« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

9

شىبانىڭ ئايال پادىشاھىنىڭ زىيارىتى

1شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھنىڭ داڭ چىقارغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قىيىن سوئاللار بىلەن سىناپ بېقىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا زىيارەتكە كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ھەمراھلىرىنى ئېلىپ، تۆگىلەرگە ئىنتايىن كۆپ خۇشبۇي ئەشيالار، ئالتۇن ۋە ئېسىل تاشلارنى ئارتىپ، يېرۇسالېمغا كەلگەنىدى. ئۇ سۇلايمان پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغان قىيىن سوئاللارنىڭ ھەممىسىنى سورىدى. 2سۇلايمان ئۇنىڭ سوئاللىرىنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب بەردى، ئۇنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشتە بىرەر قېتىممۇ قىينالمىدى. 3شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايماندىكى دانالىق ۋە ئۇ قۇرغان ئوردا-سارايلار، 4شىرەگە تىزىلغان نازۇنېمەتلەر، ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز مەنسەپلىرى بويىچە ئولتۇرۇشلىرى، خىزمەتكارلارنىڭ كۈتۈشلىرى، ئۇلارنىڭ كىيىنىشلىرى، پادىشاھنىڭ ساقىيلىرى، ئۇلارنىڭ كىيىنىشلىرى ۋە سۇلايمان پادىشاھنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى كۆرۈپ، ناھايىتى ھەيران قالدى ۋە 5پادىشاھقا مۇنداق دېدى:

_ مەن ئۆز مەملىكىتىمدە ئۆزلىرى قىلغان ئىشلار ۋە دانالىقلىرى توغرۇلۇق ئاڭلىغانلىرىم راست ئىكەن. 6مەن ئىلگىرى خەلقلەرنىڭ بۇ گەپلىرىگە ئانچە ئىشەنمەپتىكەنمەن، بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىنلا ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىرىمنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ دانالىقلىرىنىڭ ئاڭلىغانلىرىمدىن كۆپ زىيادە ئىكەنلىكىنى بىلدىم. 7ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە يانلىرىدىكى خىزمەتكارلىرى ھەمىشە ئالدىلىرىدا تۇرۇپ، ھېكمەتلىرىنى ئاڭلىيالايدىكەن، ئۇلار نەقەدەر بەختلىك-ھە! 8پەرۋەردىگارلىرى خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! پەرۋەردىگار ئۆزلىرىدىن سۆيۈنۈپ، سىلىنى ئۆز ۋەكىلى سۈپىتىدە تەختىگە ئولتۇرغۇزغانىكەن. خۇدالىرىنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك ئىكەن. ئۇ ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشى، سىلىنىڭ ئادىل ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشلىرى ئۈچۈن سىلىنى ئۇلارنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلىگەنىكەن.

9شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھقا تۆت توننا ئالتۇن، نۇرغۇنلىغان خۇشبۇي ئەشيالار ۋە ئېسىل تاشلارنى تەقدىم قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، سۇلايمان پادىشاھقا شىبانىڭ ئايال پادىشاھى تەقدىم قىلغاندەك، ئۇنچىلىك يۇقىرى سۈپەتلىك خۇشبۇي ئەشيالارنى ھېچكىم تەقدىم قىلىپ باقمىدى.

10بۇنىڭدىن باشقا، ھىرام پادىشاھنىڭ ۋە سۇلايماننىڭ ئوفىردىن ئالتۇن ئېلىپ كېلىدىغان ئادەملىرى يەنە ئېسىل ياغاچ ۋە تاشلارنى ئېلىپ كەلدى. 11سۇلايمان پادىشاھ ئاشۇ ئېسىل ياغاچتىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ۋە ئۆز ئوردىسىنىڭ پەلەمپەيلىرىنى ھەم ناخشىچىلار ئۈچۈن لىرا ۋە چىلتارلارنى ياساتقۇزدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن يەھۇدىيە زېمىنىدا ھېچكىم بۇنداق ئېسىل پەلەمپەي ۋە سازلارنى كۆرۈپ باقمىغانىدى.

12سۇلايمان پادىشاھ شىبانىڭ ئايال پادىشاھىغا سورىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەردى، ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگىنىدىن زىيادە سوۋغات بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئايال پادىشاھ خىزمەتكارلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، ئۆز ئېلىگە قايتىپ كەتتى.

سۇلايمان پادىشاھنىڭ بايلىقى

13سۇلايمان پادىشاھقا ھەر يىلى 23 توننا ئالتۇن كېلىپ تۇراتتى. 14ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەنە سودىگەرلەر ۋە تىجارەتچىلەردىن، ئەرەب پادىشاھلىرى ۋە ئۆز پادىشاھلىقى ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىنمۇ ئالتۇن-كۈمۈش تاپشۇرۇپ ئالاتتى. 15سۇلايمان پادىشاھ ياغاچتىن 200 دانە چوڭ قالقان ياسىتىپ، ھەربىرىگە يەتتە كىلودىن ئالتۇن قاپلاتتى. 16ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ھەربىرىگە ئۈچ يېرىم كىلودىن ئالتۇن قاپلانغان كىچىك قالقاندىن 300نى ياسىتىپ، ھەممىسىنى «لىۋان ئورمىنى سارىيى»غا جايلاشتۇردى. 17سۇلايمان پادىشاھ يەنە پىل چىشى ۋە ساپ ئالتۇندىن بېزەلگەن چوڭ بىر تەخت ياساتتى. 18تەختكە چىقىدىغان ئالتە پەلەمپەي ۋە تەختنىڭ تۈۋىدە ئالتۇندىن ياسالغان پۇت قويغۇچ بار ئىدى. ئىككى تەرىپىدە بىردىن قول قويغۇچ بار ئىدى. قول قويغۇچنىڭ يېنىدا بىردىن ئۆرە تۇرغان شىرنىڭ ھەيكىلى بار ئىدى. 19ئالتە پەلەمپەينىڭ ھەربىرىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىردىن، جەمئىي 12 شىرنىڭ ھەيكىلى بار بولۇپ، باشقا ھېچقانداق پادىشاھلىقنىڭ تەختى بۇنداق ھەيۋەتلىك بېزەلگەن ئەمەس ئىدى.

20سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئىچىملىك ئىچىدىغان قاچا-قۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئالتۇندىن ئىدى. «لىۋان ئورمىنى سارىيى» ئىچىدىكى بۇيۇملارنىڭ ھەممىسى كۈمۈشتىن ئەمەس، بەلكى ساپ ئالتۇندىن ئىدى. سۇلايمان پادىشاھنىڭ دەۋرىدە كۈمۈش ئەرزىمەس نەرسە بولۇپ قالغانىدى. 21سۇلايمان پادىشاھنىڭ كېمىلىرى بىلەن ھىرام پادىشاھنىڭ دېڭىزچىلىرى بىرلىكتە تارشىشقا بېرىپ، ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئالتۇن-كۈمۈش، پىل چىشى، ئىت باش مايمۇن ۋە باشقا مايمۇنلارنى ئەكېلىپ تۇراتتى. 22سۇلايمان پادىشاھنىڭ بايلىقى ۋە دانالىقى دۇنيادىكى باشقا بارلىق پادىشاھلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەنىدى. 23دۇنيادىكى پادىشاھلارنىڭ ھەممىسى سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئالدىغا بەس-بەس بىلەن كېلىپ، خۇدا ئۇنىڭ كۆڭلىگە سالغان ھېكمەتلەرنى ئاڭلاشتى. 24ھەر يىلى كەلگەنلەر ھەر خىل تارتۇقلارنى، يەنى ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلار، تون-سەرپايلار، قورال-ياراغلار، خۇشبۇي ئەشيالار، ئات ۋە قېچىر قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلەتتى.

25سۇلايمان پادىشاھنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنى قويىدىغان ئاتخانىلىرىدىن تۆت مىڭى ۋە ئاتلاردىن 12 مىڭى بار ئىدى. ئۇ، جەڭ ھارۋىلىرىنى ۋە ئاتلىرىنى جەڭ ھارۋىلىرى تۇرىدىغان شەھەرلەرگە ۋە ئۆزى تۇرىدىغان يېرۇسالېمغا جايلاشتۇردى. 26سۇلايمان فىرات دەرياسىدىن تارتىپ فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا تاكى مىسىر چېگراسىغىچە بولغان پۈتۈن پادىشاھلىقلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. 27سۇلايمان پادىشاھ يېرۇسالېمدا كۈمۈشنى خۇددى تاشتەك، كېدىر ياغىچىنى خۇددى غەربىي ئېدىرلىقتىكى ياۋا ئەنجۈر دەرەخلىرىدەك كۆپەيتىۋەتتى. 28سودىگەرلەر سۇلايمان ئۈچۈن مىسىر ۋە باشقا دۆلەتلەردىن ئاتلارنى كەلتۈرەتتى.

29سۇلايمان پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ناتان پەيغەمبەرنىڭ تەزكىرىسى، شىلولۇق ئاخىيا پەيغەمبەرنىڭ بېشارەتنامىسى ۋە نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئام ھەققىدە غايىبنى بىلگۈچى ئىددو يازغان ۋەھىينامىگە پۈتۈلگەندۇر. 30سۇلايمان يېرۇسالېمدا پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە 40 يىل پادىشاھ بولدى. 31سۇلايمان ۋاپات بولۇپ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ نامىدا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. ئوغلى رىخوبئام ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى