« چۆلدە »

36

قىزلارنىڭ مىراس ھوقۇقى قانۇنى

1گىلئاد ماكىرنىڭ ئوغلى، ماناسسەنىڭ نەۋرىسى، يۈسۈپنىڭ ئەۋرىسى ئىدى. ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ باشلىقلىرى مۇسا ۋە ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە مۇساغا مۇنداق دېدى:

2_ سىلى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە زېمىنلارنى چەك تاشلاش يولى بىلەن ئىسرائىللارغا تەقسىم قىلغانلىرىدا، پەرۋەردىگار سىلىنىڭ زىلوفخادنىڭ زېمىنىنى ئۇنىڭ قىزلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى بۇيرۇغانىدى. 3ئەگەر ئۇ قىزلار باشقا قەبىلىلەرگە ياتلىق بولسا، قەبىلىمىزنىڭ زېمىنىدىن ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلار ئۇلار ياتلىق بولغان ئەرلەرنىڭ قەبىلىلىرىگە تەۋە بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق بولغاندا قەبىلىمىزگە چەك ئارقىلىق تەقسىم قىلىنغان زېمىنلارمۇ ئازلاپ كېتىدۇ. 4قۇتلۇق يىلىغا كەلگەندە، سېتىۋېتىلگەن بارلىق زېمىنلار ئەسلى ئىگىسىگە قايتىپ كېلىدۇ. زىلوفخادنىڭ قىزلىرىنىڭ زېمىنى بولسا قايتۇرۇلماي، ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ قەبىلىسىگە مەنسۇپ بولۇپ، بىزنىڭ قەبىلىمىز ئۇ زېمىندىن مەھرۇم بولۇپ قالىدۇ.

5مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى:

_ يۈسۈپنىڭ ئوغلىنىڭ قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ دېگىنى توغرا. 6زىلوفخادنىڭ قىزلىرى ھەققىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى مۇنداق: «ئۇلار ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن ياتلىق بولسا بولىدۇ، لېكىن چوقۇم ئۆز قەبىلىسى ئىچىدىكىلەر بىلەن تويلىشىشى كېرەك. 7ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە يۆتكەلسە بولمايدۇ. ھەربىر قەبىلە چوقۇم ئەجدادلىرىدىن قالغان زېمىنىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك. 8زېمىنغا ئىگە بولغان قىزلار چوقۇم ئۆز قەبىلىسى ئىچىدىكىلەرگە ياتلىق بولسۇن. شۇنداق بولغاندا، ھەربىر قەبىلە ئەجدادلىرىدىن قالغان زېمىنىنى ساقلاپ قالىدۇ. 9ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە يۆتكەلسە بولمايدۇ. ھەربىر قەبىلە چوقۇم ئەجدادلىرىدىن قالغان زېمىنىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك.»

10زىلوفخادنىڭ قىزلىرى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرىگە ئەمەل قىلدى. 11ماخلاھ، تىرزاھ، خوگلاھ، مىلكاھ ۋە نوئاھلار ئاتىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىغا ياتلىق بولدى. 12ئۇلار يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەنىڭ قەبىلىسىدىن ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ قىزلارنىڭ زېمىنى ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ قەبىلىسىگە قالدى.

13يۇقىرىقىلار ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن ئەمر ۋە قانۇنلىرىدۇر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى