« ئايۇپ »

37

ئەلىھۇنىڭ خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى جاكارلىشى

1«شۇڭا مېنىڭ يۈرىكىم تىترەپ،

كۆكرەك قەپىسىمدە تېپىرلىماقتا.

2ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ گۈلدۈرلىشىگە قۇلاق سالغىن،

ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان قاراسلىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ باققىن.

3چاقماقلىرىنى پۈتۈن كۆكتىن كېسىپ ئۆتكۈزۈپ،

ئۇنىڭ نۇرلىرىنى زېمىننىڭ ئەڭ چېتىگە ئاپىرىدۇ.

4ئاندىن ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ گۈلدۈرلىشىنى ئاڭلىتىپ،

ئۆزىنىڭ ھەيۋەتلىك ئاۋازىنى نامايان قىلىدۇ.

ئۇ ئاۋاز چىقارسىلا چاقماق تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.

5خۇدا ئۆز ئاۋازى بىلەن ئاجايىپ گۈلدۈرماما پەيدا قىلىدۇ،

بىز ئۇنىڭ قىلغان ئۇلۇغ ئىشلىرىنى چۈشىنىشكە قادىر ئەمەسمىز.

6خۇدا قارنى زېمىنغا،

قاتتىق يامغۇرنى يەرگە تۆكۈلۈشكە بۇيرۇق قىلىش ئارقىلىق

7ئىشلەمچىلەرنى ئىشتىن توختىتىپ،

پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىنى بىلدۈرىدۇ.

8ياۋايى ھايۋانلار ئۇۋىلىرىغا كىرىۋېلىپ،

ئۆڭكۈرلىرىدە قالىدۇ.

9بوران-چاپقۇن جەنۇبىي ئوردىسىدىن كەلسە،

سوغۇق ئېقىم شىمالدىن كېلەر.

10خۇدانىڭ نەپىسى مۇز پەيدا قىلىپ،

چەكسىز سۇ يۈزىنى مۇزلىتىدۇ.

11ئۇ قويۇق قارا بۇلۇتلارنى سۇ دانچىلىرىغا تولدۇرۇپ،

بۇلۇتلاردىن چاقماق چاقتۇرىدۇ.

12بۇلۇت خۇدانىڭ بۇيرۇقى بىلەن،

زېمىننىڭ ئۈستىدە ئايلىنىپ ۋە ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىپ،

13زېمىننى جازالايدۇ ياكى ئۇنىڭغا شەپقەت ياغدۇرىدۇ.

14ئەي ئايۇپ، قۇلاق سالغىن،

بىر پەس جىم تۇرۇپ خۇدانىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرى توغرۇلۇق ئويلانغىن.

15خۇدانىڭ قانداق بۇيرۇق چۈشۈرۈپ،

بۇلۇتلاردىن چاقماق چىقىرىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟!

16سەن مۇكەممەل بىلىمنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدانىڭ مۆجىزىلىرىنى،

يەنى بۇلۇتلارنى قانداق لەيلىتىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟!

17جەنۇب شامىلىدىن زېمىن تىنچىپ كەتكەندە،

كىيىم بىلەن تەرلەپ كېتىسەن، بۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلۈكىنى بىلەمسەن؟

18سەنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش، تۇچ ئەينەكتەك ئاسماننى يايالامسەن؟

19خۇدا بىلەن قانداق سۆزلىشىشىمىزنى ئۆگەتكىن،

بىز بولساق نادان، خۇدا بىلەن مۇنازىرىلىشىشنى بىلمەيمىز.

20بىر ئادەم خۇداغا، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتسا بولامدۇ؟

بۇنداق قىلىش ئۆزىنى ھالاك قىلىش ئەمەسمۇ؟

21شاماللار ئاسماندىكى بۇلۇتلارنى سۈرۈپ كەتكەندىن كېيىن،

قۇياشنىڭ كۈچلۈك نۇرىغا ھېچكىم قارىيالمايدۇ.

22خۇدا شىمالدىن ئالتۇن رەڭلىك نۇر بىلەن كېلىدۇ،

ئۇلۇغ ھەيۋىسى بىلەن كېلىدۇ.

23ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى شۇنچىلىك چەكسىز تۇرسا،

بىز ئۇنىڭغا قانداقمۇ يېقىنلىشالايمىز؟

ئۇ ھەمىشە ئادالەت ۋە ھەققانىيەت بىلەن ئىش قىلىپ،

ھېچكىمگە زۇلۇم سالمايدۇ.

24شۇڭا كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدۇ،

خۇدا ئۆزىنى دانا چاغلايدىغانلارنى ئېتىبارغا ئالمايدۇ.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى