« چۆلدە »

26

ئىسرائىللارنىڭ قايتا رويخەتكە ئېلىنىشى

1ۋابا كېسىلى بېسىققاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار مۇسا ۋە روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازارغا مۇنداق دېدى:

2_ سىلەر پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ سانىنى جەمەتى بويىچە رويخەتكە ئېلىپ، يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەرنىڭ ئىسىملىرىنى تىزىملاڭلار.

3مۇسا ۋە روھانىي ئەلئازار ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا، ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى:

4_ سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى بارلىق ئەرلەرنى رويخەتكە ئېلىڭلار.

مىسىردىن چىققان ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە:

5ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېن. رۇبېننىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر خانوك، پاللۇ، 6خەزرون، كارمى قاتارلىق جەمەتلەر بولۇپ، 7جەمئىي 43,730 ئادەم ئىدى. 8پاللۇنىڭ ئوغلى ئەلىئاب، 9ئەلىئابنىڭ ئوغۇللىرى نىمۇئېل، داتان ۋە ئابىرام. داتان بىلەن ئابىراملار جامائەت سايلىغان يېتەكچىلەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار كوراھ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى بىلەن بىرلىشىپ، مۇسا بىلەن ھارۇنغا قارشى چىقىپ، پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلغاچقا، 10يەر يېرىلىپ، ئۇلارنى يۇتۇپ كەتكەنىدى. ئەينى چاغدا يەنە 250 كىشى ئوتتا كۆيۈپ، كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولغانىدى. 11لېكىن كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى پۈتۈنلەي يوقىتالمىغانىدى.

12شىموننىڭ ئوغۇللىرىدىن نىمۇئېل، يامىن، ياكىن، 13زەراخ، شائۇل قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققان بولۇپ، 14جەمئىي 22,200 ئادەم ئىدى.

15گادنىڭ ئوغۇللىرىدىن زىفون، خاگگى، شۇنىي، 16ئوزنى، ئەرى، 17ئارودى، ئارئېلى قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققان بولۇپ، 18جەمئىي 40,500 ئادەم ئىدى.

19يەھۇدانىڭ ئىككى ئوغلى ئېر بىلەن ئونان كەنئان زېمىنىدا ۋاپات بولغانىدى. 20يەھۇدانىڭ باشقا ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر: شېلاھ، پەرەس، زەراخنىڭ جەمەتلىرى. 21پەرەسنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر: خەزرون، خامۇلنىڭ جەمەتلىرى ئىدى. 22يەھۇدانىڭ ھەرقايسى جەمەتلىرىدىن جەمئىي 76,500 ئادەم ئىدى.

23ئىسساكارنىڭ ئوغۇللىرىدىن تولاھ، پۇۋاھ، 24ياشۇب، شىمرون قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققان بولۇپ، 25جەمئىي 64,300 ئادەم ئىدى.

26زەبۇلۇننىڭ ئوغۇللىرىدىن سەرەد، ئېلون، ياخلىئېل قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققان بولۇپ، 27جەمئىي 60,500 ئادەم ئىدى.

28يۈسۈپنىڭ ماناسسە ۋە ئەفرايىم ئىسىملىك ئىككى ئوغلىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر تۆۋەندىكىلەر ئىدى:

29ماناسسەنىڭ ماكىر ئىسىملىك ئوغلىدىن كېلىپ چىققان جەمەت، گىلئاد جەمەتى ئىدى. ماناسسە ماكىرنىڭ ئاتىسى، ماكىر گىلئادنىڭ ئاتىسى ئىدى. 30گىلئادنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر ئىئەزەر، خېلەق، 31ئاسرىئېل، شەكەم، 32شىمىدا، خېفەر قاتارلىق جەمەتلەر ئىدى. 33خېفەرنىڭ ئوغلى زىلوفخادنىڭ ئوغلى يوق، پەقەت قىزلىرىلا بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىسىملىرى ماخلاھ، نوئاھ، خوگلاھ، مىلكاھ ۋە تىرزاھ ئىدى. 34ماناسسەنىڭ جەمەتلىرىدە جەمئىي 52,700 ئادەم بار ئىدى.

35ئەفرايىمنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر شۇتەلاخ، بەكەر، تاخان بولۇپ، 36شۇتەلاختىن ئېران جەمەتى كېلىپ چىقتى. 37ئۇلار جەمئىي 32,500 ئادەم ئىدى.

يۇقىرىدىكىلەر يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر ئىدى.

38بىنيامىننىڭ ئوغۇللىرىدىن بەلا، ئاشبېل، ئاخىرام، 39شىفۇفام، خۇفام قاتارلىق جەمەتلەر، 40بەلانىڭ ئوغۇللىرىدىن ئارىد ۋە نائامان جەمەتلىرى كېلىپ چىققان بولۇپ، 41ئۇلار جەمئىي 45,600 ئادەم ئىدى.

42داننىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەت شۇخام جەمەتى بولۇپ، 43جەمئىي 64,400 ئادەم ئىدى.

44ئاشېرنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر: يىمناھ، يىشۋى، بىرىئا، 45بىرىئانىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر: خەبەر، مالكىئېل ئىدى. 46ئاشېرنىڭ يەنە سەراخ ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىدى. 47ئاشېرنىڭ ھەرقايسى جەمەتلىرىدىن جەمئىي 53,400 ئادەم بار ئىدى.

48نافتالى ئوغۇللىرىدىن ياخزىئېل، گۇنى، 49يېزەر، شىللېم قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققان بولۇپ، 50ئۇلار جەمئىي 45,400 ئادەم ئىدى.

51ئىسرائىللاردىن رويخەتكە ئېلىنغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 601,730 ئادەم بولدى.

52پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

53_ سەن ھەر قەبىلىنىڭ ئادەم سانىغا قاراپ، يەر تەقسىم قىلىپ بەرگىن. 54ئادەم سانى كۆپلەرگە كۆپرەك، ئادەم سانى ئازلارغا ئازراق بەرگىن. تىزىملانغان ئادەم سانى بويىچە تەقسىم قىلىپ بەرگىن. 55ئىسرائىللار ھەرقايسى قەبىلىلەر بويىچە تاشلىغان چېكىگە ئاساسەن يەرگە ئىگە بولسۇن. 56مەيلى چوڭ ياكى كىچىك قەبىلە بولسۇن، تاشلىغان چېكىگە ئاساسەن زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلسۇن.

57لاۋىي قەبىلىسىنىڭ جەمەتلىرى بويىچە رويخەتكە ئېلىنغانلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: گېرشون، قوھات، مىرارى. 58بۇ جەمەتلەردىن لىبنى، ھىبرون، ماخلى، مۇشى ۋە كوراھ قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققان. قوھات ئامرامنىڭ ئەجدادى ئىدى. 59ئامرامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى يوكەبەد بولۇپ، لاۋىينىڭ قىزى ئىدى. ئۇ مىسىردا تۇغۇلغانىدى. ئۇ ئامرامغا ھارۇن ۋە مۇسا قاتارلىق ئىككى ئوغۇل ۋە مەريەم ئىسىملىك بىر قىز تۇغۇپ بەردى. 60ھارۇننىڭ ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار ئىسىملىك تۆت ئوغلى بار ئىدى. 61لېكىن ناداب بىلەن ئابىھۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا چەكلەنگەن ئوتنى ئېلىپ كىرگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

62لاۋىيلاردا بىر ئايلىقتىن چوڭ ئوغۇل بالىلارنىڭ سانى جەمئىي 23,000 نەپەر بولسىمۇ، ئۇلار باشقا ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە تىزىملانمىدى، چۈنكى ئۇلارغا باشقا ئىسرائىللارغا ئوخشاش زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلمىگەنىدى.

63يۇقىرىدىكىلەر مۇسا بىلەن روھانىي ئەلئازار ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا، ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە رويخەتكە ئالغان ئىسرائىللارنىڭ سانى ئىدى. 64لېكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇسا بىلەن روھانىي ھارۇن ئىلگىرى سىناي چۆلىدە بىرىنچى قېتىم رويخەتكە ئالغانلاردىن بىرىمۇ قالمىغانىدى. 65چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئاشۇ چۆلدە چوقۇم ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. دەرۋەقە يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب ۋە نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋادىن باشقىلىرى ئۆلۈپ تۈگىگەنىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى