ساندۇقى بىلەن بىرگە.

ئى پەرۋەردىگار خۇدا، نىجاتلىق روھانىيلارغا كىيىم بولسۇن،

تەقۋادار خەلقلىرىڭ مېھرىبانلىقىڭدىن شادلىققا تولسۇن.

42ئى پەرۋەردىگار خۇدا، رەت قىلمىغىن ئۆزۈڭ تاللىغان پادىشاھىڭنى،

ئەسكە ئالغىن خىزمەتكارىڭ داۋۇتقا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى