« ئالەمنىڭ يارىتىلىشى »

23

ئىبراھىمنىڭ سارەنى دەپنە قىلىشى

1سارە يۈز يىگىرمە يەتتە ياش ئۆمۈر كۆردى. 2ئۇ كەنئاننىڭ قىريات-ئاربا، يەنى ھىبرون دېگەن جايىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئىبراھىم ئۇنىڭغا ھەسرەت بىلەن يىغا-زار قىلدى. 3ئىبراھىم ئايالىنىڭ جەسىتىنىڭ يېنىدىن چىقىپ، خىتلارنىڭ يېنىغا كېلىپ:

4_ مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بىر مۇساپىر. ئايالىمنى دەپنە قىلىش ئۈچۈن ماڭا بىر پارچە يەر سېتىپ بەرگەيسىلەر، _ دېدى.

5-6ئۇلار ئىبراھىمغا:

_ جانابلىرى، قۇلاق سالسىلا! بىزنىڭ نەزىرىمىزدە سىلى بىر كۈچلۈك قەبىلە باشلىقى، ئاياللىرىنى ئەڭ ياخشى يەرلىكلىرىمىزدىن بىرىگە دەپنە قىلغايلا. ھېچقايسىمىز سىلىدىن قەبرىلىك يەر ئايىمايمىز، _ دېدى.

7ئىبراھىم ئۇلارغا تەزىم قىلىپ:

8_ ئەگەر سىلەر ئايالىمنى بۇ يەرگە دەپنە قىلىشىمغا رازى بولساڭلار، سوخارنىڭ ئوغلى ئەفروندىن 9ماكپېلاھ يېزىسىدىكى ئۆڭكۈرنى ماڭا سېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغايسىلەر. ئۇ ئۆڭكۈر ئۇنىڭ ئېتىزىنىڭ چېتىدە. ئۇ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ئۆڭكۈرنىڭ باھاسىنى كېسىپ بەرسە، ئۇ يەرنى سېتىۋېلىپ ئائىلەمگە قەبرىستانلىق قىلاي دەيمەن، _ دېدى.

10باشقا خىتلار بىلەن بىللە شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ئەفرون كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا:

11_ جانابلىرى، قۇلاق سالغايلا، مەن ئېتىزنى ئۆڭكۈر بىلەن قوشۇپ سىلىگە بەردىم. كۆپچىلىك ئالدىدا ئۇنى سىلىگە سوۋغات قىلدىم. ئاياللىرىنى ئۇ يەرگە دەپنە قىلغايلا، _ دەپ جاۋاب بەردى.

12لېكىن، ئىبراھىم خىتلارنىڭ ئالدىدا تەزىم قىلىپ، 13ھەممە ئادەمگە ئاڭلىتىپ، ئەفرونغا:

_ سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، پۇل تۆلىشىمنى قوبۇل قىلغايسىز. ئايالىمنى ئۇ يەرگە دەپنە قىلماقچىمەن، _ دېدى.

14ئەفرون جاۋاب قايتۇرۇپ:

15_ جانابلىرى، ئۇ يەر ئاران تۆت يۈز كۈمۈش تەڭگىگە ئەرزىيدۇ. سىلى بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا بۇ نېمە ئىدى! ئاياللىرىنى ئۇ يەرگە دەپنە قىلىۋەرگەيلا، _ دېدى.

16ئىبراھىم ئەفروننىڭ كۆپچىلىك ئالدىدا ئېيتقىنى بويىچە ئۇنىڭغا تۆت يۈز تەڭگە تۆلەپ بەردى.

17شۇنداق قىلىپ، ئەفرون مامرەنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ماكپېلاھ يېزىسىدىكى ئۇ يەرنى ئىبراھىمنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئۇ يەر ئېتىزلىق، ئېتىزلىقتىكى ئۆڭكۈر ۋە ئېتىزلىق ئەتراپىدىكى دەل-دەرەخلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. 18شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا توپلانغان خىتلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەرنىڭ ئەمدى ئىبراھىمغا مەنسۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

19شۇنداق قىلىپ، ئىبراھىم ئايالى سارەنى كەنئاندىكى شۇ ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلدى.

20خىتلارغا مەنسۇپ بولغان بۇ ئېتىز ۋە ئېتىزلىقتىكى ئۆڭكۈر ئەمدى ئىبراھىمنىڭ قەبرىستانلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ خۇسۇسىي مۈلكىگە ئايلاندى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى