« سەردارلار »

9

ئابىمەلەكنىڭ شەكەم شەھىرىگە پادىشاھ بولۇشى

1يىرۇببائالنىڭ ئوغلى ئابىمەلەك شەكەم شەھىرىگە بېرىپ، ئۆز ئانىسىنىڭ تۇغقانلىرىغا ۋە پۈتۈن جەمەتىگە:

2_ سىلەر شەكەمنىڭ ئاقساقاللىرىغا: «ئۆزۈڭلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا يىرۇببائال _ گىدئوننىڭ 70 ئوغلىنى خالامسىلەر ياكى بىر كىشىنىمۇ؟ ئۇنتۇپ قالماڭلار مەنمۇ سىلەرنىڭ قان قېرىندىشىڭلار!» دەڭلار، _ دېدى.

3شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ تۇغقانلىرى ئابىمەلەك ئۈچۈن شەكەمنىڭ پۈتۈن ئاقساقاللىرىغا سۆز قىلدى. ئاقساقاللار: «ئۇ بىزنىڭ قېرىندىشىمىز» دەپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئابىمەلەككە ئەگىشىشنى قارار قىلدى. 4ئۇلار ئابىمەلەككە بائال-بىرىت بۇتخانىسىدىن 70 كۈمۈش تەڭگە بەردى. ئابىمەلەك بۇ تەڭگىلەرنى بىر توپ چاكىنا ئۆكتەملەرنى ياللاشقا ئىشلەتتى. 5ئۇ ئوفراھ شەھىرىدىكى ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۆز قېرىنداشلىرىنى، يەنى يىرۇببائالنىڭ 70 ئوغلىنى بىر قورام تاشنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈرۈۋەتتى. پەقەتلا يىرۇببائالنىڭ كىچىك ئوغلى يوتەم يوشۇرۇنىۋېلىپ قېچىپ كەتتى. 6شەكەمنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى ۋە بەيت-مىللولۇقلار شەكەم شەھىرىگە يىغىلدى. ئۇلار تۈۋرۈك يېنىدىكى دۇپ دەرىخى ئاستىدا ئابىمەلەكنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.

يوتەمنىڭ تەمسىلى

7بۇ خەۋەر يوتەمغە يەتكەندە، ئۇ گىرىزىم تېغىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ۋارقىراپ تۇرۇپ:

_ گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار شەكەمنىڭ ئاقساقاللىرى! ئەگەر سىلەر مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىساڭلار، خۇدامۇ سىلەرنىڭ گېپىڭلارنى ئاڭلايدۇ.

8بۇرۇنقى زاماندا دەرەخلەر ئۆزلىرىگە پادىشاھ ئىزدەپ، زەيتۇن دەرىخىگە:

«بىزگە پادىشاھ بولغىن» دەپتۇ. 9لېكىن زەيتۇن دەرىخى ئۇلارغا:

«مەن ئىلاھلار ۋە كىشىلەر شەرىپىگە بېرىدىغان مېيىمدىن ۋاز كېچىپ، دەرەخلەرگە پادىشاھ بولامتىم؟» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

10ئاندىن دەرەخلەر ئەنجۈر دەرىخىگە:

«سەن كېلىپ بىزگە پادىشاھ بولغىن» دەپتۇ. 11بىراق ئەنجۈر دەرىخى ئۇلارغا:

«مەن ئۆزۈمنىڭ تاتلىق ۋە ياخشى مېۋىلىرىمنى تاشلاپ، دەرەخلەرگە پادىشاھ بولامتىم؟» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

12شۇنىڭ بىلەن دەرەخلەر ئۈزۈم كۆچىتىگە:

«سەن كېلىپ بىزگە پادىشاھ بولغىن» دەپتۇ. 13بىراق ئۈزۈم كۆچىتىمۇ ئۇلارغا:

«مەن ئىلاھلار ۋە كىشىلەرگە خۇشاللىق بېغىشلايدىغان ئېسىل شارابىمدىن ۋاز كېچىپ، دەرەخلەرگە پادىشاھ بولامتىم؟» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

14ئەڭ ئاخىرىدا بارلىق دەرەخلەر يانتاققا:

«سەن كېلىپ بىزگە پادىشاھ بولغىن» دەپتۇ. 15يانتاق ئۇلارغا:

«ئەگەر سىلەر مېنى سەمىمىي نىيىتىڭلار بىلەن ئۆزۈڭلارغا پادىشاھ قىلماقچى بولساڭلار، كېلىپ مېنىڭ سايەم ئاستىدا پاناھلىنىڭلار. ئۇنداق بولمىسا، مەن يانتاقتىن ئوت چىقىپ، لىۋان كېدىر دەرەخلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغاي» دەپتۇ.

16يوتەم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:

_ سىلەر سەمىمىي ۋە دۇرۇس نىيىتىڭلار بىلەن ئابىمەلەكنى پادىشاھ قىلغان بولساڭلار، ياكى سىلەر يىرۇببائالغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ساداقەت كۆرسەتكەن بولساڭلار، سىلەر يىرۇببائالنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا لايىق جاۋاب قايتۇرغان بولاتتىڭلارغۇ!

17ئاتام سىلەر ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىپ، ھاياتىغا تەۋەككۈل قىلىپ سىلەرنى مىديانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى. 18بىراق بۈگۈنكى كۈنلۈكتە سىلەر ئىسيان كۆتۈرۈپ ئاتامنىڭ جەمەتىگە قارشى تۇرۇپ، ئۇنىڭ 70 ئوغلىنى بىر تاشنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈردۈڭلار ھەمدە ئۇنىڭ دېدىكىنىڭ ئوغلى ئابىمەلەكنى سىلەرنىڭ تۇغقىنىڭلار بولغانلىقى ئۈچۈن شەكەم ئاقساقاللىرىنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلىدىڭلار.

19ئەگەر سىلەر بۈگۈنكى كۈنلۈكتە يىرۇببائال ۋە ئۇنىڭ جەمەتىگە سەمىمىي ۋە دۇرۇس نىيىتىڭلار بىلەن مۇئامىلە قىلغان بولساڭلار، ئابىمەلەك سىلەردىن، سىلەرمۇ ھەم ئابىمەلەكتىن ئۆزئارا خۇشاللىق تاپقايسىلەر. 20ئەگەر ئۇنداق قىلمىغان بولساڭلار، ئابىمەلەكتىن ئوت چىقىپ شەكەم ۋە بەيت-مىللو ئاقساقاللىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغاي. خۇددى شۇنىڭدەك شەكەم ۋە بەيت-مىللو ئاقساقاللىرىدىنمۇ ئوت چىقىپ ئابىمەلەكنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغاي، _ دېدى.

21شۇنىڭدىن كېيىن، يوتەم ئاكىسى ئابىمەلەكتىن قورقۇپ، قېچىپ بەئەر دېگەن جايغا بېرىپ ياشىدى.

شەكەملىكلەرنىڭ ئابىمەلەكتىن يۈز ئۆرۈشى

22ئابىمەلەك ئىسرائىللارغا ئۈچ يىل ھۆكۈمران بولدى. 23خۇدا ئابىمەلەك ۋە شەكەمنىڭ ئاقساقاللىرى ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سالىدىغان يامان روھنى ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن شەكەم ئاقساقاللىرى ئابىمەلەككە ساتقۇنلۇق قىلىشقا باشلىدى. 24خۇدانىڭ مۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى، يىرۇببائالنىڭ 70 ئوغلىنىڭ قېنىنى تۆككەن ئابىمەلەكنى ھەمدە ئابىمەلەكنى قوللاپ ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە ياردەم بەرگەن شەكەم ئاقساقاللىرىنى جازالاش ئىدى. 25شەكەم ئاقساقاللىرى ئابىمەلەكنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن تاغلىرىغا بۆكتۈرمە قويۇپ، يولدىن ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. بۇ سۇيىقەستتىن ئابىمەلەك خەۋەر تاپتى.

26ئەبىدنىڭ ئوغلى گائال شەكەم شەھىرىگە قېرىنداشلىرى بىلەن كۆچۈپ كېلىپ، شەكەم ئاقساقاللىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى. 27ئۇلار ئۈزۈمزارلىققا بېرىپ، ئۈزۈملەرنى ئۈزۈپ، دەسسەپ شاراب چىقىرىپ، ئۆز ئىلاھىنىڭ بۇتخانىسىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ يەپ-ئىچىپ، ئابىمەلەككە لەنەت ئوقۇشتى. 28ئەبىدنىڭ ئوغلى گائال ئۇلارغا:

_ ئابىمەلەك دېگەن كىم ئىكەن، بىز شەكەملىكلەرنى ئۆز خىزمىتىگە سالغۇدەك؟ ئۇ دېگەن يىرۇببائالنىڭ ئوغلىغۇ؟ زىبۇلمۇ پەقەت ئۇنىڭ بىر ئەمەلدارى خالاس! شەكەمنىڭ ئاتىسى بولغان خامورنىڭ ئەۋلادلىرىغا خىزمەت قىلىڭلار! نېمىشقا ئابىمەلەككە خىزمەت قىلغۇدەكمىز؟ 29ئەگەر مۇشۇ كىشىلەر مېنىڭ قول ئاستىمدا بولسا مەن ئابىمەلەكنى يوقاتقان بولاتتىم! مەن ئۇنىڭغا: «قوشۇنىڭنى چاقىرىپ چىق!» دېگەن بولاتتىم، _ دېدى.

30شەھەر ھاكىمى بولغان زىبۇل ئەبىدنىڭ ئوغلى گائالنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، غەزەپلەندى. 31ئۇ ئابىمەلەككە مەخپىي خەۋەرچى ئەۋەتىپ: «ئەبىدنىڭ ئوغلى گائال قېرىنداشلىرى بىلەن شەكەم شەھىرىگە كەلدى. ئۇلار شەھەر خەلقىنى ساڭا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتىدۇ. 32شۇڭا سەن قوشۇنلىرىڭ بىلەن كېچىلەپ كېلىپ، شەھەر سىرتىدىكى ئېتىزلىقتا بۆكتۈرمىدە يېتىڭلار. 33تاڭ سەھەر كۈن چىقىشى بىلەنلا شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، گائال ۋە ساڭا قارشى چىققانلارغا خالىغىنىڭچە زەربە بەرگىن!» دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى.

34شۇنىڭ بىلەن ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى كېچىلەپ شەكەم شەھىرىگە يېقىن كېلىپ، تۆت توپقا بۆلۈنۈپ بۆكتۈرمىدە ياتتى. 35ئەبىدنىڭ ئوغلى گائال شەكەمدىن چىقىپ دەرۋازا ئالدىدا تۇرغاندا، ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى يوشۇرۇنىۋالغان جايدىن چىقتى. 36گائال ئۇلارنى كۆرۈپ زىبۇلغا:

_ قارا! تاغلىرىدىن ئادەملەر چۈشۈۋاتىدۇ، _ دېدى. زىبۇل ئۇنىڭغا:

_ ئۇ پەقەت تاغلاردىكى سايىلەر، قارىماققا ئادەمگە ئوخشايدۇ، _ دېدى. 37بىراق گائال يەنە ئۇنىڭغا:

_ ياق! ئادەملار تاغدىن چۈشۈۋاتىدۇ. يەنە بىر توپ ئادەم «پالچىلار دۇب دەرىخى» يولى بىلەن كېلىۋاتىدۇ، _ دېدى. 38بۇ چاغدا زىبۇل ئۇنىڭغا:

_ ماختانچاق ئاغزىڭ قېنى؟ سەن: «ئابىمەلەك دېگەن كىم ئىكەن؟ بىز نېمىشقا ئۇنىڭغا خىزمەت قىلغۇدەكمىز؟» دېگەن ئەمەسمىدىڭ؟ بۇ ئادەملەر سەن زاڭلىق قىلغان ئادەملەر ئەمەسمۇ؟ ئەمدى چىقىپ ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىل! _ دېدى.

39شۇنىڭ بىلەن گائال شەكەم ئاقساقاللىرىنى باشلاپ ئابىمەلەك بىلەن ئۇرۇش قىلدى. 40ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى قوغلىدى، گائالنىڭ ئادەملىرى قېچىپ شەھەر دەرۋازىسىغا بارغۇچە نۇرغۇنلىرى قىرىلىپ كەتتى. 41شۇنىڭدىن كېيىن ئابىمەلەك ئارۇماغا قايتىپ، ئۇ يەردە تۇردى. زىبۇل گائال ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرىنى شەكەمدە تۇرغىلى قويماي، ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىۋەتتى.

42ئەتىسى شەكەملىكلەر ئېتىزلىققا چىقماقچى بولغاندا، ئابىمەلەك بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، 43قوشۇنىنى ئۈچ توپقا بۆلۈپ، ئۇلار بىلەن ئېتىزلىقتا بۆكتۈرمىدە ياتتى. ئۇ كىشىلەرنىڭ شەھەردىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، لەشكەرلىرى بىلەن يوشۇرۇنغان جايدىن تۇرۇپ، ئۇلارنى قىرىۋەتتى. 44ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ توپىدىكىلەر شەھەر دەرۋازىسىغا ھۇجۇم قىلىپ دەرۋازىنى توستى. قالغان ئىككى توپمۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئېتىزلىقتىكى شەكەملىكلەرنى قىرىۋەتتى. 45شۇ كۈنى ئابىمەلەك پۈتۈن بىر كۈن شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، شەكەم شەھىرىنى قولغا چۈشۈرۈپ، خەلقنى ئۆلتۈرۈپ، شەھەرنى تۈپتۈز قىلىپ، تۇز چېچىۋەتتى.

46شەكەم قەلئەسىدە تۇرىدىغان خەلق بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، بائال-بىرىت بۇتخانىسىنىڭ يەر ئاستى ئۆيىگە كىرىۋالدى. 47ئابىمەلەك ئۇلارنىڭ شۇ يەرگە يىغىلىۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ، 48قوشۇنلىرىنى زالمون تېغىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇ پالتا بىلەن بىر دەرەخنىڭ شېخىنى كېسىپ، شاخنى مۈرىسىگە ئېلىپ، لەشكەرلىرىگە: «تېز، مەن قىلغاندەك قىلىڭلار!» دەپ بۇيرۇق بەردى. 49شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەرمۇ ھەربىرى بىردىن دەرەخ شېخىنى كېسىپ، ئابىمەلەككە ئەگەشتى. ئۇلار دەرەخ شاخلىرىنى بۇتخانا تېمىغا دۆۋىلەپ، ئوت قويۇۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن شەكەم قەلئەسىدە تۇرىدىغان پۈتۈن خەلق، ئەرلەر ۋە ئاياللار بولۇپ مىڭغا يېقىن ئادەم ئۆلدى.

50ئاندىن كېيىن ئابىمەلەك تىبېز شەھىرىنى قورشاۋغا ئېلىپ، ئۇنى ئىشغال قىلدى. 51لېكىن شەھەر ئىچىدە بىر مۇستەھكەم قەلئە بار ئىدى. پۈتۈن شەھەردىكى ئەرلەر، ئاياللار ۋە ئاقساقاللار قەلئەگە قېچىپ كىرىپ، دەرۋازىنى تاقاپ، ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن مۇنار ئۈستىگە چىقىۋالدى. 52ئابىمەلەك قەلئەگە ھۇجۇم قىلدى. قەلئەنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئوت قويۇشقا تەييارلىنىۋاتقاندا، 53قەلئە ئۈستىدىكى بىر ئايال يارغۇنچاقنىڭ ئۈستۈنكى تېشىنى ئابىمەلەكنىڭ بېشىغا تاشلاپ ئۇنىڭ بېشىنى يېرىۋەتتى. 54ئابىمەلەك دەرھال ياراغ كۆتۈرگۈچى يىگىتكە:

_ قىلىچىڭنى چىقىرىپ، مېنى ئۆلتۈرۈۋەت! «ئابىمەلەك بىر ئايالنىڭ قولىدا ئۆلگەن» دېيىلمىسۇن، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ يىگىت قىلىچنى ئۇنىڭغا تىقىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. 55ئابىمەلەكنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۆيلىرىگە قايتتى. 56شۇنداق قىلىپ، خۇدا ئابىمەلەكنىڭ ئۆز ئاتىسىغا قىلغان يامانلىقلىرىنى، يەنى 70 قېرىندىشىنى ئۆلتۈرگىنىنى ئۆزىگە قايتۇردى. 57خۇدا يەنە شەكەملىكلەر قىلغان بارلىق يامانلىقلارنى ئۇلارنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشۈردى. يىرۇببائالنىڭ ئوغلى يوتەمنىڭ ئوقۇغان لەنىتى ئەمەلگە ئاشتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى