« نەخەمىيا »

6

نەخەمىياغا قۇرۇلغان تۇزاق

1سانباللات، توبىيا شۇنداقلا گەشەم ئىسىملىك ھېلىقى ئەرەب ۋە باشقا رەقىبلەر بىزنىڭ سېپىلنى پۈتتۈرۈپ بولغانلىقىمىزدىن ۋە بىرەر شورىمۇ ئېتىلمەي قالمىغىنىدىن خەۋەر تېپىپتۇ. ئەمەلىيەتتە، بىز شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرىغا قاناتلارنى ئورناتمىغانىدۇق. 2سانباللات بىلەن گەشەم ماڭا بىر پارچە خەت يوللاپ، مېنىڭ ئونو تۈزلەڭلىكىدىكى كىفىرىم دېگەن جايدا ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىشىمنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار ماڭا سۇيىقەست قىلماقچىدى. 3مەن ئۇلارغا ئادەم ئەۋەتىپ: «مەن ھازىر مۇھىم ئىش ئۈستىدە، ئۇ يەرگە بارالمايمەن. سىلەر بىلەن كۆرۈشىمەن دەپ، ئىشنى توختىتىپ قويۇشنى خالىمايمەن» دېدىم.

4ئۇلار ماڭا تۆت قېتىم ئوخشاش خەت يوللىدى. مەن ئۇلارغا بۇرۇنقىغا ئوخشاش جاۋاب قايتۇردۇم. 5بەشىنچى قېتىم سانباللات ماڭا ئۆز خىزمەتكارىدىن ئوچۇق خەت يوللىدى. 6خەتتە مۇنداق دېيىلگەنىدى:

«خەلق ئارىسىدا گەپ تارقىلىپتۇ، گەشەممۇ شۇنداق دەيدۇ. سىز ھەم يەھۇدىيلار ئىسيان كۆتۈرمەكچىكەنسىلەر، شۇڭا سېپىلنى قۇرۇۋېتىپسىلەر. بۇ گەپچە، سىز ئۇلارغا پادىشاھ بولماقچىكەنسىز. 7ھەمدە پەيغەمبەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېرۇسالېمدا ئۆزىڭىزنى يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھى دەپ جاكارلاتقۇدەكسىز. بۇ ئىش جەزمەن پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يېتىدۇ. شۇڭا، كېلىپ مەن بىلەن بۇ توغرۇلۇق مەسلىھەتلىشىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.»

8مەن ئۇنىڭغا: «ئۇنداق ئىش يوق، بۇنى ئۆزىڭىز ئويدۇرۇپ چىقارغان!» دەپ جاۋاب يوللىدىم. 9ئۇلار بىزنى قورقۇتۇپ، قولىمىزنى ئىشقا بارماس قىلىپ، سېپىلنى پۈتتۈرمەسلىكنى ئويلىغانىدى. مەن: «ئى خۇدا، قولۇمغا كۈچ-قۇدرەت بەرگەيسەن!» دەپ دۇئا قىلدىم.

10بىر كۈنى مەن مىھېتابىئېلنىڭ نەۋرىسى _ دىلايانىڭ ئوغلى شىمايانىڭ ئۆيىگە باردىم. ئۇ ئىشىكنى تاقىۋېلىپ ئۆيدىن چىقمايتتى. ئۇ ماڭا:

_ بىز ئىبادەتخانا ئىچىدە كۆرۈشۈپ، ئىشىكنى تاقىۋېتەيلى. چۈنكى ئۇلار بۈگۈن كەچ كېلىپ، سىزنى ئۆلتۈرمەكچى! _ دېدى.

11مەن ئۇنىڭغا جاۋابەن:

_ مەندەك ساللاھىيەتتىكى ئادەم قېچىپ يۈرسە بولامدۇ؟ مەندەك ساللاھىيەتتىكى ئادەم جېنىنى ئامان ئېتىش ئۈچۈن ئىبادەتخانىغا مۆكۈنۈۋالسا بولامدۇ؟ مەن قەتئىي بارمايمەن! _ دېدىم.

12مەن شىمايانى خۇدانىڭ ئەۋەتمىگەنلىكىنى، بەلكى ئۇنىڭ توبىيا بىلەن سانباللاتقا سېتىلىپ ماڭا پەيغەمبەرچە ئېيتقان سۆزىنىڭ خۇدادىن كەلمىگەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. 13ئۇلار مېنى قورقۇتۇپ، گۇناھقا پاتۇرماقچى بولغان. ئاندىن نامىمغا داغ كەلتۈرۈپ، تۆھمەت چاپلىماقچى بولغان. 14مەن:

ئى خۇدايىم، توبىيا بىلەن سانباللاتنىڭ قىلمىشلىرىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن! مېنى قورقۇتماقچى بولغان ساختا پەيغەمبەرلەردىن ئايال نوئاديا بىلەن باشقىلارنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، _ دەپ دۇئا قىلدىم.

قۇرۇلۇشنىڭ تاماملىنىشى

15سېپىل ئەللىك ئىككى كۈندە كۈز پەسلى ئەلۇل ئېيىنىڭ يىگىرمە بەشىنچى كۈنى* تاماملاندى. 16رەقىبلىرىمىز ۋە ئەتراپىمىزدىكى خەلقلەر بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندا قورقتى ۋە خىجالەتكە قالدى. چۈنكى ئۇلار بۇ قۇرۇلۇشنىڭ خۇدانىڭ ياردىمى ئارقىلىق پۈتكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنىدى.

17شۇ ئەللىك ئىككى كۈن جەريانىدا، يەھۇدىي جامائەت ئەربابلىرى بىلەن توبىيا ئوتتۇرىسىدا خەت-ئالاقە بولۇپ تۇردى. 18نۇرغۇن يەھۇدىيە ئاھالىلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تۇغقانچىلىقى بولۇپ، ئۇنى قوللاشقا قەسەم بەرگەنىدى. چۈنكى توبىيانىڭ قېيىنئاتىسى ئاراخنىڭ ئوغلى شىكانيا ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە توبىيانىڭ ئوغلى يىھوخانان بەرەكيانىڭ مىشۇللام دېگەن ئوغلىنىڭ قىزىنى ئالغانىدى. 19ئۇلار مېنىڭ ئالدىمدا توبىيانىڭ ياخشىلىقلىرىنى تىلغا ئېلىشتى ھەمدە مېنىڭ ئېيتقانلىرىمنى ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ تۇردى. توبىيامۇ مېنى قورقۇتۇش ئۈچۈن داۋاملىق خەت يوللاپ تۇردى.



*15ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە مىلادىيەدىن ئىلگىرى 445-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى