« سەردارلار »

15

شىمشوننىڭ فىلىستىيەلىكلەردىن ئۆچ ئېلىشى

1بىر مەزگىلدىن كېيىن بۇغداي ئورۇش پەسلى كەلگەندە، شىمشون ئوغلاقتىن بىرنى ئېلىپ ئايالىنى يوقلاپ كەلدى. شىمشون:

_ مەن ئايالىمنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن، _ دېدى. بىراق قېيىنئاتىسى ئۇنى كىرگۈزمىدى. 2قېيىنئاتىسى ئۇنىڭغا:

_ مەن تېخى، سېنى ئۇنىڭغا بەك ئۆچ بولۇپ كەتتى دەپ ئويلاپ، ئۇنى سېنىڭ قولدىشىڭغا بېرىۋەتكەن. ئۇنىڭ سىڭلىسى ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق، ئايالىڭنىڭ ئورنىغا سىڭلىسىنى ئالغىن، _ دېدى. 3شىمشون ئۇلارغا:

_ بۇ قېتىم مەن فىلىستىيەلىكلەرگە زىيان يەتكۈزسەم مەندىن كۆرمەڭلار، _ دېدى. 4شۇنىڭ بىلەن شىمشون بېرىپ ئۈچ يۈز تۈلكە تۇتۇپ كەلدى. ئۇ مەشئەل تەييارلاپ، تۈلكىلەرنى جۈپ-جۈپ قىلىپ قۇيرۇقلىرىنى بىر-بىرىگە چېتىپ، چېتىلغان جايلارغا بىردىن مەشئەل قىستۇردى. 5ئۇ مەشئەلگە ئوت تۇتاشتۇرۇپ، تۈلكىلەرنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئېتىزلىقىدىكى بۇغدايلىققا قويۇۋەتتى. شۇنداق قىلىپ ئورۇلۇپ بولغان ۋە تېخى ئورۇلۇپ بولمىغان بۇغدايلارغا ئوت كەتتى. يەنە ئۇلارنىڭ ئۈزۈمزارلىق ۋە زەيتۇنلۇق باغلىرىمۇ كۆيۈپ كەتتى. 6فىلىستىيەلىكلەر:

_ بۇنى كىم قىلدى؟ _ دەپ سوراشتى.

_ بۇنى تىمناھلىقلارنىڭ كۈيۈ ئوغلى شىمشون قىلدى. چۈنكى قېيىنئاتىسى قىزىنى شىمشوننىڭ قولدىشىغا بېرىۋەتكەنىكەن، _ دېيىشتى.

شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيەلىكلەر قوزغىلىپ، شىمشوننىڭ ئايالى ۋە قېيىنئاتىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. 7شىمشون فىلىستىيەلىكلەرگە:

_ مەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن چوقۇم قىساس ئالمىغۇچە بولدى قىلمايمەن، _ دېدى. 8شىمشون ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق يارىلاندۇردى ۋە مەغلۇپ قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن شىمشون ئېتام دېگەن بىر قىيا تاشلىقتىكى ئۆڭكۈرگە كىرىپ شۇ يەردە ياشاشقا باشلىدى. 9فىلىستىيەلىكلەر يەھۇدا زېمىنىغا كېلىپ بارگاھ قۇردى ۋە لەخى دېگەن جايغا تارقالدى. 10يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر:

_ سىلەر نېمە ئۈچۈن بىزگە ھۇجۇم قىلىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى.

ئۇلار:

_ بىز شىمشوننى باغلاپ ئېلىپ كېتىمىز، ئۇ بىزگە قانداق قىلغان بولسا، بىزمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىمىز، _ دېيىشتى. 11شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئۈچ مىڭ ئادەم ئېتام دېگەن قىيا تاشلىقتىكى ئۆڭكۈرگە كېلىپ، شىمشونغا مۇنداق دېدى:

_ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەمسەن؟ سەن نېمە ئۈچۈن بىزگە ئىش تېپىپ بېرىسەن؟

شىمشون ئۇلارغا:

_ ئۇلار ماڭا قانداق قىلغان بولسا، مەنمۇ ئۇلارغا شۇنداق قىلدىم، _ دېدى. 12يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا:

_ بىز سېنى باغلاپ فىلىستىيەلىكلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن كەلدۇق، _ دېدى.

شىمشون ئۇلارغا:

_ سىلەر مېنى ئۆلتۈرمەسلىككە قەسەم قىلىڭلار، _ دېدى.

13ئۇلار:

_ ماقۇل، بىز پەقەت سېنى باغلاپ فىلىستىيەلىكلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىمىز، سېنى ھەرگىز ئۆلتۈرمەيمىز، _ دېيىشتى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككى يېڭى ئارغامچا بىلەن شىمشوننى باغلاپ، ئۆڭكۈردىن ئېلىپ چىقتى. 14شىمشون لەخى دېگەن جايغا ئېلىپ كېلىندى. فىلىستىيەلىكلەر چۇقان-سۈرەن سېلىشىپ تەنتەنە قىلىشتى. پەرۋەردىگارنىڭ روھى شىمشونغا كۈچ-قۇدرەتتە چۈشۈپ، ئۇنىڭ مۈرە-بىلەكلىرىگە باغلانغان ئارغامچىلار خۇددى ئوتقا چۈشكەن كەندىردەك ئۈزۈلۈپ كەتتى. 15ئۇ، يەردىن ئۆلگىلى ئۇزۇن بولمىغان ئېشەكنىڭ جاغ سۆڭىكىنى ئېلىپ، فىلىستىيەلىكلەردىن بىر مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. 16شىمشون شۇنداق دېدى:

«ئېشەكنىڭ جاغ سۆڭىكىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەر دۆۋىلىنىپ كەتتى.

ئېشەكنىڭ جاغ سۆڭىكى بىلەن قولۇمدا ئۆلگەنلەر مىڭغا يەتتى.»

17ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپ قولىدىكى سۆڭەكنى تاشلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ جاي رامات-لەخى* دەپ ئاتالدى.

18شىمشون بەك ئۇسساپ كېتىپ، پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ مۇنداق دېدى:

_ سەن خىزمەتكارىڭ ئارقىلىق شۇنداق ئۇلۇغ قۇتقۇزۇشنى باشلىغان ئىكەنسەن، مېنىڭ ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ، تېنىمنىڭ خەتنىسىزلەرنىڭ قولىدا قېلىشىنى خالامسەن؟

19خۇدا لەخى دېگەن جايدا يەرنى يېرىپ، سۇ چىقاردى. بۇلاقتىن سۇ ئېتىلىپ چىقتى. شىمشون سۇنى ئىچىپ كۈچ-قۇۋۋىتى ئەسلىگە كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ بۇلاقنىڭ ئىسمى ئېن-ھاققورە* دەپ ئاتالدى. بۇ بۇلاق لەخى دېگەن جايدا ھازىرمۇ بار. 20فىلىستىيەلىكلەر ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەۋردە، شىمشون ئىسرائىل خەلقىگە يىگىرمە يىل سەردار بولدى.



*17رامات-لەخى _ ئىبرانىي تىلىدا «جاغ سۆڭىكى تۆپىلىكى» دېگەن مەنىدە.

*19ئېن-ھاققورە _ ئىبرانىي تىلىدا «ئىلتىجا قىلغۇچى بۇلىقى» دېگەن مەنىدە.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى