« ئايۇپ »

27

ئايۇپ: «گۇناھ قىلمىدىم!»

1ئاندىن ئايۇپ يەنە مۇنداق دېدى:

2«ماڭا ئادىل مۇئامىلە قىلمىغان ھەممىگە قادىر خۇدا،

قەلبىمنى قايغۇ-ھەسرەتكە تولدۇرغان مەڭگۈ ھايات خۇدا ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى:

3تېنىمدا جېنىم، بۇرنۇمدا خۇدا ئاتا قىلغان تىنىق بولسىلا،

4يامان سۆزلەر چىقماس ئاغزىمدىن، يالغانچىلىق بولماس تىلىمدا.

5ھېچقاچان سىلەرنىڭ ئېيتقانلىرىڭلارنى ھەق دەپ قارىمايمەن،

ئۆلگۈچە ئۆزۈمنىڭ ئەيىبسىز ئىكەنلىكىمدە چىڭ تۇرىمەن.

6ئۆزۈمنىڭ ھەق ئىكەنلىكىدە تەۋرەنمەيمەن، مەيدانىمدىن ۋاز كەچمەيمەن،

كۆڭلۈم مېنى ھەرگىز ئەيىبلىمەيدۇ.

7دۈشمەنلىرىمنىڭ تەقدىرى رەزىللەرنىڭكىدەك بولغاي،

مەن بىلەن قارشىلاشقانلارنىڭ ئاقىۋىتى گۇناھكارلارنىڭكىدەك بولغاي.

8ئىمانسىزلار يوقىتىلىپ، خۇدا ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالىدۇ،

ئۇ چاغدا ئۇلاردا يەنە قانداق ئۈمىد بولسۇن؟

9بالايىئاپەت ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكەندە خۇدا ئۇلارنىڭ پەريادىغا قۇلاق سالارمۇ؟

10ئۇلار ھەممىگە قادىر خۇدادىن خۇشاللىق تاپالامدۇ؟

ئۇلار ھەر ۋاقىت خۇداغا يېلىنىپ تۇرامدۇ؟

11خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى سىلەرگە چۈشەندۈرەي،

ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ قىلغان ئىشلىرىنى سىلەردىن يوشۇرمايمەن.

12ئەمەلىيەتتە سىلەرمۇ ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگەن،

شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نېمىشقا بىمەنە گەپلەرنى قىلىسىلەر؟

13تۆۋەندىكىلەر خۇدانىڭ رەزىللەرنىڭ بېشىغا سالغانلىرىدۇر،

ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ زوراۋانلارغا بەرگەن جازاسىدۇر.

14ئۇلارنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى قانچە كۆپ بولسىمۇ بەرىبىر قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ،

ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھېچقاچان تويۇپ ئۆتمەيدۇ.

15ئامان قالغانلىرى ۋابا بىلەن ئۆلىدۇ،

تۇل قالغان خوتۇنلىرى ئۇلارغا ھازا تۇتالمايدۇ.

16گەرچە ئۇلارنىڭ قۇم دۆۋىلىرىدەك ھەددى-ھېسابسىز كۈمۈشلىرى،

لاي دۆۋىلىرىدەك سان-ساناقسىز كىيىم-كېچەكلىرى بولسىمۇ،

17ئۇ كىيىملەرنى ھەققانىيلار كىيىدۇ، كۈمۈشلىرىنى گۇناھسىزلار خەجلەيدۇ.

18رەزىللەرنىڭ سالغان ئۆيلىرى ئۆمۈچۈك تورىدەك ئاجىز،

ئېتىزدىكى كەپىدەك ئىشەنچسىزدۇر.

19ئۇلار بۈگۈن ئاخشام ئۇخلىغاندا باي بولسا، ئەتىسى كۆزىنى ئاچقاندا نامراتتۇر!

20قورقۇنچ ئۇلارنى كەلكۈندەك باسىدۇ،

بوران چاپقۇن كېچىدە ئۇلارنى سۈپۈرۈپ كېتىدۇ.

21شەرق شامىلى ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ،

ئۇلارنى ئۆز ئورنىدىن ئېلىپ كېتىدۇ.

22ئۇلار شامالنىڭ كۈچىدىن قورقۇپ قاچقاندا، شامال ئۇلارغا رەھىم قىلمايدۇ.

23دەھشەتلىك بوران ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ كۈلىدۇ، پۇشتەك چېلىپ ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى