« ئالەمنىڭ يارىتىلىشى »

31

ياقۇپنىڭ لاباننىڭ يېنىدىن قېچىشى

1ياقۇپ لاباننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ: «ئاتىمىزنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكىنى ياقۇپ بۇلىۋالدى. ئۇنىڭ پۈتۈن بايلىقى بىزنىڭ ئاتىمىزغا تەئەللۇق!» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدى. 2ياقۇپ ئۆزىمۇ لاباننىڭ بۇرۇنقىدەك دوستانە مۇئامىلە قىلمايۋاتقانلىقىنى سەزدى. 3بۇ چاغدا، پەرۋەردىگار ياقۇپقا: «سەن ئاتا-بوۋاڭ ياشىغان يۇرتۇڭغا، يەنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ يېنىغا بار، مەن ساڭا يار بولىمەن» دېدى.

4بۇنىڭ بىلەن، ياقۇپ راھىلە بىلەن لېياھقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئۆزى قوي باقىدىغان يەرگە كېلىپ، ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشنى بۇيرۇدى 5ۋە ئۇلارغا:

_ داداڭلارنىڭ ماڭا بۇرۇنقىدەك دوستانە مۇئامىلىدە بولمايۋاتقانلىقىنى سېزىۋاتىمەن. لېكىن، ئاتام ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ماڭا يار بولۇپ كەلمەكتە. 6سىلەرگە مەلۇمكى، مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئاتاڭلارنىڭ خىزمىتىنى قىلدىم. 7لېكىن، ئۇ مېنى ئالداپ، ئىش ھەققىمنى ئون قېتىم ئۆزگەرتتى. گەرچە ئۇ شۇنداق قىلغان بولسىمۇ، خۇدا ئۇنىڭ ماڭا زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويمىدى. 8لابان: «چىپار ماللار سېنىڭ ئىش ھەققىڭ» دېگەندە، پۈتۈن ماللار چىپار قوزا تۇغدى، «تاغىل ماللار سېنىڭ ئىش ھەققىڭ» دېگەندە، پۈتۈن ماللار تاغىل تۇغدى. 9شۇنداق قىلىپ، خۇدا ئاتاڭلارنىڭ ماللىرىنى ماڭا ئېلىپ بەردى.

10بىر قېتىم، قويلار جۈپلىشىدىغان مەزگىلدە، مەن بىر چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە، جۈپلىشىۋاتقان ئەركەك ئۆچكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تاغىل ياكى چىپار ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. 11خۇدانىڭ پەرىشتىسى چۈشۈمدە: «ئەي ياقۇپ!» دېدى. مەن: «لەببەي!» دېدىم. 12ئۇ: «قارا، جۈپلىشىۋاتقان ئەركەك ئۆچكىلەرنىڭ ھەممىسى تاغىل ۋە چىپار. مېنىڭ بۇنداق قىلىشىمنىڭ سەۋەبى، لاباننىڭ ساڭا قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ تۇردۇم. 13مەن بولسام بەيتەلدە ساڭا كۆرۈنگەن خۇدادۇرمەن. سەن ئۇ يەردە بىر تاشنى ماڭا ئاتاپ، خاتىرە قىلىپ تىكلىدىڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغ قۇيدۇڭ ۋە ئۇ يەردە ماڭا قەسەم بەردىڭ. ئەمدى سەن ئۆز يۇرتۇڭغا قايتىپ كېتىشكە ھازىرلان!» دېدى.

14راھىلە بىلەن لېياھ ياقۇپقا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ بىز بەرىبىر ئاتىمىزدىن بىرەر نەرسە مىراس ئالالمايمىز. 15ئۇ بىزنى تالانىڭ ئادىمى، دەپ قارايدۇ. ئۇ بىزنى ساتتى ۋە بىزنىڭ تويلۇقىمىزنىمۇ يەپ كەتتى. 16خۇدا بىزنىڭ دادىمىزدىن سىزگە ئېلىپ بەرگەن بايلىق ئەسلى دادىمىزغا ئەمەس، بەلكى بىزگە ۋە بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزگە مەنسۇپ. خۇدا سىزگە نېمە دېگەن بولسا، شۇنى قىلىڭ!

17-18بۇنىڭ بىلەن، ياقۇپ كەنئانغا، يەنى ئاتىسى ئىسھاقنىڭ يېنىغا بېرىشقا ھازىرلاندى. ئۇ ئاياللىرى، بالا-چاقىلىرىنى تۆگىگە مىندۈرۈپ، پۈتۈن مال-ۋارانلىرىنى ھەيدەپ، ئۆزىنىڭ پاددان-ئاررامدا توپلىغان مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ قېچىپ كەتتى.

19راھىلە ئاتىسى لاباننىڭ قوي قىرقىغىلى كەتكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ بۇتلىرىنى* ئوغرىلىۋالدى. 20ياقۇپ لابانغا ئۇقتۇرماي، ئوغرىلىقچە يولغا چىقتى. 21ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق تەئەللۇقاتلىرىنى ئېلىپ ئالدىراپ قېچىپ، فىرات دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گىلئاد ئېدىرلىقىغا قاراپ راۋان بولدى.

لاباننىڭ ياقۇپنى قوغلىشى

22ئۈچ كۈندىن كېيىن، لابانغا ياقۇپنىڭ قاچقانلىقى توغرىسىدا خەۋەر يەتتى. 23ئۇ ئۆز تۇغقانلىرىنى ئېلىپ، ياقۇپنى قوغلىدى ھەمدە يەتتە كۈندىن كېيىن، گىلئاد ئېدىرلىقىدا ياقۇپقا يېتىشتى. 24شۇ كۈنى كېچىدە خۇدا لاباننىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا: «ئېھتىيات قىل! ياقۇپقا توسقۇنلۇق قىلما» دېدى.

25ياقۇپ چېدىرىنى گىلئاد رايونىدىكى بىر تاغنىڭ ئۈستىگە قۇرغانىدى. لابان ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرىمۇ ياقۇپقا يېتىشىپ، چېدىرلىرىنى شۇ ئەتراپتا تىكتى.

26لابان ياقۇپقا:

_ سەن نېمە ئۈچۈن مېنى ئالداپ، قىزلىرىمنى ئەسىرگە ئوخشاش ئېلىپ كەتتىڭ؟ 27نېمە ئۈچۈن گەپ-سۆز قىلماي، ئوغرىلىقچە قاچتىڭ؟ ئەگەر سەن ماڭا ئۇقتۇرۇپ قويغان بولساڭ، مەن سېنى چوقۇم خۇشال-خۇراملىق بىلەن چىلتار چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ، داقا-دۇمباق ئىچىدە ئۇزىتىپ قويمامتىم؟ 28ئەڭ بولمىغاندا، ماڭا نەۋرىلىرىم بىلەن قىزلىرىمنى سۆيۈپ ئۇزىتىپ قويۇش پۇرسىتىنىمۇ بەرمىدىڭ. بۇنداق قىلىشىڭ بەكمۇ ئەخمەقلىق بولدى! 29ئەسلىدە ئەدىبىڭنى بېرىدىغان كۈچۈممۇ بار ئىدى. لېكىن، تۈنۈگۈن كېچە ئاتاڭ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا توسقۇنلۇق قىلماسلىقىمنى ئېيتتى. 30مەن ئۆز يۇرتۇڭنى سېغىنغانلىقىڭنى، ئائىلەڭگە قايتماقچى بولغانلىقىڭنى چۈشىنىمەن. لېكىن، مېنىڭ بۇتلىرىمنى نېمىشقا ئوغرىلاپ قاچتىڭ؟ _ دېدى.

31ياقۇپ ئۇنىڭغا:

_ مەن سىزنى قىزلىرىڭىزنى قولۇمدىن زورلۇق بىلەن تارتىپ كېتەرمىكىن دەپ ئويلاپ، ئىنتايىن قورقۇپ قاچقانىدىم. 32لېكىن بۇتلىرىڭىزغا كەلسەك، بۇتلىرىڭىز كىمدىن چىقسا، شۇ تىرىك قالمىسۇن! تۇغقانلىرىڭىز گۇۋاھ بولسۇن. قولىمىزدا ئۆزىڭىزگە تەۋە نېمە تاپسىڭىز، شۇنى ئېلىپ كېتىڭ، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى. چۈنكى، ياقۇپ راھىلەنىڭ ئاتىسى لاباننىڭ بۇتلىرىنى ئوغرىلىۋالغانلىقىنى بىلمەيتتى.

33لابان ئالدى بىلەن ياقۇپنىڭ چېدىرىغا كىرىپ ئاختۇردى. كېيىن، لېياھ ۋە ئىككى دېدەكنىڭ چېدىرلىرىغا كىرىپ ئاختۇردى. بىراق، ھېچنېمە تاپالمىدى. ئاندىن، ئۇ راھىلەنىڭ چېدىرىغا كىردى. 34راھىلە ئاتىسىنىڭ بۇتلىرىنى تۆگىدىكى خۇرجۇنغا يوشۇرۇپ قويۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئولتۇرۇۋالغانىدى. لابان چېدىرنى ئاختۇرۇپ چىقىپ، ھېچ نەرسە تاپالمىدى. 35راھىلە ئاتىسىغا:

_ خاپا بولماڭ دادا، مەن ئاي كۆرۈپ قالدىم. ئالدىڭىزدا ئۆرە تۇرغۇدەك ھالىم يوق، _ دېدى.

لاباننىڭ ئاختۇرمىغان يېرى قالمىدى، لېكىن بۇتلارنى تاپالمىدى.

36بۇنىڭ بىلەن، ياقۇپ دەرغەزەپكە كېلىپ لابانغا مۇنداق دېدى:

_ سىز مېنىڭ كەينىمدىن شۇنچە قوغلاپ كەلگۈدەك، مەن زادى نېمە گۇناھ قىلدىم، قايسى قائىدە-نىزامغا خىلاپلىق قىلدىم؟ 37پۈتۈن يۈك-تاقلىرىمنى ئاختۇرۇپ چىقتىڭىز، زادى بىرەر نەرسىڭىزنى تاپتىڭىزمۇ؟ قېنى، ئۇنى چىقىرىپ، سىزنىڭمۇ مېنىڭمۇ تۇغقانلىرىمىزنىڭ ئالدىدا كۆرسىتىڭ! كۆپچىلىك كۆرۈپ بېقىپ، ئارىمىزدا كىمنىڭ ھەق، كىمنىڭ ناھەقلىقىگە ھۆكۈم قىلسۇن. 38مەن سىزنىڭ يېنىڭىزدا بولغان يىگىرمە يىل ئىچىدە قوي، ئۆچكىلىرىڭىزدىن بالا تاشلىغىنىمۇ يوق، بىرەرسىنى يېگىنىممۇ يوق. 39يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۆلتۈرۈۋەتكەن قويلارنىمۇ سىزگە ئەكېلىپ كۆرسەتمەي، ئۆزۈمنىڭ قويلىرىمدىن سەپلەپ قويدۇم. كېچىسى بولسۇن، كۈندۈزى بولسۇن، قويلارنى ئوغرى ئالسا، ماڭا تۆلەتتىڭىز. 40مەن ھەمىشە كۈندۈزى ئىسسىقنىڭ دەردىنى تارتسام، كېچىسى سوغۇقنىڭ دەردىدىن كېچىچە كۆزۈمنى يۇمالمىدىم. 41يىگىرمە يىلدىن بۇيان سىزگە مانا شۇنداق ئىشلەپ كەلدىم. ئىككى قىزىڭىزنى ئېلىش ئۈچۈن ئون تۆت يىل، پادىلار ئۈچۈن ئالتە يىل ئىشلىدىم. شۇنداق بولسىمۇ، ئىش ھەققىمنى ئون قېتىم ئۆزگەرتتىڭىز! 42بوۋام ئىبراھىم ئېتىقاد قىلغان، ئاتام ئىسھاق ئىخلاسمەن بولۇپ كەلگەن خۇدا ماڭا يار بولمىغان بولسا، سىز مېنى چوقۇم قۇرۇق قول قايتۇرغان بولاتتىڭىز. لېكىن خۇدا مېنىڭ دەردىمنى، جاپالىق ئەجرىمنى كۆرۈپ، تۈنۈگۈن كېچە سىزنى ئەيىبلىدى.

ياقۇپنىڭ لابان بىلەن كېلىشىم تۈزۈشى

43لابان ياقۇپقا جاۋابەن:

_ بۇ قىزلار مېنىڭ قىزلىرىم، بۇ بالىلار بولسا مېنىڭ نەۋرىلىرىم. قويلارمۇ مېنىڭ قويلىرىم، كۆز ئالدىڭدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مېنىڭ. مەن قىزلىرىم بىلەن نەۋرىلىرىمنى ئېلىپ قالالمىغاندىكىن، 44بىزنىڭ بىر كېلىشىم تۈزگىنىمىز تۈزۈكتەك تۇرىدۇ. تۈزگەن كېلىشىمىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن، بۇ يەرگە تاش دۆۋىلەيلى، _ دېدى.

45-46شۇنىڭ بىلەن، ياقۇپ قولىغا چوڭ بىر تاشنى ئېلىپ، ئۇنى تىكلەپ قويدى ۋە تۇغقانلىرىغا تاش يىغدۇرۇپ، دۆۋە قىلىپ قويدى. كېيىن كۆپچىلىك تاش دۆۋىسىنىڭ يېنىدا تاماق يېيىشتى. 47لابان ئۆز تىلىدا بۇ يەرنى جەگار-ساخادۇتا دەپ ئاتىدى. ياقۇپ ئۆز تىلىدا گالېئاد [ئىككىلى سۆزنىڭ مەنىسى «كېلىشىمنى ئەسلىتىدىغان دۆۋە»] دەپ ئاتىدى.

48لابان ياقۇپقا:

_ بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ تاش دۆۋىسى ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنى ئەسلىتىش خاتىرىسى بولسۇن، _ دېدى. مانا بۇ، ئۇ يەرنىڭ «گالېئاد» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.

49لابان يەنە:

_ بىز ئايرىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئۈستىمىزدىن كۆزىتىپ تۇرسۇن، _ دېدى. شۇڭا، بۇ جاي مىزپاھ [مەنىسى «كۆزىتىش مۇنارى»] ئاتالدى. 50لابان كەينىدىن:

_ ئەگەر سەن قىزلىرىمغا يامان مۇئامىلە قىلساڭ ياكى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە خوتۇن ئالساڭ، باشقىلار بىلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئېسىڭدە بولسۇنكى، خۇدا بىزنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ. 51مەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا بۇ تاشلارنى دۆۋىلىدىم ھەم بۇ تاشنى تۈۋرۈك قىلىپ تىكلىدىم. 52بۇ بىزگە گۇۋاھ بولسۇنكى: مەن ھەرگىز بۇلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ساڭا زىيانكەشلىك قىلمايمەن، سەنمۇ بۇلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ ماڭا زىيانكەشلىك قىلمايسەن. 53ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا ئىبراھىم، ناخور ۋە ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئېتىقاد قىلغان خۇدا ھۆكۈم قىلسۇن، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن، ياقۇپ بۇ كېلىشىمگە ۋاپا قىلىش ئۈچۈن، ئۆز ئاتىسى ئىسھاق ئىخلاسمەن بولۇپ كەلگەن خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدى. 54ئاندىن، ئۇ تاغدا مال بوغۇزلاپ، قۇربانلىق قىلدى ھەمدە تۇغقانلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولدى. تاماقتىن كېيىن، ئۇلار شۇ يەردە قوندى. 55ئەتىسى تاڭ سەھەردە، لابان نەۋرىلىرى ۋە قىزلىرىنى سۆيۈپ، ئۇلارغا بەخت تىلەپ، ئۆيىگە قايتتى.



*19بۇت _ ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدىغان كىچىك تىپتىكى مەبۇد. راھىلە بۇتلارغا چوقۇنىدىغان خەلق ئارىسىدا چوڭ بولغان بولۇپ، ئۇ چاغدا ئۇ ئۆز دىنىدىن تېخى پۈتۈنلەي قايتمىغانىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى