« مالاكى »

2

پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلارنى ئاگاھلاندۇرۇشى

1-2قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇكى: «ئەي روھانىيلار، بۇ سىلەرگە بېرىلگەن ئەمر. ئەگەر ماڭا قۇلاق سالمىساڭلار ۋە مېنىڭ نامىمنى ھۆرمەتلەشنى چىن قەلبىڭلارغا پۈكمىسەڭلار، مەن سىلەرگە لەنەت ياغدۇرىمەن، بەرىكەتلىرىڭلارغا لەنەت ياغدۇرىمەن. دەرۋەقە شۇنداق قىلدىم، چۈنكى سىلەر نامىمنى ھۆرمەتلەشنى چىن قەلبىڭلارغا پۈكمىدىڭلار.3مەن سىلەرنىڭ ئەۋلادىڭلارنى جازالايمەن ۋە سىلەرنىڭ ھېيتلاردا قىلغان قۇربانلىقىڭلارنىڭ مەينەتچىلىكلىرىنى يۈزۈڭلارغا سۈركەيمەن، شۇنداقلا سىلەرنى شۇ مەينەتچىلىكلەر بىلەن بىرگە تاشلىۋېتىمەن.4شۇنىڭدا سىلەر مېنىڭ لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا قىلغان ئەمرىمنىڭ مەقسىتىنى بىلىپ قالىسىلەر. مانا بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر!»

5«لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ مەقسىتى ھاياتلىق ۋە ئامانلىقنى ئاتا قىلىش بولۇپ، دەرۋەقە مەن ئۇنى ئۇلارغا ئاتا قىلدىم. بۇ ئەھدەمدە ئۇلارنىڭ مېنى ھۆرمەتلىشى تەلەپ قىلىنغانىدى. ئۇلار ماڭا ئىخلاسمەن بولدى ۋە مېنى ھۆرمەتلىدى.6ئۇلار خەلققە ھەقىقەتنى ئۆگەتتى، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ناتوغرا سۆزلەر چىقمىدى. ئۇلار ئىناقلىق ۋە دۇرۇسلۇق يولىدا مەن بىلەن بىللە ماڭدى. ئۇلار نۇرغۇن كىشىلەرنى گۇناھ يولىدىن قايتۇرۇپ كەلدى.7روھانىيلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان تەلىم پەرۋەردىگارنىڭ ھەقىقىتىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك. خەلق ئۇلارنى ئىزدەپ، ئۇلاردىن ساۋاق ئېلىشى لازىم، چۈنكى ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىلىرىدۇر.8بىراق سىلەر روھانىيلار ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ يولىدىن چەتنەپ كەتتىڭلار. سىلەرنىڭ تەلىملىرىڭلار نۇرغۇن كىشىلەرنى گۇناھ يولىغا كىرگۈزۈپ قويدى. سىلەر مېنىڭ لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزدۇڭلار» دېدى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار.9پەرۋەردىگار يەنە: «مەن سىلەرنى پۈتۈن خەلق ئالدىدا كەمسىتىلىشكە ۋە خارلىققا دۇچار قىلدىم. چۈنكى سىلەر مېنىڭ يولۇمدا ماڭماي، كىشىلەرگە تەلىم بەرگىنىڭلاردا ئايرىمىچىلىق قىلدىڭلار.» دېدى.

نىكاھ ۋە ئاجرىشىش توغرىسىدا

10ھەممىمىزنىڭ خۇدائاتىمىز بىر ئەمەسمۇ؟ ھەممىمىزنى خۇدا ياراتقان ئەمەسمۇ؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنى ئالداپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى بۇزىمىز؟11يەھۇدىيە خەلقى پەرۋەردىگارغا سەمىمىيەتسىزلىك قىلدى. ئۇلار ئىسرائىلىيەدە، ھەتتا يېرۇسالېمدا يىرگىنچلىك گۇناھ ئۆتكۈزدى. ئۇلار بۇتلارغا چوقۇنىدىغان ئاياللار بىلەن توي قىلىپ، پەرۋەردىگار ياخشى كۆرىدىغان ئىبادەتخانىنى بۇلغىدى.12شۇنداق ئىش قىلغانلارنى، ئۇ كىم بولۇشىدىن ھەم قانداق ھەدىيە سۇنۇشىدىن قەتئىينەزەر پەرۋەردىگار ئىسرائىل جامائىتىدىن يوقاتقاي.

13سىلەر يەنە شۇنداق ئىش قىلىۋاتىسلەر، سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ قوربانلىق سۇپىسىنى كۆز-يېشىڭلارغا چىلاۋاتىسىلەر، ئۈن سېلىپ، ئۆكسۈپ يىغلاۋاتىسىلەر. چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ھەدىيەلىرىڭلارغا قاراپمۇ قويمايۋاتىدۇ ۋە ئۇنى قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ.14سىلەر يەنە: «پەرۋەردىگار نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ ھەدىيەلىرىمىزنى قوبۇل قىلمايدىغاندۇ؟» دەپ سورايسىلەر. پەرۋەردىگار ياشلىق چېغىڭلاردا ئايالىڭلارغا قىلغان قەسىمىڭلەرگە گۇۋاھتۇر. چۈنكى نىكاھلىنىپ ئالغان ھەمراھىڭ ساڭا ساداقەتمەن بولسىمۇ، ئەمما سەن ئۇنىڭغا ساداقەتسىزلىك قىلدىڭ.

15پەرۋەردىگار سېنى ۋە ئايالىڭنى بىر تەن، بىر جان قىلمىغانمىدى؟ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە سىلەر پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ. پەرۋەردىگار سىلەردىن نېمىنى كۈتىدۇ؟ سىلەرنىڭ بىر تەن، بىر جان بولۇش ئارقىلىق خۇدا يولىدا ماڭىدىغان پەرزەنتلەرنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى كۈتىدۇ. شۇڭا قەلبىڭلارنى پاك تۇتۇپ، قەدىناس ئايالىڭلارغا سادىق بولۇڭلار.

16پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: «مەن ئاجرىشىشقا نەپرەتلىنىمەن» دەيدۇ. «ئاجرىشىش خۇددى بىرسىگە قىلغان زوراۋانلىق بىلەن باراۋەردۇر. شۇڭا قەلبىڭلارنى پاك تۇتۇپ، ساداقەتسىزلىك قىلماڭلار!»

پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز ئەلچىسىنى ئەۋەتىشى

17سىلەر گەپ-سۆزۈڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنى بىزار قىلدىڭلار. لېكىن سىلەر: «بىز ئۇنى قانداق بىزار قىپتۇق؟» دەپ سورايسىلەر. سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامانلىق قىلغۇچىلارمۇ ياخشىدۇر، يەنە كېلىپ پەرۋەردىگار ئۇلاردىن خۇرسەندۇر»، «قېنى ئادىل خۇدا؟» دەپ بىلجىرلاپ ئۇنى بىزار قىلدىڭلار.

ئۈندىدار سالونىمىز

ئۇندىدار

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر