« چۆلدە »

19

پاكلىنىش سۈيى

1پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا مۇنداق دېدى:

2_ ئىسرائىللار مەن ئەمر قىلغان بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلسۇن. ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئېيتىڭلار: «ئۇلار بېجىرىم ۋە نۇقسانسىز، تېخى بويۇنتۇرۇق سېلىنمىغان ياش بىر قىزىل ئىنەكنى سىلەرگە ئېلىپ كەلسۇن. 3ئۇنى روھانىي ئەلئازارغا بېرىڭلار. ياش ئىنەك قارارگاھ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلىپ، روھانىي ئەلئازارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلانسۇن. 4روھانىي ئەلئازار بارمىقىنى ئۇنىڭ قېنىغا چىلاپ، قاننى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا قارىتىپ، يەتتە قېتىم چاچسۇن. 5ياش ئىنەك ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا كۆيدۈرۈلسۇن. تېرىسى، گۆشى، قېنى ۋە تېزىكىمۇ كۆيدۈرۈلسۇن. 6روھانىي كېدىر ياغىچى، لېپەكگۈل ۋە توق قىزىل يۇڭلارنى كۆيۈۋاتقان ياش ئىنەكنىڭ ئۈستىگە تاشلىسۇن.

7ئۇنىڭدىن كېيىن، روھانىي كىيىملىرىنى يۇسۇن ۋە ئۆزىمۇ يۇيۇنسۇن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قارارگاھىغا قايتىپ كەتسە بولىدۇ. لېكىن روھانىي كەچ كىرگۈچە يەنىلا ناپاكتۇر. 8ياش ئىنەكنى كۆيدۈرگەن كىشىمۇ كىيىملىرىنى يۇسۇن ۋە ئۆزىمۇ يۇيۇنسۇن، ئۇمۇ كەچ كىرگۈچە يەنىلا ناپاكتۇر. 9پاك بىر كىشى ياش ئىنەكنىڭ كۈلىنى يىغىپ، قارارگاھ سىرتىدىكى پاك بىر جايغا قويۇپ قويسۇن. بۇ كۈل ئىسرائىل خەلقىنىڭ پاكلىنىش سۈيىگە سېلىپ ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن ساقلانسۇن. بۇ گۇناھتىن پاكلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. 10كۈلنى يىغقان كىشىمۇ ئوخشاشلا كىيىملىرىنى يۇسۇن، ئۇمۇ كەچ كىرگۈچە ناپاكتۇر. بۇلار ئىسرائىللار ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان يات خەلقلەر ئۈچۈنمۇ ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىدىغان قائىدىدۇر.

11مەيلى كىم بولسۇن جەسەتكە تەگكەن بولسا يەتتە كۈنگىچە ناپاكتۇر. 12ئۇ ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنى پاكلىنىش سۈيى بىلەن ئۆزىنى يۇسۇن. شۇندىلا ئۇ پاك بولىدۇ. مۇبادا ئۇ ئۆزىنى ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنلىرى يۇيمىغان بولسا، ئۇ پاك بولمايدۇ. 13ھەرقانداق بىر ئادەم جەسەتكە تېگىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى پاكلىمىغان بولسا، ئۇنداق ئادەم مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىنى بۇلغىغان ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئادەم ئىسرائىللارنىڭ قاتارىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلسۇن. چۈنكى پاكلىنىش سۈيى ئۇنىڭ ئۈستىگە سېپىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ تېخى پاكلانمىغان بولىدۇ.

14ئەگەر بىرەرسى چېدىردا قازا قىلسا، تۆۋەندىكى قائىدە بويىچە ئىش كۆرۈلسۇن: ئەگەر بىرەرسى جەسەت بار چېدىرغا كىرسە، ياكى بىرەرسى شۇ چېدىردا بولغان بولسا، ئۇ يەتتە كۈنگىچە ناپاك بولىدۇ. 15تۇۋىقى بار ھەرقانداق قاچا-قۇچا ئوچۇق قالغان بولسا، ناپاك بولىدۇ. 16ئەگەر بىر ئادەم سىرتتا قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ جەسىتىگە ياكى ئۆلۈكنىڭ سۆڭىكىگە ياكى قەبرىسىگە تەگكەن بولسا، ئوخشاشلا يەتتە كۈنگىچە ناپاك بولىدۇ.

17ناپاك كىشى ئۈچۈن، كۆيدۈرۈلگەن پاكلىنىش قۇربانلىقىنىڭ كۈلىدىن كۈپكە سېلىپ، ئۈستىگە پاكىز سۇ قۇيۇلسۇن. 18ئاندىن پاك بىر كىشى لېپەكگۈلنى ئۇ سۇغا چىلاپ، چېدىرغا ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرگە ھەمدە ئۇ يەردىكى ئادەملەرگە سەپسۇن. يەنە قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن ھەرقانداق بىر جەسەتكە ياكى ئۆلۈكنىڭ سۆڭىكىگە ياكى قەبرىسىگە تەگكەن ھەرقانداق كىشىگىمۇ ئاشۇ سۇدىن سېپىلسۇن. 19پاك كىشى ناپاك كىشىگە ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنلىرى سۇ سەپسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى يەتتىنچى كۈنى پاكلىنىدۇ. پاكلانغۇچى كىشى كىيىملىرىنى يۇسۇن ۋە يۇيۇنسۇن. شۇنداق بولغاندا ئۇ كىشى شۇ كۈنى كېچىسى پاكلىنىپ بولغان بولىدۇ.

20ناپاك تۇرۇپ ئۆزىنى پاكلىمىغان ھەرقانداق كىشى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلسۇن. چۈنكى ئۇ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس ئىبادەت چېدىرىنى بۇلغايدۇ. پاكلىنىش سۈيى ئۇنىڭغا سېپىلمىگەچكە، ئۇ ناپاكتۇر. 21بۇ سىلەر ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىدىغان قائىدىدۇر. پاكلىنىش سۈيىنى سەپكەن كىشىمۇ كىيىملىرىنى يۇسۇن. پاكلىنىش سۈيىگە تەگكەن ھەرقانداق بىر كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاكتۇر. 22ناپاك كىشى تەگكەن ھەرقانداق نەرسە ناپاكتۇر. ئۇ كىشىگە تەگكەن ھەرقانداق كىشىمۇ كەچ كىرگۈچە ناپاكتۇر.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى