« ئايۇپ »

35

ئەلىھۇنىڭ ئايۇپنى داۋاملىق ئەيىبلىشى

1ئەلىھۇ يەنە مۇنداق دېدى:

2«ئەي ئايۇپ، سەن: ‹مېنىڭ دۇرۇس، خۇدانىڭ خاتا› دېگەنىدىڭ،

سېنىڭچە بۇ توغرىمۇ؟

3سەن خۇداغا: ‹گۇناھسىزلىقىم ماڭا نېمە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ؟

گۇناھ سادىر قىلمىسام قانداق ياخشىلىققا ئېرىشىمەن؟› دېگەنىدىڭ.

4ساڭا ۋە سېنىڭ دوستلىرىڭغا مەن جاۋاب بېرەي.

5ئاسمانغا قارا، ئېگىزدىكى بۇلۇتلارغا قاراپ باق.

6ئەگەر سەن گۇناھ قىلساڭ خۇداغا قانداق زەرەر يېتەر؟

گۇناھلىرىڭ دۆۋىلىنىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ خۇداغا نېمە تەسىرى بولسۇن؟

7ئەگەر سەن ھەققانىي بولساڭ، خۇداغا نېمە پايدىسى بولسۇن؟

خۇدا سەندىن نېمە مەنپەئەت ئالسۇن؟

8سېنىڭ گۇناھلىرىڭ پەقەت ئىنسانلارغىلا زىيان يەتكۈزىدۇ،

ھەققانىيىتىڭ پەقەت پانىي دۇنيادىكى ئىنسانلارغىلا مەنپەئەت بېرىدۇ.

9كىشىلەر خىلمۇخىل زۇلۇملارغا ئۇچرىغاندا ۋارقىرايدۇ،

ھوقۇقدارلارنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەنلەر ياردەم تىلەيدۇ.

10لېكىن ھېچكىم ‹مېنى ياراتقان خۇدا نەدە؟› دەپ سورىمايدۇ.

خۇدا كىشىلەرنى كېچىدە ناخشا ئېيتقۇزىدۇ.

11ئىنساننى ھايۋاندىن ئەقىللىق ياراتقان،

ئاسماندىكى قۇشلاردىنمۇ پاراسەتلىك قىلغان.

12لېكىن ئۇلار رەزىل ۋە ھاكاۋۇر بولغانلىقى ئۈچۈن،

ئۇلار ياردەم سوراپ ۋارقىرىغاندا، خۇدا ئۇلارغا جاۋاب بەرمەيدۇ.

13خۇدا ساختا نىدالارغا قۇلاق سالمايدۇ،

ھەممىگە قادىر خۇدا ئۇلارغا پەرۋا قىلمايدۇ.

14شۇڭا سەن: ‹مەن خۇدانى كۆرمىدىم،

مېنىڭ ئىشلىرىم ئۇنىڭ ئالدىغا يېتىپ بارغان بولسىمۇ، ئۇ مېنى ساقلىتىدۇ› دېسەڭ،

ئۇ چوقۇم پەرۋا قىلمايدۇ.

15سەن يەنە: ‹خۇدا گۇناھكارلارغا غەزەپلىنىپ ئۇلارنى جازالىمايدۇ،

ئۇلار بىلەن كارى بولمايدۇ› دەيسەن.

16ئەي ئايۇپ، سېنىڭ ئېغىز ئېچىپ بۇلارنى دېيىشىڭ بىمەنىلىكتۇر،

كۆپ سۆزلىرىڭدە بىلىم يوقتۇر!»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى