« ئالەمنىڭ يارىتىلىشى »

24

ئىسھاقنىڭ ئۆيلىنىشى

1ئىبراھىم قېرىپ كەتكەنىدى، پەرۋەردىگار ھەرقانداق ئىشتا ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلىپ كەلدى. 2مەلۇم بىر كۈنى، ئۇ ئائىلىسىدىكى غوجىدارغا:

_ قولۇڭنى يوتامنىڭ ئاستىغا قويۇپ تۇرۇپ، 3پەرۋەردىگار، يەنى پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان خۇدانىڭ ئالدىدا قەسەم قىلىپ، ئوغلۇم ئىسھاقنى بۇ يەردىكى ئىمانسىز كەنئانلىقلاردىن ئۆيلەندۈرمەي، 4چوقۇم يۇرتۇمغا بېرىپ، تۇغقانلىرىم ئارىسىدىن بىر قىز ئېلىپ بېرىدىغانغا ۋەدە بەرگىن، _ دېدى.

5لېكىن، چاكار ئۇنىڭدىن:

_ ئەگەر ئۇ قىز ئۆز يۇرتىدىن بۇ يەرگە كەلگىلى ئۇنىمىسىچۇ؟ ئۇ چاغدا، ئوغلىڭىزنى ئېلىپ يۇرتىڭىزغا قايتىپ كېتەمدىم؟ _ دەپ سورىدى.

6ئىبراھىم مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئوغلۇمنى ھەرگىز ئۇ يەرگە ئاپارما! 7پەرۋەردىگار، يەنى ئەرشتىكى خۇدا مېنى يۇرت ۋە ئۇرۇق-جەمەتىمدىن ئايرىپ، بۇ زېمىننى ئەۋلادلىرىمغا تەقدىم قىلىشقا قەسەم قىلىپ ۋەدە بەرگەن. شۇڭا، ئۇ ئۆز پەرىشتىسىنى سېنىڭ ئالدىڭغا ئەۋەتىپ، ئوغلۇمغا ئۇ يەردىن بىر قىز تېپىشىڭغا ياردەم قىلىدۇ. 8مۇبادا ئۇ قىز سەن بىلەن كېلىشكە ئۇنىمىسا، بۇ قەسەمدىن خالىي بولىسەن. لېكىن، ئوغلۇمنى ھەرگىز ئۇ يەرگە ئاپارمىغىن!

9بۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى چاكار قولىنى خوجايىنى ئىبراھىمنىڭ ئىككى يوتىسىنىڭ ئاستىغا قويۇپ تۇرۇپ، ئىبراھىمنىڭ تاپشۇرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈشكە قەسەم بەردى.

10چاكار خوجايىنىنىڭ تۆگىلىرىدىن ئوننى تاللاپ، ئۇلارغا ھەر خىل قىممەت باھالىق سوۋغاتلارنى ئارتىپ، يولغا چىقتى. ئۇلار ئاررام-ناھارايىم رايونىغا بېرىپ، ناخور تۇرغان شەھەرگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، 11شەھەرنىڭ سىرتىدىكى بىر قۇدۇقنىڭ يېنىدا تۆگىلەرنى چۆكتۈردى. بۇ، كۈن پېتىپ قالغان چاغ بولۇپ، قىزلار قۇدۇققا سۇ ئالغىلى چىقىدىغان ۋاقىت ئىدى.

12چاكار مۇنداق دەپ دۇئا قىلدى:

_ ئى پەرۋەردىگار! سەن خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداسەن. خوجايىنىمغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، ئىشىمنى ئوڭ قىلغايسەن. 13مەن ھازىر قۇدۇق يېنىدا تۇرىمەن. شەھەر قىزلىرى بۇ يەرگە سۇغا كېلىدۇ. 14مەن ئۇلارنىڭ بىرىگە: «كومزىكىڭىزدىكى سۇدىن ئىچىۋالسام قانداق؟» دەيمەن. ئەگەر ئۇ: «ئىچىڭ! تۆگىلىرىڭىزگىمۇ سۇ ئەكېلىپ بېرەي» دېسە، بۇ قىز خىزمەتكارىڭ ئىسھاققا تاللاپ بەرگىنىڭ بولسۇن. بۇنىڭدىن سېنىڭ خوجايىنىمغا مېھرىبانلىق قىلغانلىقىڭنى بىلەلەيمەن.

15ئۇنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشمايلا، رىبەقا كومزىكىنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ، قۇدۇقنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ بېتۇئېلنىڭ قىزى ئىدى. بېتۇئېل بولسا ئىبراھىمنىڭ ئىنىسى ناخور بىلەن ئۇنىڭ ئايالى مىلكاھنىڭ ئوغلىدۇر. 16رىبەقا تېخى يۈزى ئېچىلمىغان، ئىنتايىن چىرايلىق، پاك قىز ئىدى. ئۇ قۇدۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ، كومزىكىگە سۇ تارتىپ چىقتى. 17ئىبراھىمنىڭ چاكىرى قىزنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن:

_ ماڭا سۈيىڭىزدىن ئازراق بەرسىڭىزچۇ، _ دەپ سورىدى.

18قىز ئۇنىڭغا:

_ مانا، ئىچىڭ، _ دەپلا، دەرھال مۈرىسىدىكى كومزەكنى قولىغا ئېلىپ، ھېلىقى چاكارغا بەردى. 19چاكار سۇنى ئىچىپ بولۇشىغا، رىبەقا ئۇنىڭغا:

_ تۆگىلىرىڭىزگىمۇ سۇ ئەكېلىپ بېرەي، ئۇلارمۇ ئىچىپ قانسۇن، _ دېدى.

20رىبەقا دەرھال كومزەكتىكى سۇنى ئوقۇرغا قۇيغاندىن كېيىن، يەنە يۈگۈرۈپ بېرىپ قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ كېلىپ، ھەممە تۆگىلەرنى قانغۇدەك سۇغىرىپ بەردى.

21چاكار پەرۋەردىگار يولىنى ئوچۇق قىلغان-قىلمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، جىمجىت كۆزىتىپ تۇردى. 22تۆگىلەر سۇنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ بەش يېرىم گراملىق ئالتۇن ھالقىنى قىزنىڭ بۇرنىغا، ۋە يەنە يىگىرمە ئۈچ گراملىق بىر جۈپ ئالتۇن بىلەزۈكنى بىلىكىگە سېلىپ قويدى. 23ئاندىن:

_ سىز كىمنىڭ قىزى بولىسىز؟ سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلاردا بىز قونغۇدەك يەر بارمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

24قىز ئۇنىڭغا:

_ ناخور بىلەن مىلكاھنىڭ ئوغلى بېتۇئېلنىڭ قىزى بولىمەن. 25بىزنىڭ ئۆيدە سىلەر قونغۇدەك يەر بار ھەمدە ماللىرىڭلارغا يەم-خەشەكمۇ كەڭرى، _ دەپ جاۋاب بەردى.

26بۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى چاكار سەجدە قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىپ، 27مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگار _ خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا مەدھىيىلەر ئوقۇلسۇن! ئۇ خوجايىنىمغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ ۋە قىلغان ۋەدىسىگە سادىق بولۇپ، مېنى ئۇدۇل خوجايىنىمنىڭ ئۆز تۇغقىنىنىڭ يېنىغا باشلىدى.

28ھېلىقى قىز ئانىسىنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، يۈز بەرگەن پۈتۈن ئىشنى ئائىلىسىدىكىلەرگە سۆزلەپ بەردى. 29رىبەقانىڭ لابان ئىسىملىك بىر ئاكىسى بار ئىدى. ئۇ يۈگۈرۈپ چىقىپ، قۇدۇقنىڭ يېنىدىكى ئىبراھىمنىڭ چاكىرىنىڭ يېنىغا باردى. 30ئۇ سىڭلىسىنىڭ ھالقا ۋە بىلەزۈك سېلىۋالغىنىنى كۆرگەن ۋە سىڭلىسىدىن چاكارنىڭ دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغانىدى. ئۇ قۇدۇقنىڭ تۈۋىدە تۆگىلەرنىڭ يېنىدا تۇرغان ئىبراھىمنىڭ چاكىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، 31ئۇنىڭغا:

_ پەرۋەردىگار بەختلىك قىلغان ئادەم، نېمىشقا تاشقىرىدا تۇرىسىز؟ مەن بىلەن يۈرۈڭ، ئۆيگە بارايلى! مەن سىلەرگە ئۆي تەييارلاپ قويدۇم، تۆگىلەرگىمۇ جاي تەييارلاپ قويدۇم، _ دېدى.

32ئۇ ئۆيگە كىردى. لابان بولسا تۆگىلەردىكى ماللارنى چۈشۈرۈپ، ئۇلارغا چۆپ سالدى. ئاندىن، ئىبراھىمنىڭ بۇ چاكىرى ۋە ھەمراھلىرىغا پۇت-قوللىرىنى يۇغىلى سۇ ئېلىپ كەلدى. 33تاماقلار كەلتۈرۈلگەندە، چاكار:

_ مەن سىزگە دەيدىغىنىمنى دەپ بولمىغۇچە غىزالانمايمەن، _ دېدى.

_ قېنى، گېپىڭىزنى ئېيتىڭ، _ دېدى لابان.

34ئۇ مۇنداق دېدى:

_ مەن ئىبراھىمنىڭ چاكىرى. 35پەرۋەردىگار خوجايىنىمغا كۆپتىن-كۆپ بەرىكەت ئاتا قىلىپ، ئۇنى ئىنتايىن باي قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا قوي-كالا پادىلىرى، ئالتۇن-كۈمۈش، ئەر-ئايال قۇللار، تۆگە ۋە ئېشەكلەرنى بەردى. 36خوجايىنىمنىڭ ئايالى سارە ياشانغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەنىدى. خوجايىنىم پۈتۈن بايلىقىنى شۇ ئوغلىغا ئاتىدى. 37خوجايىنىم ئۆز تاپشۇرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن، مېنى قەسەم قىلدۇردى. ئۇ: «سەن ئوغلۇمنى بۇ يەردىكى كەنئانلىقلار ئارىسىدىن ئۆيلەندۈرمەي، 38مېنىڭ يۇرتۇمغا بېرىپ، ئۇنى ئۆز تۇغقانلىرىم ئارىسىدىن ئۆيلەپ قوي» دېگەنىدى.

39مەن خوجايىنىمدىن: «ئەگەر قىز بۇ يەرگە كەلگىلى ئۇنىمىسا، قانداق قىلىمەن؟» دەپ سورىسام، 40ئۇ: «مەن خىزمىتىدە بولۇپ كەلگەن پەرۋەردىگار پەرىشتىسىنى سېنىڭ ئالدىڭغا ئەۋەتىدۇ. ئۇ سېنىڭ ئىشىڭنى ئوڭ قىلىدۇ. سەن ئوغلۇمغا ئۆز يۇرتۇمدىكى تۇغقانلىرىم ئارىسىدىن خوتۇن ئېلىپ بەر. 41سەن تۇغقانلىرىمنىڭ ئۆيىگە بارساڭلا، ئۇلار قىزىنى بەرمىگەن تەقدىردىمۇ، قەسەمدىن يەنىلا خالىي بولغان بولىسەن» دېگەنىدى.

42بۈگۈن مەن قۇدۇق يېنىغا كەلگىنىمدە، خۇداغا دۇئا قىلىپ: «ئى پەرۋەردىگار _ خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، ئىشىمنى ئوڭ قىلغايسەن. 43مەن ھازىر قۇدۇق يېنىدا تۇرىمەن. بىرەر قىز بۇ يەرگە سۇغا كەلسە، مەن ئۇنىڭدىن: ‹كومزىكىڭىزدىكى سۇدىن ئازراق ئىچىۋالسام بولامدۇ؟› دەپ سورايمەن. 44ئەگەر ئۇ قىز قوشۇلسا ۋە تۆگىلىرىمگىمۇ سۇ ئەكېلىپ بەرسە، ئۇ سەن خوجايىنىمنىڭ ئوغلىغا تاللاپ قويغان قىز بولسۇن» دېدىم.

45دۇئايىم ئاياغلاشمايلا، رىبەقا كومزىكىنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ، قۇدۇقنىڭ يېنىغا سۇ ئالغىلى كەلدى. مەن ئۇنىڭغا: «سۈيىڭىزدىن ئازراق ئىچىۋالسام بولامدۇ؟» دېگەنىدىم.

46ئۇ دەرھال مۈرىسىدىكى كومزەكنى قولىغا ئېلىپ: «مانا، ئىچىڭ! تۆگىلىرىڭىزگىمۇ سۇ ئەكېلىپ بېرەي» دېدى. سۇنى ئىچتىم، ئۇ تۆگىلەرگىمۇ سۇ ئەكېلىپ بەردى. 47ئاندىن، مەن ئۇنىڭدىن: «سىز كىمنىڭ قىزى بولىسىز؟» دەپ سورىۋىدىم، ئۇ: «ناخور بىلەن مىلكاھنىڭ ئوغلى بېتۇئېلنىڭ قىزى بولىمەن» دېدى. شۇڭا، مەن ئۇنىڭ بۇرنىغا ھالقا، قوللىرىغا بىلەزۈك سېلىپ قويدۇم. 48شۇ ۋاقىتتا، سەجدە قىلىپ، خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ، ئىبادەت قىلدىم. چۈنكى، ئۇ مېنى ئۇدۇل خوجايىنىمنىڭ ئۆز تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ قىزىنى خوجايىنىمغا كېلىنلىككە تېپىشىمغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەنىدى.

49ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ خوجايىنىمغا سادىقلىق ۋە مېھىر-شەپقەت كۆرسەتمەكچى بولغانلىقىڭلارنى ياكى ئۇنداق قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىڭلارنى ماڭا ئېيتىڭلار. بۇنىڭدىن مەن قانداق قىلىشىمنى بىلەلەيمەن.

50لابان بىلەن بېتۇئېل چاكارغا:

_ بۇ ئىش پەرۋەردىگارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىكەن، بىز نېمە دېيەلەيمىز؟ 51مانا رىبەقا، ئۇنى ئېلىپ كەتسىڭىز بولىدۇ. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئورۇنلاشتۇرغىنىدەك، خوجايىنىڭىزنىڭ كېلىنى بولسۇن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

52ئىبراھىمنىڭ چاكىرى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، سەجدە قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى. 53ئارقىدىن، ئۇ كىيىم-كېچەك، ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن ياسالغان زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىنى چىقىرىپ، رىبەقاغا سۇندى. ئۇنىڭ ئاكىسى بىلەن ئانىسىغىمۇ قىممەت باھالىق سوۋغاتلارنى سوۋغا قىلدى.

54شۇنداق قىلىپ، ئىبراھىمنىڭ چاكىرى ھەمراھلىرى بىلەن بىللە يەپ-ئىچىپ، ئۇ يەردە بىر كېچە قوندى. ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ، رىبەقانىڭ ئۆيىدىكىلىرىگە:

_ خوجايىنىمنىڭ يېنىغا قايتىشىمغا رۇخسەت قىلغايسىلەر، _ دېدى.

55لېكىن، رىبەقانىڭ ئاكىسى بىلەن ئانىسى ئۇنىڭغا:

_ رىبەقا بىز بىلەن ئون كۈنچە تۇرۇپ، ئاندىن كېيىن بارسۇن، _ دېدى.

56لېكىن، ئۇ:

_ بىزنى كېچىكتۈرمىگەيسىلەر. پەرۋەردىگار ھەممە ئىشىمىزنى ئوڭۇشلۇق قىلغانىكەن، خوجايىنىمنىڭ يېنىغا قايتىشىمغا رۇخسەت قىلغايسىلەر، _ دېدى.

57_ بىز قىزدىن سوراپ كۆرەيلى، ئۇ نېمە دەيدىكەن، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار.

58شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار رىبەقانى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن:

_ سەن بۇ كىشى بىلەن كېتىشنى خالامسەن؟ _ دەپ سورىدى.

_ خالايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

59شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار رىبەقانى ئۇنىڭ ئىنىكئانىسى، ئىبراھىمنىڭ چاكىرى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن قوشۇپ يولغا سالدى.

60ئۇلار رىبەقاغا بەخت تىلەپ، مۇنداق دۇئا قىلدى:

«ئەي سىڭلىمىز، مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئىنسانلارنىڭ ئانىسى بولغايسەن!

ئەۋلادلىرىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلىۋالغاي!» دېيىشتى.

61رىبەقا ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدىغان دېدەكلەر سەپەرگە تەييارلىنىپ، تۆگىلەرگە مىندى. ئىبراھىمنىڭ چاكىرى رىبەقانى ئېلىپ، يولغا راۋان بولدى.

62شۇ ۋاقىتتا، ئىسھاق بېئېر-لاھايروي دېگەن يەردىن ئايرىلىپ، ئۆزى ئولتۇرۇۋاتقان كەنئاننىڭ جەنۇبىدىكى نەگېب رايونىغا قايتىپ كەلدى. 63بىر كۈنى كۈن پېتىش ۋاقتىدا ئۇ دالادا خۇدانى چوڭقۇر سېغىنىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، تۆگە كارۋىنىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

64-65رىبەقا ئىسھاقنى كۆرۈش بىلەنلا، تۆگىدىن چۈشۈپ، ئىبراھىمنىڭ چاكىرىدىن:

_ دالادا بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقان ئاۋۇ كىشى كىم؟ _ دەپ سورىدى.

_ ئۇ مېنىڭ كىچىك خوجايىنىم، _ دەپ جاۋاب بەردى چاكار.

بۇنىڭ بىلەن، رىبەقا يۈزىنى ياغلىقى بىلەن يېپىۋالدى.

66چاكار ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئىسھاققا بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردى. 67ئىسھاق رىبەقانى ئانىسى سارە ھايات ۋاقتىدا تۇرغان چېدىرغا باشلاپ كىرىپ، نىكاھىغا ئالدى. ئانىسى ۋاپات بولغان بولسىمۇ، ئۇ رىبەقانىڭ مۇھەببىتىدىن ئۆزىگە تەسەللى تاپتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى