« يوشۇۋا »

7

ئاكاننىڭ گۇناھى

1ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تەلتۆكۈس يوقىتىلىدىغان نەرسىلەردە ساداقەتسىزلىك قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزدى. ئاكان ئىسىملىك بىر كىشى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىلەردىن بىر قىسمىنى تىقىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئىسرائىللاردىن ئىنتايىن غەزەپلەندى. ئاكان بولسا يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان زەراخنىڭ ئوغلى زابدىنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، كارمىنىڭ ئوغلى ئىدى.

2يوشۇۋا بىرنەچچە ئادەمنى ئېرىخا شەھىرىدىن بەيتەل شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى بەيتئاۋەن شەھىرىگە يېقىن ئاي شەھىرىگە ئەۋەتتى. يوشۇۋا ئۇلارغا:

_ سىلەر بۇ زېمىنگە بېرىپ چارلاپ كېلىڭلار، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىلەر ئاي شەھىرىنى چارلاپ كېلىشكە يۈرۈپ كەتتى. 3ئۇلار قايتىپ كېلىپ، يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى:

_ ئاي شەھىرىنىڭ ئادىمى ئاز ئىكەن، شۇڭا بارلىق ئادىمىمىزنىڭ ھۇجۇمغا ئۆتۈشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن، پەقەت ئىككى-ئۈچ مىڭ ئادەم بارسىلا ئۇ شەھەرنى ئىشغال قىلغىلى بولغۇدەك. ئادەملىرىمىزنىڭ ھەممىسى بېرىپ، ئاۋارە بولمىسۇن!

4شۇنىڭ بىلەن ئاي شەھىرىگە ئىسرائىللاردىن تەخمىنەن ئۈچ مىڭ ئادەملا باردى. بىراق ئاي شەھىرىنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ قوغلىۋەتتى. 5ئاي شەھىرىنىڭ ئادەملىرى ئىسرائىللارنى شەھەر دەرۋازىسىدىن تاش قېزىش ئورنىغىچە قوغلاپ-سۈرۈپ بېرىپ، ئىسرائىللار دۆڭلۈكتىن تۆۋەن تەرەپگە چېكىنىۋاتقاندا تەخمىنەن 36 ئادىمىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. بۇنى كۆرۈپ ئىسرائىللار ئىنتايىن قورقۇپ، يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كەتتى. 6يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىنتايىن قايغۇردى. ئۇلار كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، باشلىرىغا توپا چېچىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا يۈزىنى يەرگە يېقىپ دۈم ياتتى. ئۇلار گۇگۇم چۈشكۈچە شۇنداق قىلدى. 7ئاندىن يوشۇۋا مۇنداق دېدى:

_ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار! سەن نېمە ئۈچۈن بىزنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ ئامورلارنىڭ قولى بىلەن ۋەيران قىلماقچى بولىسەن؟ بۇنىڭدىن كۆرە، بىزنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدا ياشىغىنىمىز ئەۋزەل ئەمەسمىدى! 8ئى ئىگەم! ئىسرائىللار دۈشمەندىن قېچىپ كەلدى. ئەمدى مەن نېمە دېيەلەيمەن؟ 9بۇنىڭدىن كەنئانلىقلار ۋە بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان بارلىق خەلق خەۋەر تاپىدۇ. ئەمدى ئۇلار بىزنى قورشايدۇ ۋە نامىمىزنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلۇغ نامىڭنى قانداق قوغداپ قالىسەن؟

10پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى:

_ ئورنۇڭدىن تۇر! سەن نېمە ئۈچۈن يۈزۈڭنى يەرگە يېقىپ، دۈم ياتىسەن؟ 11ئىسرائىللار ئۆزلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدەمگە خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزدى. ئۇلار يالغانچىلىق قىلىپ، ماڭا ئاتاپ تەلتۆكۈس يوقىتىلىدىغان نەرسىلەرنى ئۆز بىساتىغا قوشۇۋېلىپ، خىيانەت قىلدى. 12شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىللار دۈشمەنلىرىگە تاقابىل تۇرالماي، ئۇلاردىن يېڭىلىپ، ئارقىسغا قاراپ قاچتى. ھازىر ئىسرائىللارنىڭ ئۆزى ھالاكەتكە يۈزلەندى. سىلەر تىقىۋالغان نەرسىلەرنى يوقاتمىغۇچە، مەن سىلەرگە يار بولمايمەن. 13ئورنۇڭدىن تۇر! ئەمدى ئىسرائىل خەلقىنى پاكلا. ئۇلارغا: «ئۆزۈڭلارنى ئەتىكى كۈن ئۈچۈن تەييارلاپ، پاكلاڭلار. پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: ‹ئەي ئىسرائىللار، ماڭا ئاتالغان نەرسىلەرنى تىقىۋالدىڭلار! سىلەر بۇ نەرسىلەرنى يوقاتمىغۇچە دۈشمىنىڭلارغا تاقابىل تۇرالمايسىلەر!› دەيدۇ» دېگىن. 14ئەتىگەندە سىلەر قەبىلىلەر بويىچە جەم بولۇڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار كۆرسەتكەن قەبىلە، ئۆز جەمەتلىرى بىلەن ئالدىغا چىقسۇن. پەرۋەردىگار كۆرسەتكەن جەمەت، ئۆز ئائىلىلىرى بويىچە ئالدىغا چىقسۇن. پەرۋەردىگار كۆرسەتكەن ئائىلە، ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئالدىغا چىقسۇن. 15پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىلەرگە خىيانەت قىلغان كىشى، شۇ نەرسىلەر بىلەن بىرگە كۆيدۈرۈلسۇن. چۈنكى ئۇ ئىسرائىللار ئارىسىدا شەرمەندە ئىش قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدىسىنى بۇزدى.

16ئەتىسى ئەتىگەندە يوشۇۋا ئىسرائىل قەبىلىلىرىنى يىغدى، ئۇلاردىن يەھۇدا قەبىلىسى تاللاندى. 17شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا قەبىلىسىدىكى جەمەتلەر ئالدىغا چىقتى، بۇلاردىن زەراخ جەمەتى تاللاندى. ئاندىن كېيىن زەراخ جەمەتى ئائىلىلىرى بىلەن ئالدىغا چىقتى، ئۇلاردىن زابدى ئائىلىسى تاللاندى. 18ئاندىن زابدى ئائىلىسىنىڭ ئادەملىرى بىر-بىرلەپ ئالدىغا چىقتى، بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئاكان تاللاندى. ئاكان بولسا يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان كارمىنىڭ ئوغلى ئىدى. كارمى بولسا زابدىنىڭ ئوغلى، زابدى بولسا زەراخنىڭ ئوغلى ئىدى. 19يوشۇۋا ئاكانغا:

_ ئوغلۇم، راست گەپ قىلىپ، خۇدانىڭ _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يۈزىمىزنى يورۇق قىلغىن. ماڭا نېمە ئىش قىلغىنىڭنى يوشۇرماي ئېيتقىن، _ دېدى.

20ئاكان ئىقرار قىلىپ يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى:

_ راست ئېيتتىڭ، مەن ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ ئۆتكۈزدۈم. 21مەن ئۇرۇشتا ئالغان ئولجىلارنىڭ ئىچىدە بابىلنىڭ بىر چىرايلىق تونى، بەش قاداق كۈمۈش ۋە ئېغىرلىقى بىر قاداقتىن ئاشىدىغان چوكا ئالتۇننى كۆرگىنىمدە، ئۇلارنى ئېلىۋالغۇم كەلدى. ئۇلار ھازىر چېدىرىمنىڭ ئىچىدە كۈمۈش بىلەن بىرگە يەرگە كۆمۈكلۈك.

22يوشۇۋا ئاكاننىڭ چېدىرىغا ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار تېز بېرىپ، ئاكاننىڭ چېدىرىدىن يوشۇرۇلغان نەرسىلەرنى تاپتى، كۈمۈشمۇ شۇ نەرسىلەرنىڭ ئاستىدا ئىدى. 23ئۇلار ئۇ نەرسىلەرنى يوشۇۋا ۋە بارلىق ئىسرائىللارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يايدى. 24ئاندىن يوشۇۋا بىلەن بارلىق ئىسرائىل خەلقى زەراخنىڭ ئوغلى ئاكاننى، كۈمۈش، چوكا ئالتۇن، تون، ئوغۇل-قىزلىرى، كالا-قوي، ئېشەك، چېدىرى ۋە بار بىساتى بىلەن «بالايىئاپەت جىلغىسى»غا ئېلىپ كەلدى. 25ئاندىن يوشۇۋا ئاكانغا:

_ سەن نېمە ئۈچۈن بىزگە بۇ بالايىئاپەتنى ئېلىپ كېلىسەن؟ ئەمدى پەرۋەردىگار ساڭا بالا-قازا ئېلىپ كېلىدۇ، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئىسرائىل خەلقى ئاكان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى ۋە ئۇلارنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۈۋەتتى 26ھەمدە قالدۇقلىرىنىڭ ئۈستىگە تاشلارنى دۆۋىلەپ قويدى. ئۇ دۆۋىلەنگەن تاشلار ھازىرمۇ شۇ يەردە بار. مانا بۇ شۇ جىلغىنىڭ «بالايىئاپەت جىلغىسى» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى. شۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان غەزىپى ياندى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى